ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسى ۋە سودا سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.12.30
ئانتونىي بلىنكېن ئامېرىكانىڭ خىتاينى تىزگىنلەش نىشانىنى بىلدۈردى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن(Antony Blinken) ئەپەندى ئامېرىكانىڭ خىتاي سىياسىتى ھەققىدە سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 26-ماي، ۋاشىنگتون.
AP

دۇنياۋى ئاپەتكە ئايلانغان تاجىسىمان ۋىرۇسى ۋاباسى خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇنچىۋالا «ھەممىگە قادىر» كۈچ ئەمەسلىكىنى تولۇق ئاشكارىلىغان ھادىسىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ ئىچكىي قىسمىدا ئاشكارا بولغان ئىقتىسادىي چېكىنىش ھەمدە خەلقئارادىكى خىتايغا قارشى بولغان دۇنياۋى بىرلىكسەپنىڭ شەكىللىنىىشى خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئادەتكە ئايلانغان كۆرەڭلىكنى راۋرۇس «يۇمشىتىپ» ئۇلارنىڭ خەلقئاراغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «باشقىلارغا يول قويۇش» قا ئۆزگەرتتى. «ئاكسيوس» (Axios) تورىنىڭ ئوبزورچىسى بېسانى ئىبراھىميان (Bethany Ebrahimian) ئۆزىنىڭ 28-دېكابىردىكى ئوبزور ماقالىسىدە بۇ ھالنى ئەنە ئاشۇنداق تەسۋىرلەيدۇ. بولۇپمۇ 2022-يىلى نويابىردا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭنىڭ تاجىسىمان ۋىرۇسى يامرىغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم دۇنيا رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىدا ئىپادىلەنگەن دوستانىلىق ۋە خۇش پېئىللىق، ئۇنىڭ بىرنەچچە يىل ئىلگىرىكى ھاكاۋۇرلۇق ۋە تەكەببۇرلۇق بىلەن سۆز قىلىشتەك ھالىتىدىن زور دەرىجىدە پەرق قىلىدۇ.

ئوبزور ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەدەر «رايىش» لىقى ئامېرىكا تەۋەسىدە تىزىمغا ئالدۇرۇلغان بارلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا ئېلان قىلغان بارلىق بەلگىلىمىلەرگە تولۇق رىئايە قىلىشى ھەققىدىكى ۋەدىسىدىمۇ ئۆز ئەكسىنى تاپقان. بۇ ھال يالغۇز خىتاي رەھبەرلىرىنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل خىتاينىڭمۇ ئۈچ يىللىق ۋابا جەريانىدا ئەسلىدىكى مەغرۇر ھالىتىدىن چۈشكەنلىكىنى نامايەن قىلىپ بەرگەن. ئەمما ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى بارغانسېرى قاتتىق تۈس ئېلىۋاتقان مەۋقەسى ماھىيەتتە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئالاقىدىكى ئۆكتەملىكىنى ۋە پەن-تېخنىكا ساھەسىنى مونوپول قىلىۋېلىشىنى چەكلەش، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان تەمىنلەش زەنجىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

دەل مۇشۇ خىل ئۆزگىرىشنىڭ ئەڭ چوڭى نۆۋەتتە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ غوللۇق ساھەلەردىن بولغان سودا ئالاقىسىدا كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، «سىياسىيون» (POLITICO) گېزىتىنىڭ 26-دېكابىر سانىدىكى مۇلاھىزىدە بۇ ھال «ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقى ئاخىرقى ھېسابتا ئاياقلاشتى» دەپ خۇلاسە چىقىرىلىدۇ. بۇ ئەھۋال ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئەپەندى 29-دېكابىر كۈنى ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر بېتىدە ئېلان قىلغان مۇنۇ باياناتتىمۇ ئەكس ئېتىدۇ. ئۇنىڭدا ئېنىق قىلىپ: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى پەيدا قىلىۋاتقان خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مەن تۈزۈپ چىققان ئىستراتېگىيەدە شۇ نۇقتا تەكىتلىنىدۇكى، بىز دۆلەت ئىچىدىكى قۇدرەت ئاساسىمىزغا مەبلەغ سېلىشىمىز، ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىشقا كۈچ چىقىرىشىمىز ھەمدە خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىشىمىز لازىم. شۇندىلا بىز ئ‍ۆز مەنپەئەتىمىزنى ھەمدە كەلگۈسىگە بولغان قاراشلىرىمىزنى ھېمايە قىلالايمىز» دېيىلگەن.

ئوبزور ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئاقساراي ۋە دۆلەت مەجلىسى ئۈن-تىنسىز رەۋىشتە ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى قايتا قۇرۇپ چىقىۋاتقان بولۇپ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان مۇناسىۋەت ئەندىزىسى يىمىرىلىشكە باشلىغان. بولۇپمۇ خىتاينىڭ تېخنولوگىيە ساھەسىدە ھۆكۈمران بولۇۋېلىش ئارقىلىق، ئىقتىساد ۋە ھەربىي ساھەدە ئامېرىكا بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇشقا يول ئېچىشقا ئۇرۇنۇشى ئاخىرقى ھېسابتا بەربات بولۇشقا دۇچ كەلگەن. ئاپتور گېيۋېن بەيد (Gavin Bade) بۇ ھالنى ئومۇملاشتۇرۇپ: «بۇ بىر ئوكيان كەبى ئۆزگىرىشتۇر. بايدېن ھۆكۈمىتى نەچچە ئون يىل داۋام قىلغان خىتاي ھەققىدىكى سودا سىياسىتىنى ئارقىغا قايتۇردى» دەيدۇ. بۇ ئەھۋال پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ بۇ ھەقتىكى نۇتۇقلىرىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئاقساراينىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى ۋە مۇزاكىرە باسقۇچىدىكى قانۇنلىرى بۇ يىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ 2023-يىلى داۋاملىق ئالغا قاراپ «يۈرۈش قىلىۋاتقانلىقى» ئۈچۈن، ئالدىنقى ئۈچ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي بىلەن بولىدىغان سودا سىياسىتى ھەققىدىكى يېتەكچى ئىدىيەسى بىتچىت بولغان. بۇنىڭ بىلەن سابىق پرېزىدېنت دونالد ترامپ دەۋرىدىكى سودا ئۇرۇشى ۋەزىيىتىگە قايتىش نۆۋەتتىكى رېئاللىقنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشى بولۇپ قالغان. دونالد ترامپ دەۋرىدە ئاقساراينىڭ خەلقئارا ئىقتىساد ساھەسى بويىچە مەسلىھەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان كلېت ۋىللېمس (Clete Willems) بۇ ھەقتە توختىلىپ: «قارايدىغان بولساق، ھازىر خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە غايەت زور ئۆزگىرىشنى كۆرمەكتىمىز. بايدېن ھۆكۈمىتى ھازىر خىتاينى ئۆزلىرى ئۈچۈن دۆلەت خەۋپسىزلىك ساھەسى بويىچە تەھدىت، دەپ قاراۋاتىدۇ. بۇ بىز ئىلگىرى كۆرۈپ ئادەتلەنگەن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئەندىزىلەردىن ئاسمان-زېمىن پەرق قىلىدۇ» دەيدۇ.

ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، 2022-يىلى ئۆكتەبىردە ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۆزەك (chip) ئىشلەپچىقىرىشىنى چەكلەش ھەققىدە بەلگىلىمە چىقارغان بولسا، پات يېقىندا بىر قىسىم خىتاي ئەپلىرىنىڭ، جۈملىدىن «تىك-توك» نىڭ ئامېرىكا تەۋەسىدە مەنئى قىلىنىشى ھەققىدە مۇنازىرىلەر داۋام قىلىشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئامېرىكا تەۋەسىدىكى كاپىتال جۇغلانمىسىنىڭ خىتايغا ئېقىشىنى چەكلەش ھەققىدە قارار ئېلىش ئالدىدا تۇرماقتا ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى بايدېن ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان «ئامېرىكا خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى يۈكسەلدۈرۈش ۋە ھېمايە قىلىش» تەك باش نىشاننىڭ مۇھىم ھالقىلىرى بولۇپ، خىتاينىڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى تەرەققىياتىنى ھازىرقى ئىزىدا توختىتىپ قويۇش، بۇنىڭدىكى مۇھىم تېمىلاردىن بولۇپ قالغان. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى گىنا رايماندو بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بىز ئامېرىكا ئىقتىسادىنى خىتايدىن ئايرىپ تاشلايمىز، دەۋاتقىنىمىز يوق. بىزنىڭ ئارزۇيىمىز سودا ۋە مەبلەغ سېلىش پائالىيەتلىرىنى ئىقتىساد ۋە خەۋپسىزلىك ساھەسى بويىچە بىزگە تەھدىت پەيدا قىلمايدىغان، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن ئارقىلىق ھېمايە قىلىش مەۋجۇت بولغان رايونلاردا داۋام قىلدۇرۇش» دېگەن. بۇ بولسا ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «2025-يىلى خىتايدا ئىشلەنگەن» دېگەن باش نىشانىغا قارشى ئەڭ كۈچلۈك جاۋاب تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىدىكى ئەنئەنىۋى «ھەمكارلىق» نىڭ «قارشىلىشىش» قا ئ‍ۆزگىرىشىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.