ئاتا-ئانىسىز غېرىبسىنىپ قالغان توي-نىكاھلار

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2024.08.16
ata-anisiz-toy
Photo: RFA

«. . . چۈنكى يېنىمدا تايىنىدىغان، قولۇمدىن تۇتىدىغان دادام يوق ئىدى. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئاق كۆڭلەك كىيىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى خالىمىدىم. مانا بىردەمدە تۆت يىل بولدى، تېخىچە دادامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. چوڭ بولۇپ، تۇرمۇش قۇرۇپ، مانا ئەمدى پەرزەنتلىكمۇ بولدۇم، ئەمما بۇ خۇشاللىقلارنىڭ ھېچبىرىدىن دادامنىڭ خەۋىرى يوق. . .»

بۇ قۇرلار 2017-يىلى خىتاي دائىرىلىرى لاگېرغا ئېلىپ كەتكەن ئېلىجان مامۇتنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق قىزى شەھىدە ئېلىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدىن ئېلىنغان قىسقا ئۈزۈندە. ئۇ دادىسى ھەققىدە سوئال سورىغىنىمىزدا سۆز قىلالماستىن كۈندىلىك خاتىرىسىگە يازغان دادىسى ھەققىدىكى پارچىلارنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇ خاتىرىسىگە يەنە مۇنۇلارنى يازغان: «شۇنداق بىر كۈن كېلىپ، دادامنى چىڭ قۇچاقلاپ پۈتۈن دەردلىرىمنىڭ ۋە سېغىنىشلىرىمنىڭ تۈگىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. بىر ئىنساننىڭ ئۆز دادىسى بىلەن جەم بولۇشىدەك تەبئىي ۋە نورمال بىر ئەھۋالنىڭ، مەن ۋە ماڭا ئوخشاش قىزلار ئۈچۈن قانچىلىك قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى پەقەت ئۆزىمىزلا بىلىمىز. قاچان كېلىدىغانلىقنى بىلمىسەممۇ، شۇ كۈن كەلگۈچە، قىزىمغا ھەر ۋاقىت دادام بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنى ھېكايە قىلىپ بېرىمەن. ئانا تىلىدا راھەت پاراڭلىشالىغۇدەك ئۇيغۇرچە ئۆگىتىمەن. قىزىممۇ ئۇخلاشتىن بۇرۇن جىق كەمپۈت بىلەن ئويۇنچۇقلارنىڭ يېنىدا (ئولتۇرۇپ) ئاللادىن ‹چوڭ دادامنى ئەكەپ بېرىڭ› دەپ دۇئا قىلىشقا كۆنۈپ كەتتى.»

شەھىدە ئېلى 2020-يىلى 9-ئايدا توي قىلغان. ئۇ تېخى يېقىندا ئىككىنچى پەرزەنتىنى قۇچىقىغا ئالغان بولۇپ، دادىسىغا ئۆزىنىڭ بالا ۋاقىتلىرىغا ئوپمۇئوخشاش بۈدرە چاچلىق، ئىككى ساغلام نەۋرىسىنىڭ بولغانلىقىنى ئېيتىش ئىمكانىيىتىمۇ بولمىغان.

شەھىدە زىيارىتىمىز داۋامىدا بالىلىرى چوڭ بولغانسېرى ئاتا-ئانىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئويلايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، تۇرۇپ-تۇرۇپ يىغا تۇتۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ سۆزلىرىنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى.

گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق يەنە بىر ئۇيغۇر قىز (كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىدى)مۇ توي قىلغىلى بەش يىل بولغان بولۇپ، ئۇنىڭمۇ توي قىلغانلىقىدىن دادىسىنىڭ خەۋىرى يوق ئىكەن. ئۇ نىكاھ كۈنىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «نىكاھ كۈنى، نىكاھىمىزنى ئوقۇيدىغان ئىمام ماڭا ۋەلى بولۇش ئۈچۈن دادامنى سورىغاندا، دادامنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى ئېيتتۇق. نىكاھىمىزغا كەلگەن ھەممەيلەن خىلى ئۇزۇنغىچە جىمجىت ئولتۇرۇپ كېتىشتى.»

ئۇ قىزنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ دادىسىنىڭ لاگېرغا سولانغانلىقىنى، كېيىنچە قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى باشقىلاردىن ئاڭلىغان. ئەمما ھازىرغىچە دادىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىغان. ئۇ بىر كۈنى دادىسى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۆزىنىڭ شۇنداق ياخشى بىر يىگىت بىلەن توي قىلغانلىقىنى، ئىككى پەرزەنتلىك بولغانلىقىنى ۋە بەختلىك ئىكەنلىكىنى، دادىسىنىڭ ئۇنىڭدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىشنىڭ خىيالىنى قىلىدىكەن.

ئۇ زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا، پات يېقىندا ئېكراندا بولسىمۇ، ئاتا-ئانىسىنى قىزلىرى بىلەن تونۇشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىندا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قەيسەرى شەھرىدە تۈركىيەلىك ئۇيغۇر قىزى فاتمانۇر جانتۈرك بىلەن تۇرپاننىڭ قارا غوجا يېزىسىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئابدۇللا ئابدۇراخماننىڭ داغدۇغىلىق توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. توي مەرىكىسىگە يىراق يېقىندىن شۇنداق كۆپ مېھمانلار كېلىپ قىز-يىگىتنىڭ بۇ قۇتلۇق كۈنىنى تەبرىكلىگەن بولسىمۇ، ئەمما يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ نىكاھ ۋە توي مۇراسىملىرىنىڭ ھېچبىرىدە يوق ئىكەن.

ئابدۇللا تۇرپاننىڭ قارا غوجا يېزىسىدىن بولۇپ، 2016-يىلى ئوقۇش ئۈچۈن يۇرتىدىن ئايرىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئاتا-ئانىسى بىلەن نورمال ئالاقىدە بولۇپ باقمىغان. ئۇ 2024-يىلى مارتتا تۈركىيەدىكى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىسلام ھوقۇقى بىلىملىرى بويىچە ماگىستىرلىقنى تۈگەتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئىستانبۇل ساباھەتتىن زايىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئەرەب تىلى بۆلۈمىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەيدىكەن.

ئابدۇللا يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن، ياخشى مەكتەپكە ئىشقا ئورۇنلاشقان، ئەمدى بولسا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان قىز بىلەن توي قىلغان بولسىمۇ بۇ خەۋەرلەرنىڭ ھېچبىرىنى ئاتا-ئانىسىغا ئېيتالمىغان. مۇشۇ يوسۇندا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان قىممەتلىك دەقىقىلەرنىڭ ئورنىنى مەڭگۈ تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئويلىغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ بەك ئېچىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مۇشۇنداق قۇتلۇق كۈنىمىزدە ئاتا-ئانىمىز، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز يېنىمىزدا بولغان بولسا يۈرىكىمىز توق تۇراتتى. . .»

فاتمانۇر توينىڭ ئالدى-كەينىدىكى چوڭ-كىچىك مۇراسىملاردا ئۆز ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى يېنىدا تۇرغاندا، ئابدۇللانىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭمۇ ئۇلارنىڭ بۇ قۇتلۇق كۈنىدە يېنىدا بولۇشىنى نەقەدەر ئۈمىد قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاخىرىدا ئابدۇراخمان رادىيو دولقۇنلىرى ئارقىلىق ئاتا-ئانىسىغا يۈرەك سۆزلىرىنى يوللىغۇسى بارلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «سالامەتلىكىڭلارنى ئاسراڭلار، بىزدىن ئەنسىرىمەڭلار، كېلىن قىزمۇ ياخشى، بۇ يەردىكى ھەممەيلەننىڭ سىلەرگە چوڭقۇر سالىمى بار.»

2014-يىلى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھاممۇ يېقىندا توي قىلغان. ئەمما ئۇمۇ ئاتا-ئانىسى ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى لاگېر ياكى تۈرمىلەرگە قامىلىش سەۋەبىدىن تويىغا كېلەلمىگەن مۇھاجىرەتتىكى مىڭلارچە قىز-يىگىتلەرنىڭ بىرى قاتارىدا ئۆمرىدە بىر كېلىدىغان توي شادلىقىنى ھېچكىم بىلەن ئورتاقلىشالمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.