«ئانىلار كۈنى» دە ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ داد-پەريادى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

0:00 / 0:00

«ئانىلار كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن 8-ماي كۈنى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىدە «ئانىلار كۈنى ۋە ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئېغىر ۋەزىيىتى» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن تۈركىيەنىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلانغان. يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى تۈرك دۇنياسى ئاياللار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مۇئاللا يۈجەل خانىم بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ باش كاتىپى سەمرا ئۇيغۇر بىداق خانىم سۆزلىدى. يىغىنغا ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن سىرت قىرغىزىستاندىن قۇندۇز مامبەتوۋا خانىم، قازاقىستاندىن ساۋلە يولجۇ خانىم، ئۆزبېكىستاندىن گۈلشات ئىبراھىموۋا خانىم ۋە ئەزەربەيجاندىن لالەندار نوۋرۇزوۋا خانىم قاتارلىقلار قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان.

يىغىن توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سەمرا ئۇيغۇر بىداق خانىم پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئانىلار كۈنىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئانا بولۇش قانداق بىر تۇيغۇ؟ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئانىلارنىڭ بېشىغا نېمىلەر كېلىۋاتىدۇ؟ ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقى نېمە؟ ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ بۇرۇنقى ئەھۋالى قانداق ئىدى؟ ھازىر قانداق؟ بۇ مەسىلىلەرگە قانداق چارە تاپالايمىز؟ بىز خانىم-قىزلار ئۇلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايمىز؟ بۇلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر ئانا فاتما باھادىر خانىم ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى».

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىدە «ئانىلار كۈنى ۋە ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئېغىر ۋەزىيىتى» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 8-ماي، تۈركىيە.

سەمرا ئۇيغۇر خانىم شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى ۋە باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرخىل پائالىيەتلەر بىلەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ قانداق تەسىرى بولۇۋاتىدۇ؟ دېسىڭىز. بۈگۈنكى يىغىنىمىزغا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن ئاياللارمۇ ئىشتىراك قىلدى. ئۇلار ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرنى ئۇيغۇر شاھىتلارنىڭ ئۆز ئېغزىدىن ئاڭلىدى. بۇ ئاياللار ئۆلكىلىرىگە قايتقاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندىكى خانىم-قىزلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋەھشىيلىكلەرنى خەلقىگە ئاڭلاتماقچى بولدى. بۇندىن كېيىن تۈرك دۇنياسىدا ‹ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى›نى قانداق ئاڭلىتىش ھەققىدە بەزى پىلانلارنى تۈزدۇق».

8-مايدا «ئانىلار كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا فاتما باھادىر ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايالمۇ سۆز قىلغان. ئۇ، بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر يىغىندا 1996-يىلى يولدىشى ئاتا-ئانىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە بارغاندا خىتاينىڭ تۇتۇپ مۇددەتسىز كېسىۋەتكەنلىكىنى، ئىككى بالىسىنى دادىسىز چوڭ قىلغانلىقىنى، يولدىشىنىڭ ھازىر ھاياتتىمۇ ياكى ۋاپات بولدىمۇ ئۇنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

فاتما باھادىر خانىم يىغىندىن ئالغان تەسىراتى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ بالىلىرىغا ئانا تىلىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆگىتىپ، ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى قوغداپ قېلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قالغاندىلا ئۇيغۇرلارنىڭ چوقۇم مۇستەقىللىقىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

«ئانىلار كۈنى» ئانىلارنى خاتىرىلەش ۋە ئانىلارغا بولغان ھۆرمەتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئوخشىمايدىغان كۈنلەردە ئۆتكۈزۈلگەن بىر كۈندۇر.