«شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» ناملىق پائالىيەت قەيسەرى، نەۋشېھىر ۋە ئادانا خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن
2021.08.17
«شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» ناملىق پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىۋاتقان لاگېر قۇربانلىرىنىڭ يېقىنلىرى مەزكۇر سەپەرنىڭ تۆتىنچى، بەشىنچى ۋە ئالتىنچى بېكىتى بولغان قەيسەرى، نەۋشەھىر ۋە ئادانا شەھەرلىرىدە خەلقنىڭ زور قوللىشىغا ئېرىشتى.
لاگېر قۇربانلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە يېقىنلىرى بىر يېرىم يىل بۇرۇن «ئائىلەم قەيەردە» ناملىق پائالىيەت باشلىغان بولۇپ، كېيىن بۇ پائالىيەتنى «مىللەت نۆۋەتتە» دېگەن نامدا ئېلىپ بارغانىدى. ئۇلار ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، تۈرك خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كۆپ تۈركىيە ئاممىسىغا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن 2-ئاۋغۇست كۈنى «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» نامىدا پۈتۈن تۈركىيەنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئاڭلىتىش پائالىيىتىنى باشلاتقان ئىدى. بۇ پائالىيەتنىڭ تۆتىنچى، بەشىنچى ۋە ئالتىنچى بېكىتى بولغان قەيسەرى، نەۋشەھىر ۋە ئادانا شەھىرلىرىدىكى پائالىيەتلەرمۇ تۈرك خەلقىنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
9 نەپەر ئۇيغۇر ياشتىن تەركىب تاپقان لاگېر قۇربانلىرىنىڭ يېقىنلىرى 16-ئاۋغۇست كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان ئادانا شەھرىدىكى ئەڭ چوڭ باغچىنىڭ ئىچىدە ئىمزا توپلاش، رەسىم كۆرگەزمىسى ۋە مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.
مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنىغا تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىدىن «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى ئادانا شۆبىسىنىڭ رەئىسى ۋە ئەزالىرى، ئادانادا شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەزەربەيجانلىقلار، ئۆزبەكلەر، تاتارلار ۋە يەرلىكلەرنىڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىدىن بولۇپ، كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.
لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ ئادانادىكى پائالىيەتلىرىگە ساھىبخانلىق قىلغان «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر ۋولقان چىچەك ئەپەندى مەتبۇئات باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتكەن. ئۇ باياناتتا نۇقتىلىق ھالدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىلغان: «شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئىنسانلىق نامىدىن ‹بۇنى توختات› دەيلى. ئەي، تۈرك مىللىتى، ئىسكەنجە، زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلانغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاتا يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلارنىڭ تاقىلىشى، زۇلۇمنىڭ تۈگىشى، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن قولىمىزدىكى بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازىنى تۈركىيە ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش بىزنىڭ مىللىي ۋە ئەخلاقىي بۇرچىمىزدۇر. بۇ مەقسەت بىلەن بىز بۈگۈن بۇ يەردە يىغىلىپ ئولتۇرۇپتىمىز. بىز تۈرك خەلقى نامىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پەريادىغا قۇلاق سېلىشقا چاقىرىمىز.»
ئارقىدىن بۇ پائالىيەتكە ئىزچىل ھالدا ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقان ياشلاردىن مىرزەھمەت ئىلياس ئەپەندى مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن: «ھۆرمەتلىك ئادانالىقلار، تۈرك خەلقى ۋە مۇخبىرلار، خىتا 1949-يىلى بېسىۋالغان كۈنىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى 2017-يىلى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلاندۇردى. بۈگۈن 7 دۆلەت ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى قوبۇل قىلدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي 1 مىليون ئۇيغۇر بالىنى ئاتا-ئانىسىدىن، ئانا تىلىدىن ۋە ئۇيغۇر مەدەىيىتىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇپ، جىددىي تۈردە خىتايلاشتۇرۇۋېتىپتۇ. تۈرك خەلقى بۇلارنى بىلسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ قانچىلىك زور ۋەھىمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتمەيۋاتىدۇ. شۇڭا بىز جازا لاگېرلىرى قۇربانلىرىنىڭ يېقىنلىرى تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىنى ئايلىنىپ، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى تۈرك قېرىنداشلىرىمىزغا ئاڭلىتىۋاتىمىز. قېرىنداش خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈرك خەلقىنىڭ ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىنى ھەم ئۇلارغا ئىگە چىقىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»
مەتبۇئات باياناتى يىغىنىدا سۆز قىلغان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن مەدىنە خانىم، تۈرك پۇقراسى بولغان سىڭلىسى مەۋلۇدەنى خىتاينىڭ «بۆلگۈنچى» دەپ ئەيىبلەپ سولاپ قويغانلىقىنى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنى خىتاي لاگېرلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققانلىقىنى، خىتاي لاگېرلىرىدا يېتىۋاتقان تۈرك پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇرلارغا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىگە چىقىشى لازىملىقىنى بايان قىلغان.
لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندى 2-ئاۋغۇست كۈنى بۇرسا 15-ئىيۇل مەيدانىدا باشلانغان جازا لاگېرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان كۆرگەزمىدىن كېيىن، مۇغلا، كونيا قاتارلىق شەھەرلەرنى ئايلىنىپ، 12-13-14-ئاۋغۇست كۈنلىرى قەيسەرىدە، 15-ئاۋغۇست كۈنى نەۋشەھىر ۋىلايىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇ شەھەرلەردە تۈرك خەلقىنىڭ زور ئالقىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلدى.
«شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» ناملىق پائالىيەتنىڭ ئىككىنچى ھەپتىسى ئادانا شەھىرىنىڭ ئەڭ چوڭ باغچىسىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلغان بولۇپ، كۆرگەزمىگە لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغان، لاگېرلاردا ئۆلتۈرۈلگەن زىيالىيلار، ئالىملار، جامائەت ئەربابلىرى، كارخانىچىلار، داڭلىق شەخسلەر ۋە لاگېر قۇربانلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتلىرى قويۇلغان.
ئىگىلىشىمىزچە بۇ پائالىيەت تۈركىيەنىڭ ئادانا شەھرىدىن كېيىن گازىئانتەپ شەھىرىدە داۋام قىلىدىكەن.