ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ھەر خىل كەسىپلەر بويىچە كۇرس ئېچىپ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ يېتىلىشىگە ئەھمىيەت بەرمەكتە

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2023.08.28
uyghur-akademiyesi-ana-til-1 ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى ئاچقان «ئانا تىل ۋە رەسىم كۇرسى» نىڭ ئوقۇغۇچىلىرى. 2023-يىلى ماي، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى ئېچىپ، پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش ۋە مىللىي كىملىك يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپلا قالماستىن، بۇ يىل تۈركىيەدە رەسىم سىزىش كۇرسىمۇ ئاچقان. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى 2023-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى رەسمىي تۈردە ئانا تىل ۋە رەسىم كۇرسىنى ئېچىپ ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەشكە باشلىغان ئىدى. مەزكۇر ئوقۇغۇچىلار ئانا تىل ساۋات چىقىرىش سىنىپىدا ئۆگەنگەن ھەرپلىرىگە مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى ئوقۇيالايدىغان ياكى ئىملا بىلەن قۇرلارغا چۈشۈرۈپ يازالايدىغان، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تىلىدا راۋان سۆزلىيەلەيدىغان بولۇشقا باشلىغان.

ئۇلار ئۇيغۇر ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۇچرىشىش، ئۇيغۇر تىلىدىكى قوشاقلارنى يادلاش ۋە چۆچەكلەرنى ئاڭلاش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلى مۇھىتى بىلەن ئۇچراشقان. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ھەر تەرەپتىن يېتىشكەن، ئىقتىدارلىق، ۋەتەن-مىللەتكە ياراملىق ئىزباسارلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىمىز، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايون سافاكۆيدە ۋە توردا مەكتەپ دەرسلىرىدىن سىرت ھەر خىل تىپتىكى كۇرسلارنى ئېچىشنى پىلانلىغان ئىدۇق. سىنىپتا ۋە توردا ئانا تىل كۇرسى بىلەن رەسىم كۇرسى داۋاملاشماقتا. تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن سىرت ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر بالىلارمۇ تور ئارقىلىق ئىشتىراك قىلماقتا.»

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى ئاچقان «ئانا تىل ۋە رەسىم كۇرسى» نىڭ ئوقۇغۇچىلىرى. 2023-يىلى ماي، تۈركىيە.

رەسىم كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار سىدام سىزما، سۇ بوياق، شام (پاستەل) بوياق، ماي بوياق رەسىملەرنى سىزىشنى ۋە رەسىم نەزەرىيەلىرىنى ئۆگەنگەن. ئۇلارغا يەنە رەسساملىق ۋە رەسساملار ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن. رەسىم ئوقۇتقۇچىسى ئايگۈزەل خانىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «رەسىم دەرسىمىز 6-ئايدا باشلانغان ئىدى. دەسلەپتە ئۇيغۇر بالىلار زور قىزغىنلىق بىلەن تىزىملاتقان ئىدى. ئۈچ ئاي جەريانىدا راستىنىلا رەسىم سىزىشقا قىزىقىدىغانلار قالدى. بەزى بالىلارنىڭ يېشى كىچىك بولغاچقا داۋاملاشتۇرالمىدى. بەزى ئوقۇغۇچىلار رەسىم سىزىشتا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە تالانتلىق. بۇ ئوقۇغۇچىلارغا ھەر خىل تۈردە رەسىم سىزىشنى ئۆگەتكەندىن سىرت تونۇلغان رەسسام غازى ئەمەت ۋە مەرۋايىت ھاپىزغا ئوخشاش كىشىلەر توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بېرىۋاتىمەن. ياخشى كېتىۋاتىدۇ.»

ئايگۈزەل خانىم رەسىم سىزىشتا تالانتلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەدىكى رەسىم ئاكادېمىيەلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ كەسىپتە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئاچقان كۇرستا ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئۆتۈۋاتقان سەردار ساتتار ئەپەندى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئانا تىل ئۆگىتىشتە بولغان قىزغىنلىقىنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغان بەكلا يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قىزىقىپ ياخشى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى ئاچقان «ئانا تىل ۋە رەسىم كۇرسى» نىڭ ئوقۇغۇچىلىرى. 2023-يىلى ماي، تۈركىيە.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى ئۇيغۇر تىلى كۇرسلىرى ۋە مەكتەپلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ۋە پەرزەنتلەردە مىللىي كىملىك يېتىشتۈرۈشتىكى رولىنىڭ زور ئىكەنلىكى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىگە ئېغىر تەھدىت سالماقتا. شەرقىي تۈركىستاندىكى مائارىپ ۋە مەمۇرىي ئورگانلاردا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئاساسىي جەھەتتىن چەكلەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى خىتاي تىلىدا مائارىپ تەربىيەسى ئېلىشقا ۋە ئۆز تىلى ھەم مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇشقا مەجبۇرلانماقتا. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە. شۇڭا بىز ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى ۋەخپىمىزدىكى سىنىپتا ۋە تور ئارقىلىق ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ئۆگىتىۋاتىمىز. مەزكۇر كۇرسنى بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيتىش پىلانىمىز بار.»

ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى پات ئارىدا باشقا كۇرسلارنىڭمۇ باشلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز پات ئارىدا تور ئارقىلىق ۋە سەفاكۆيدىكى ۋەخپىمىزنىڭ سىنىپلىرىدا ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن ئىنگىلىزچە ۋە تۈركچە تىل كۇرسلىرى ئاچىمىز. ئۇندىن باشقا، ماتېماتىكا، ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەر بويىچە دەرس تەكرار ۋە تەييارلىق كۇرسلىرىنمۇ ئاچىمىز. بۇ كۇرسىمىزغىمۇ ئىستانبۇل ۋە تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار مۇھاجىرەت مۇھىتىدىكى ئۇيغۇر سەبىيلىرىنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى ئۇنتۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن مۇشۇ خىلدىكى تەتىللىك ۋە ھەپتىلىك كۇرسلارنى ئېچىشنى پائال داۋام قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنىڭ مۇئەييەن دەرىجىدە ئۈنۈم بېرىۋاتقانلىقىمۇ مەلۇم بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.