ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقىنى ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› كۈرىشى ئەمەس، بەلكى بىر يىرگىنچلىك باستۇرۇش»

مۇخبىرىمىز سادا
2019-05-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى.
ئامېرىكا خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى.
uscirf.gov

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىككە مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەك ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بۆلۈمىگە مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچى نەيسان سەيلس 22-ماي كۈنى «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقىنى ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› كۈرىشى ئەمەس، بەلكى بىر يىرگىنچلىك باستۇرۇش» سەرلەۋھىلىك بىرلەشمە ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» دېگەن خەلقئاراۋى ئاتالغۇنى سۇيىئىستېمال قىلىپ كەلگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

22-ماي «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىدە سام بروۋنبەك ۋە نەيسان سەيلس «بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئىزچىل ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› تىكى قانۇنلۇق ھەرىكەت، دەپ ئاتاپ كەلدى، ئەمما بۇ ئۇلار ئېيتقاندەك، ھەققانىي ھەرىكەت ئەمەس،» دېگەن.

ماقالىدا دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نورمال ھەق-ھوقۇقى، دىنىي ئەركىنلىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقتىن دۇنيادىكى باشقا مەدەنىيەتلىك دۆلەت ۋە ئەللەر بۇ ۋەزىيەتنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

ئالاھىدە ئەلچى سام بروۋنبەك ۋە نەيسان سەيلسلەر ماقالىسىدە يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى «چىدىغۇسىز ۋەزىيەت» نىڭ بارغانسېرى يامانلىشىپ بېرىشى خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» دېگەن ئۇقۇمنى سۇيىئىستېمال قىلغانلىقىدىن بولغان، دەپ كەسكىن پوزىتسىيە بىلدۈرگەن. شۇنداقلا «بىز قايتا-قايتا تەكرارلايمىزكى: خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتى ھەرگىزمۇ ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› كۈرىشى ئەمەس» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «تېررورلۇق تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن، شۇ سەۋەبلىك يىللاردىن بۇيان كۆپلىگەن دىشۋارچىلىقلارغا يولۇققان «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاينىڭ ئىزچىل «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشىدا بولۇۋاتقانلىقىنى نۇقتىلىق تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتى باشلانغاندىن بېرى يەرلىك خەلقلەرنىڭ نورمال ھەق-ھوقۇقلىرى ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قىلمىشلىرىنى دۇنياغا «خەلقئارا قانۇنغا بويسۇنغان ئاساستا ئېلىپ بېرىۋاتىمىز» دەپ پەردازلاپ كەلگەن ئىدى. سام بروۋنبەك ۋە نەيسان سەيلس ماقالىسىدە خىتاينىڭ بۇ بىلجىرلاشلىرىغا مۇنداق رەددىيە بەرگەن: «‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› ھەققىدىكى كېلىشىم ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر بىرلىكتە ئىنچىكىلىك بىلەن تۈزۈپ چىققان، ئۇزۇن-مەزگىللىك ۋە ئاسان قولغا كەلمىگەن بىر خەلقئارالىق كېلىشىمدۇر. ھالبۇكى، خىتاي بۇ كېلىشىم بويىچە ئەمەلىي تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى ماددىلىرىغا خىلاپلىق قىلدى. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى ھەقىقەتنى بۇرمىلاپ، دۇنيانىڭ ھەقىقىي تېررورلۇققا قارشى كۈرەشلىرىنى مەسخىرە قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ.»

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنۇ نۇقتىلار ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقىنى ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› كۈرىشى ئەمەس، ئۇ بىر زور كۆلەملىك يىرگىنچلىك باستۇرۇش. خىتاي بىزنى ئەنسىرىتىۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاي ‹دۇنيا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى› نىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر ئەزاسى بولۇشنى خالىسا، ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىشى شەرت شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشى شەرت.»

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قارىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەلچىلىرى ئېلان قىلغان بۇ ماقالە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىرىنىڭ «ئىنسانىي قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ بېرەلەيدىكەن.

22-ماي كۈنى يەنە «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە نىكولاس كرستوف ئىمزاسىدا «خىتاينىڭ ھەرخىل دىنلارغا قاراتقان ئورۋېلچە باستۇرۇش ئۇرۇشى» سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدىكى مۇسۇلمانلار، خرىستىيانلار ۋە بۇددىستلارنى تۇتقۇن قىلىش، نازارەت قىلىش ۋە زىيانكەشلىك قىلىش كۆلىمىنىڭ زورلۇقىدىن بۇنى دۇنيادىكى تۆتتىن ئۈچ قىسىم دۆلەتلەر بىلەنمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىدەك رېياللىق بايان قىلىنغان.

ماقالىدە نۇقتىلىق قىلىپ كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك خىتاي تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە ئائىت قىلغان سۆزى نەقىل ئېلىنغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتاي يەر شارى ئەركىنلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ھادىسە.»

نىكولاس كرستوف ماقالىسىدە خىتايدىكى دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ سانى تارىختىكى ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىش ھەرىكىتىدىن كېيىن يۈز بەرگەن يەنە بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك تۇتقۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى يۈزلىنىشى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىشىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر دىيارىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار بىر مىليون دەپ مۆلچەرلەنگەن. ھالبۇكى، ئامېرىكادىكى بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئەمەلدارلىرى ئومۇمىي تۇتقۇنلار سانىنىڭ ئۈچ مىليونغا يېقىنلىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە خىتايدىكى «تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرى» نى «يىغىۋېلىش لاگېرى» دەپ ئاتىغان.

تولۇق بەت