گېرمانىيەدە ئۇيغۇر ئانا تىل پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
2020.03.02
گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئانا تىل پائالىيىتى ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
1-مارت كۈنى «گېرمانىيە ئۇيغۇر ئانىلار بىرلىكى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، «بوغدا ئانا تىل مەكتىپى» ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ رول ئېلىشى بىلەن ميۇنخېن شەھىرىدە رەڭگارەڭ مەزمۇنلارغا تولغان ئانا تىل پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى.
پائالىيەتكە گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلىش بىلەن بىرگە قوشنا دۆلەتلەردىنمۇ بىر بۆلەك ئۇيغۇرلار كېلىپ قاتناشتى. يەرلىك گېرمان ئاھالىلىرىدىنمۇ بەزى كىشىلەر بۇ سورۇنغا داخىل بولدى.
خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر دىيارىدا جىددىي رەۋىشتە تىل، مەدەنىيەت، سەن´ئەت ۋە ئۆرپ-ئادەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈۋاتقان مۇشۇنداق بىر زاماندا «گېرمانىيە ئۇيغۇر ئانىلار بىرلىكى» نىڭ بىر قانچە ئايلار تەييارلىق قىلىپ، زور بەدەللەر ھېسابىغا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ھەم تەشەببۇس قىلىش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيىتى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا، قايىللىقىغا سازاۋەر بولدى.
زال ئىچى ئۇيغۇرچە كىيىنگەن ئاتا-ئانىلار، سەبىي ئوماق بالىلار بىلەن لىق تولغان ئىدى. سەھنىدە ئورۇنلىنىۋاتقان ھەر بىر پەردە ئويۇن تاماشابىلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالاتتى. يالغۇز كىشىلىك ناخشا، ئوپچە ناخشا، ئىتوت، بىر پەردىلىك دراما، تېپىشماق، شېئىر، قوشاق، مۇزىكا ھەمدە لەرزان ئۇيغۇرچە ئۇسسۇللار كىشىلەرنى رېيال مۇھىتتىن ئايرىپ، قويۇق مىللىي تۈس ئالغان غايىۋى ئۇيغۇر دۇنياسىغا باشلاپ كىرەتتى. ئانا تىلنى قەدىرلەش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىگە سادىق بولۇش، جازا لاگېرلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىش، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن بەدەل تۆلەش» مەزمۇن قىلىنغان ھەر تۈرلۈك نومۇرلار بىرىنىڭ ئارقىدىن يەنە بىرى ئورۇندىنىپ، زال ئىچىنى ئالقىش سادالىرىغا تولدۇرۇپ تۇراتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر دىيارىدا چەكلەنگەن ئىدى.
«گېرمانىيە ئۇيغۇر ئانىلار بىرلىكى» نىڭ ئەزالىرىدىن ھەلىمە خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتنىڭ ھەر جايدىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ يۇقىرى باھالىرىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇھې شەھىرىدىن كېلىپ ئۇيغۇر ئانا تىل پائالىيىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەپەندىمۇ نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ھاياجاندىن كۆز ياشلىرىنى تۆككەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
سەھنىدە نومۇر كۆرسىتىۋاتقان ئوماق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ كىچىكلىرى ئەمدىلا 5 ياشقا كىرگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۈستى-بېشىدىكى كانۋاي كۆينەك، بادام دوپپىلار، ئاي-يۇلتۇز سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن گالاستۇكلار، ئۇلارنىڭ چۈچۈك تىللاردا ئېيتىۋاتقان دېكلاماتسىيەسى، قوشاقلىرى ياكى سەبىيلەرچە ئۇسسۇللىرى كىشىلەرنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرەتتى. بۇلارنىڭ خىتاينىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا قارشى تىركىشىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى پائالىيەت خاتىمىسىدە قىلغان سۆزىدە «بىز ئۇيغۇرنىڭ يوقالمايدىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ بۇ مىللەتنى ھەرنېمە قىلىپمۇ يوقىتالمايدىغانلىقىنىڭ جانلىق ئىسپاتىنى يەنە بىر قېتىم كۆردۇق،» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.
قويۇق مىللىي بايرام كەيپىياتى ھاسىل قىلغان بۇ پائالىيەت چۈشتىن كېيىن سائەت 13:00 دا باشلىنىپ 16:00 دىن ئاشقاندا ئاخىرلاشتى. كۆڭۈللىرى يايرىغان ئاتا-ئانىلار ئويۇن ئاخىرىدا بۇ ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى تۇيماي قالغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.