ئىككىنچى قېتىملىق «شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» پائالىيىتى سىۋاس شەھىرىدە باشلاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2021-09-17
Share

17-سېنتەبىر كۈنى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى يېقىنلىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن «شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» پائالىيىتىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سەپىرى سىۋاس شەھىرىدە باشلاندى.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ قېتىملىق ئاناتولىيە سەپىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى 14 ۋىلايەتكە بېرىپ، خەلققە نەق مەيداندىن ئاڭلىتىشنى نىشان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر نىشانغا يېتىش ئۈچۈن بىر ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىدىكەن.

مەدىنە نازىمى خانىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى بىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئائىلە ئەزالىرى بىۋاستە خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ خەلققە بىۋاسىتە ئەھۋالنى ئاڭلاتقىنىدا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى، لاگېر تۇتقۇنلىرى يېقىنلىرىنىڭ خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

«شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» پائالىيىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى سىۋاس شەھرى بولۇپ، پائالىيەت ئاناتولىيە ياشلار تەشكىلاتى، تۈرك ئوجاقلىرى ۋە مىللىي ياشلار ۋەخپى قاتارلىق پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن. سىۋاس شەھەر مەيدانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەت يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە سىۋاس خەلقىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئىنتايىن قىزغىن داۋاملاشقان.

ئىلى مەشرىپى ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ رەئىسى قۇدرەت غۇلجا ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، سىۋاستىكى پائالىيەتلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى يېقىنلىرى خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئائىلە ئەزالىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ۋە خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 18-دېكابىر باشلانغان «مىللەت نۆۋەتتە» پائالىيىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيەگە ۋە دۇنياغا تونۇتۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، «شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» پائالىيىتىنىڭ مەقسىتى ۋە نىشانى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

خىتاي ھۆكىمىتى 2016-يىلىدىن بۇيان يىغىۋېلىش لاگېرى ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش سىياسىتىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ قانات يايدۇرغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتى سەۋەپلىك نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەر پارچىلانغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت