غۇلجا شەھىرىدىكى دادا-بالا تۇتقۇنلاردىن ئەنۋەر تۇرسۇنغوجا بىلەن ئەزىمەت ئەنۋەرنىڭ يولسىز تۇتقۇن قىلىنىش مەسىلىسى، خەلقئارا ئادۋوكاتلارنىڭ قول تىقىشى بىلەن ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىغا يېتىپ بارغان ۋە بۇ ئورگانلار، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ماتېرىيال يوللاپ بۇ دادا-بالىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقان مەزگىلىدە، ئوغۇل ئەزىمەت ئەنۋەرنىڭ 15 يىللىق كېسىلگەنلىك ئۇچۇرى ئوتتۇرىغا چىقتى. مەسئۇل ئادۋوكات مايكىل پولاك ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرلىكتە، بۇ دادا-بالا مەھكۇملارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن باشلىغان ھەرىكىتىنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
غۇلجا شەھىرىدىكى تاكسىم سودا سارىيىنىڭ ساھىبى ئەنۋەر تۇرسۇنغوجا تۈركىيە بىلەن تىجارەت قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەزىمەت ئەنۋەر تۈركىيەدە ئوقۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن 2018 -يىلى 1 -ۋە 4 -ئايلاردا تۇتقۇن قىلىنغانىدى. بۇ دادا-بالا تۇتقۇنلارنىڭ كانادا، نورۋېگىيە، گېرمانىيە ۋە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ گۇۋاھلىق باياناتلىرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، «چەتئەلدىكى ئادالەت» ناملىق ئادۋوكاتلار شىركىتى بۇ ھەقتە دېلو تۇرغۇزۇپ، ئەھۋالنى بۇ يىل 3 -ئايدا ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىغا يوللىغانىدى. مەزكۇر شىركەتنىڭ تور بېتىدىكى بىر خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەسئۇل ئادۋوكات مايكىل پولاك ئۆتكەن ئاينىڭ 14 -كۈنى، ب د ت نىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ۋىدىيولۇق كۆرۈشكەن ۋە بۇ كۆرۈشۈشتە ئۇنىڭغا، مەزكۇر دادا-بالىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ھەم نەدە ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات تەلەپ قىلىپ خىتاي تەرەپكە ماتېرىيال يوللانغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت ئورگانلىرى ۋە دادا-بالا تۇتقۇننىڭ چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاي تەرەپتىن بىر جاۋاب كۈتۈپ تۇرغان بۇ مەزگىلدە تۇتقۇن ئەزىمەت ئەنۋەرنىڭ قورغاس ناھىيەسىدە ئېچىلغان بىر سوتتا 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىك خەۋىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەزىمەت ئەنۋەرنىڭ كانادادىكى ھاممىسى مۇنەۋۋەر تۇرسۇنغوجانىڭ رادىيومىزغا بايان قىلىشىچە، مەزكۇر سوت ئۆتكەن ئاينىڭ دەسلەپكى ھەپتىسى ئېچىلغان؛ سوتقا ئەزىمەت ئەنۋەرنىڭ ئانىسى ۋە سىڭلىسى قاتناشقان، سوتتا ئادۋوكات ئىشلىتىلمىگەن؛ مەھكۇم ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا يازما ھۆكۈممۇ بېرىلمىگەن. ئۇچۇر سوتقا قاتناشقانلاردىن بىۋاسىتە ئەمەس، ۋاسىتىلىك يوللار بىلەن ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن سوتنىڭ رەسمىي سوت مەھكىمىسىدە ئېچىلغانلىقى ياكى تۈرمىدە ئېچىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قورغاس ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى تېلېفون ئارقىلىق ھەرقانداق بىر دېلو ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. غۇلجا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىمۇ، بۇ دېلولارنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.
بۈگۈن، يەنى 12-ئىيۇن كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئادۋوكات مايكىل پولاك، خەۋەر راست بولغان تەقدىردە بۇنىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتى ھەققىدە چىقىۋاتقان-پۈتۈنلەي بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسىلىپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. مايكىل پولاك، يېقىندا د ۋ ئاخباراتىدا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭدىكى ساختا سوتلار» ناملىق خەۋەردىن نەقىللەر كەلتۈرۈپ، تۈرمىلەردە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغا، جىنايەتلەر تىزىملىكىنى تۇتقۇزۇلۇپ، بۇنىڭدىن بىرقانچىنى تاللاپ قول قويۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. ئەزىمەت ئەنۋەرنىڭمۇ مۇشۇ خىل قىسمەتكە دۇچ كەلگەنلىك ئېھتىماللىقىنى ئىشارەتلىگەن مايكىل پولاك، ئۇيغۇر رايونىدا نۆۋەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇ ئىجرائاتلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى بىر جىنايەت ئىكەنلىكى، بۇنىڭغا ئەركىن دۇنيانىڭ تاماشىبىن سۈپىتىدە قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ب د ت مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىشخانىسىنىڭ خەتلىرىگە خىتاي تەرەپنىڭ تېخىچە جاۋاب قايتۇرمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان مايكىل پولاك خەلقئارا جامائەتنى خىتايغا قارىتا بۇ ھەقتە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئەزىمەت ئەنۋەر ۋە ئەنۋەر تۇرسۇنغوجانىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى، ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشى ۋە نورمال ئىش-ئوقىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ ئۇلارنىڭ تولىمۇ ئەقەللىي ھەققى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ، بۇ دادا-بالىنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن باشلىغان ھەرىكىتىنى يەنە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
مۇنەۋۋەر تۇرسۇنغوجا خانىممۇ، چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ، مەزكۇر سوت خەۋىرىدىن كېيىن بۇ دېلونى تېخىمۇ كەڭ خەلقئارالاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ئاكتىپ ۋە تەسىرلىك بىر ھەرىكەتكە ئۆتۈش نىيىتى ۋە ئىرادىسىگە كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا، تۈركىيەدە ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان ئەزىمەت ئەنۋەرنىڭ 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىك ئۇچۇرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ۋە بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئۇنىڭ چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ئادۋوكات مايكىل پولاكنىڭ ئىنكاسىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.
0:00 / 0:00