قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئانا تىل» بايرىمىنى تەنتەنىلىك قۇتلۇقلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2021-02-22
Share
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئانا تىل» بايرىمىنى تەنتەنىلىك قۇتلۇقلىدى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈل «ئانا تىل» كۈنىگە بېغىشلانغان «ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالى» مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 19- فېۋرال، قىرغىزىستان.
RFA/Féruze

19-فېۋرال كۈنى، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ئانا تىل» كۈنىگە بېغىشلانغان «ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالى» مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىم بىشكەك شەھىرىدىكى «ئاۋات» ئاشخانىسىدا ئۆتتى. مەزكۇر مۇراسىمغا بىشكەك شەھىرى ۋە چۇي ناھىيەسىدىكى ئالا-تاۋ، كەڭ-بۇلۇڭ، لېبېدىنوۋكا، شەرق ۋە فرۇنزې يېزىلاردىكى، شۇنداقلا توقماق ۋە قارا-بالتا شەھىرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشتى.

مۇراسىمنىڭ ئاساسى مەقسىتى-ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش ئومۇملاشتۇرۇش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋە تىلىنى ئۆگىنىشكە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بېرىشتىن ئىبارەت ئىكەن. مەزكۇر مۇراسىمغا ئۈچ ياشتىن ئون تۆرت ياشتىكى بالىلار قاتناشتى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈل «ئانا تىل» كۈنىگە بېغىشلانغان «ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالى» مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 19- فېۋرال، قىرغىزىستان.

پائالىيەت داۋامىدا ئۇيغۇر تىلىدا ئەنئەنىۋىي ناخشىلار ۋە مىللىي ئۇسسۇللار ئورۇندالدى، ئانا تىل ۋە ئۇيغۇر خەلقى توغرىسىدىكى شېئىرلار ئوقۇلدى، ھەتتا ئۇيغۇر مىللىي مارشى ئوقۇلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان باھالىغۇچىلار ئۆمىكى ئەزاسى ئاسىيەم موللاباقىيېۋا ياش قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا دېكلاماتسىيە قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، كېلەچەكتە ئۇلار تېخىمۇ ئۆسۈپ ئۇيغۇر خەلقىنى پەخىرلەندىرىدۇ دېگەن ئۈمىدى بارلىقىنى ئىزھار قىلدى.

مەزكۇر مۇراسىمغا قاتناشقان گۇلباھار خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ «ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالى» مۇراسىمى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، قىرغىزىستان مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرى يوق. ئەمما شۇنداق بولسىمۇ ئۇيغۇر مۇئەللىملەر بالىلارغا ئۇيغۇر تىلىدا شېئىرلارنى يادلىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ئۇنۇتماسلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر بالىلىرىنى مەزكۇر مۇراسىمغا باشلاپ كېلىشىپتۇ. ئۇلار «لېبېدىنوۋكا» يېزىسى مەكتىپىدىكى ماتېماتىكا مۇئەللىمى رەيھان مۇساخانوۋا ۋە «شەرق» يېزىسىنىڭ مەكتىپىدىكى رۇس تىلى مۇئەللىمى رەنا قاسىموۋالاردۇر. «شەرق» يېزىسىدىن كەلگەن سائادەت سەلىموۋا «ئۇيغۇرۇم سەن» شېئىرىنى ئوقۇپ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشلىرىغا ئېرىشتى.

«ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالى» ئىككى سائەتتىن ئوشۇق داۋام قىلدى ۋە ناھايىتى دوستانە كەيپىياتتا ئۆتتى. پائالىيەت داۋامىدا ئىخسان ئەبدۇرېيىموف «خەلقىمنىڭ زارى» ناخشىسىنى ئورۇندىدى، بىشكەك شەھىرىدىن «سېۋىم»، قارا بالتا شەھىرىدىن «سەنەم»، فرۇنزې يېزىسىدىن «كېلەچەك» ئۇسسۇل ئانسەمبىللىرى ۋە نوۋوپوكروۋكا يېزىسىدىكى مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى رۇفىنا ناسىرجانوۋا ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇللىرىنى ئورۇندىدى. ھەربىر قاتناشقۇچىغا ئۇيغۇر دوپپىسى، ئۇيغۇر كۆڭلىكى ۋە ئۇيغۇر مىللىي رەسىملىرى سوۋغات قىلىندى. بۇلار ئىچىدىكى فرۇنزې يېزىسىدىكى «كېلەچەك» ئۇسسۇل گۇرۇپپىسىغا سەھنە كىيىمى تەقدىم قىلىندى

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇرسۇناي ئىسلام خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قاتناشقۇچىلارغا تەشەككۈر بىلدۈرۈپ، مۇراسىم ئۆز مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئانا تىل كۈنىنى خاتىرىلەش مۇراسىملىرى يەنە جالال-ئاباد ۋە ئوش شەھەرلىرىدىمۇ ئۇيۇشتۇرۇلدى. قىرغىزىستاننىڭ ھەرقايسى يېزا-شەھەرلىرىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئانا تىل بايرىمىغا ئۇيغۇر جامائىتى ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، كۆرگەزمىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشتى.

قىرغىزىستاندا ھۆكۈمەت مەلۇماتى بويىچە 60 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ياشايدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ سانى بۇنىڭدىن كۆپ ئىكەنلىكىمۇ ئېيتىلىدۇ. بىراق قىرغىزىستاندا ھازىرغىچە بىرمۇ مەخسۇس ئۇيغۇر مەكتىپى ئېچىلمىغان. ئۇيغۇر بالىلىرى ئۆز ئانا تىلىنى ئۆيدە، بەزى مۇئەللىملەردىن ۋە ئىشتىن سىرتقى كۇرسلاردىن ئۆگىنىپ كەلمەكتە. ئوش ۋە جالال-ئاباد قاتارلىق جايلاردىكى زور ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈنلەي ئۆز تىلىنى يوقىتىپ، ئاساسەن ئۆزبېكىلىشىپ كەتكەنلىكى مەلۇم.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت