ئاقساراينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى: ئامېرىكا خىتايغا ئېمبارگو قويۇشى مۇمكىن

مۇخبىرىمىز جۈم
2020.05.24
Robert-OBrien.jpg ئاقساراينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبرايېن ئەپەندى.
Social Media

ئاقساراينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبرايېن ئەگەر بېيجىڭ خوڭكوڭدا خەۋپسىزلىك قانۇنىنى ئىجرا قىلسا، ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگوسىغا ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، بۇ سۆزلەرنى ن ب س تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى خىتاي خوڭكوڭغا ئالاقىدار دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنى ماقۇللاشقا تۇتۇنغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

ئوبرايېن بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ خوڭكوڭنى پۈتۈنلەي ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە خوڭكوڭنىڭ خەلقئارا ئورنى ھەققىدە توختىلىپ، ئەگەر خىتاي خوڭكوڭنى پۈتۈنلەي ئۆتكۈزۈۋالسا خوڭكوڭنىڭ خەلقئارالىق پۇل-مۇئامىلە مەركىزى بولۇش سالاھىيىتىنى ساقلاپ قېلىشى گۇمانلىق ئىكەنلىكنى بىلدۈردى.

ئۇ، خوڭكوڭنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغانلىقى، خوڭكوڭدا ئەركىن بازارنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى، شۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن پۇل-مۇئامىلە ساھەسىنىڭ خوڭكوڭنى ماكان تۇتقانلىقىنى ئېيتتى. 

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەگەر بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقالسا، پۇل-مۇئامىلە ساھەسىنىڭ يەنە خوڭكوڭدا تۇرالايدىغان تۇرالمايدىغانلىقىغا بىرنەرسە دېيەلمەيمەن. ئەگەر خوڭكوڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيە تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان بولسا ئۇلار ئۇ يەردە تۇرمايدۇ.» 
خىتاينىڭ خوڭكوڭغا مۇناسىۋەتلىك دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنى بۇ نۆۋەتلىك «ئىككى قۇرۇلتاي» مەزگىلىدە تونۇشتۇرۇلغان ۋە بۇ قانۇننىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

بۇ قانۇن ماقۇللىنىپ خوڭكوڭدا ئىجرا قىلىنسا، خوڭكوڭلۇقلار يىللاردىن بۇيان بەھرىلىنىپ كەلگەن، پىكىر، يىغىلىش ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى قاتارلىق نېگىزلىك ئەركىنلىكلەرنىڭ پۈتۈنلەي چەكلىنىدىغانلىقى، مۇشۇنىڭغا ئالاقىدار بەزى ھەرىكەتلەرنىڭ جىنايەت شەكىللەندۇردىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. 

بۇ ھەقتە توختالغان روبېرت ئوبرايېن، ئەگەر بۇ قانۇن ئىجرا قىلىنسا خوڭكوڭنىڭ ئالىي ئاپتونومىيەسىنى ساقلاپ قالالمايدىغانلىقىنى، نەتىجىدە ئامېرىكىنىڭ ئۆتكەن يىلى ماقۇللىغان «خوڭكوڭ دېموكراتىيە قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ خىتايغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.