ئامېرىكانىڭ مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.04.22
michigan-unversitetida-yighin.jpg مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «گېرالد فورد ئاممىۋى سىياسەتلەر ئىنستىتۇتى» دا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۇقتۇرۇشى. 2019-يىلى 18-ئاپرېل.
Social Media

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 18-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «گېرالد فورد ئاممىۋى سىياسەتلەر ئىنستىتۇتى» دا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى ھەققىدە بىر مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىنغا ئامېرىكادىكى ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندى، جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى شان روبېرتىس، روس-خۇلمان تېخنىكا ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى تىموسىي گرۇس قاتارلىقلار تەكلىپ قىلىنغان.

مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى سىياسەتلەر ئىنستىتۇتى دوتسېنتى ئان لىننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق بېسىم سىياسەتلىرى ئاستىدا ئېزىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ئىسلامى ۋە مىللىي ئادەتلىرى بويىچە سالاملاشقانلىقى ۋە ھالال-ھارامنى پەرقلەندۈرگەنلىكىدەك ئىنتايىن ئەقەللىي ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىنمۇ «رادىكاللىق» بىلەن ئەيىبلىنىپ «قايتا تەربىيە لاگېرلىرى» غا قامىلىۋاتقانلىقى ۋە ھازىرغىچە ئوخشىمىغان مەنبەلەردە ئالاھازەل 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ لاگېرغا سولانغانلىقى قاتارلىق تۈرلۈك مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن. 

يىغىندا سۆز قىلغان پروفېسسور شان روبېرتىس قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلەرنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» دېگەن ناملار ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقچىلىق تۈسىنى ئالغان سىياسەتلەر يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. 

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ يىغىن ھەققىدە توختالدى. 

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى-سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىۋاتقان تەسىرلىرىنى ئاساسىي نۇقتا قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتنى شەرھلەپ ئۆتكەن.

يېقىندىن بۇيان ئامېرىكادىكى نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا، ئىلمىي تەتقىقات ئورگانلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىلمىي دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدى. نۇرىي تۈركەل ئەپەندى يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش بىلىم يۇرتلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ داۋاملىق مۇنازىرە قىلىنىپ تۇرۇشىنىڭ بۇ مەسىلىنى داۋاملىق ھالدا جانلىق تۇتۇپ تۇرۇش، ئۇنى بىر كەڭ ئاممىۋى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش ۋە قانۇن-تۈزۈملەرنى ماقۇللاشقا تۈرتكە بولىدىغان قوزغاتقۇچ كۈچنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن زور ئەھمىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئۇ يىغىندىكى ئاڭلىغۇچىلارغىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى قانۇن لايىھىسىنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرگەن. 

يۇقىرىدىكى بۇ يىغىن «مىچىگان كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى» نىڭ 18-ئاپرېل كۈنىدىكى سانىدىمۇ ئورۇن ئالغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، شۇ كۈندىكى يىغىنغا قاتناشقان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار يىغىن ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق نۇرغۇن مەلۇماتلارنى بىلىۋالغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك سايلام ھوقۇقىنى قوللىنىپ تۇرۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوللاشقا چاقىرىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.