ئامېرىكىدا «ئانا تىل كۈنى» ئالاھىدە خاتىرىلەندى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020.02.23
Ana-Til-Kuni-Ameriki-2020-01.jpg 21- فېۋرال ئامېرىكىدا خاتىرىلەنگەن «ئانا تىل كۈنى» دىن بىر كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 21-فېۋرال. فەيىرفەكس، ئامېرىكا.
RFA/Jume

21-فېۋرال ئامېرىكىدا خاتىرىلەنگەن «ئانا تىل كۈنى» دە مۇھاجىرەتتە ئانا تىلنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنى تۇرمۇشنىڭ ھەربىر ھالقىسىغا سىڭدۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.

پائالىيەتنى ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىغا جايلاشقان «مېھرىبان ئانا مائارىپى» جەمئىيىتى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ھەمكارلىشىپ تەشكىللىگەن. فەيىرفەكس شەھىرىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەت مەركىزىنىڭ زالى بۇ ئالاھىدە كۈن ئۈچۈن كەلگەن ھەر ساھە زاتلىرى، ئاتا-ئانىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر بىلەن تولغان ئىدى.

پائالىيەتكە يەنە مەلۇم ساندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىلىق دوستلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.

بۇ كۈننى تولىمۇ مەنىلىك بىر كۈن دېيىشكە بولاتتى. چۈنكى بۇ كۈن «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلار بىر يەرگە يىغىلىپ، ئۆز ئانا تىلىغا بولغان سۆيگۈسىنى ئىزھار قىلىشقان بىر كۈن بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە، ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن تۈرمىدە ئازاب چەككەن ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپمۇ ئىشتىراك قىلغان ئالاھىدە بىر كۈن ئىدى.

ئالدى بىلەن سۆزگە چىققان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قۇززات ئالتاي ئەپەندىم يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا رەھمەت ئېيتقاچ، ئابدۇۋەلى ئايۇپنى قىسقىچە تونۇشتۇردى ۋە ئۇنى سەھنىگە تەكلىپ قىلدى.

چاۋاك ۋە ئالقىش سادالىرى ئىلىكىدە نۇتقىنى باشلىغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۇيغۇر ئانا تىلىنى مۇھاجىرەتتە قانداق ساقلاپ قېلىش ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە، ئانا تىلنى شەنبە يەكشەنبىلەردىكى كۇرسلاردا ئاڭلايدىغان تىل ئەمەس، بەلكى ئۇنى تۇرمۇشتىكى بارلىق ھالقىلارغا سىڭدۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ئۇنىڭ سۆزى تاماملانغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا جامائەت تەييارلىغان بىر لەۋھە تەقدىم قىلىندى ۋە ئانا تىل كۇرسىنىڭ غۇنچىلىرى بىردىن كېلىپ ئۇنىغا گۈل تۇتتى. بۇ كۆرۈنۈش ئىنتايىن تەسىرلىك بولغان ئىدى. ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ ھاياجان ياشلىرى ئەگىيتتى.

پائالىيەت شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، ناخشا مۇزىكىلارنى ئورۇنلاش شەكلىدە داۋام قىلدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ 2011-يىلى ئامېرىكادىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، يۇرتىغا قايتقان ۋە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن قىلغان پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك 2013-يىلىدىن 2014-يىلغىچە تۈرمىگە تاشلانغان. ئۇ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن ۋە ئۆتكەن يىلى نورۋېگىيەگە كۆچۈپ كەتكەن. ئۇ بۇ قېتىم ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلگەن ئىدى.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۆزىنىڭ مەزكۇر پائالىيەتتىن ئالغان تەسىراتىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.