ئۇيغۇرلار ھەرخىل پائالىيەتلەر بىلەن «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلىدى

21-فېۋرال «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نىڭ ئالدى-كەينىدە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەرخىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەر بىلەن بۇ كۈننى خاتىرىلىدى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەلگۈسى ئۈستىدە مۇھاكىمىلەرنى ئېلىپ باردى.

سوتسىيال مېدىيادا تارالغان بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلاردا ئۇيغۇر تىلىغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت ئىزھار قىلىنىپلا قالماي، ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە قانداق قىلىپ ئۇنى مائارىپ تىلىغا ئايلاندۇرۇش باش تېما قىلىنغان ئىلمىي ماقالىلەرمۇ ئورۇن ئالدى.

بۇ كۈنى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى «ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتا ئانا تىل مائارىپىنىڭ مۇھىملىقى» دېگەن تېمىدا مەخسۇس تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇردى.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەتتە، شىۋېتسىيەدىن زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم، نورۋېگىيەدىن گۈلنار ئىمام خانىم ۋە ئاۋسترالىيەدىن سەلىمە كامال خانىم قاتارلىقلار ئانا تىل مائارىپى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

خىتاي دائىرىلىرى 2016-يىلى كۈزدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مائارىپ ساھەسىدىن پۈتۈنلەي چەكلەپلا قالماي، ئۇيغۇر مائارىپىغا مۇناسىۋەتلىك نوپۇزلۇق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، نەشرىياتچىلىرى ۋە يازغۇچىلىرىنى تۈركۈملەپ قولغا ئالغان.

ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان سانسىزلىغان ئوقۇشلۇق ۋە بىر قىسىم «سەزگۈر كىتابلار» نىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقى رادىيومىز تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغان.

خىتاي بۇ جەرياندا يەنە، 1. 8 مىليوندىن 3 مىليونغىچە بولغان ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا تاشلىغان. كېيىنكى خەۋەرلەردە لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراپلا قالماي، جىنسىي تاجاۋۇز ۋە خورلاشلارغا دۇچار بولىدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ‍ مەجبۇرىي ھالدا تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغانلىقى، رايوندىكى تۇغۇت نىسبىتىنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەنلىكى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئاشكارىلانغان.

شۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاش سادالىرى كۈچەيگەن.

نەتىجىدە، ئامېرىكىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 19-يانۋار «ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارىنى» ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈگۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.

سوتسىيال مېدىيادا تارالغان ئۇچۇرلاردا يەنە ئۆز ئانا تىلىنى قوغداشنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.