«ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ ۋەكىلى ئېربول دەۋلېتبېكئۇلى: «ھازىرقى كۈندە ئەھۋالىمىز ناھايىتى ئېغىر»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019-04-05
Share
ata-yurt-pidaiyliri-qurghuchisi-bashlamchisi-serikjan-bilashoghli.jpg «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باشلامچىسى سېرىكجان بىلاشئوغلى ئەپەندى(ئوتتۇرىدا).
Sérikjan Bilash’oghli teminligen

يېقىندا قازاقىستاننىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى تاقالغان، تەشكىلات يېتەكچىسى سېرىكجان بىلەشئوغلى قازاقىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ كەتكەن «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئىشخانىسىنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئىگىلىشىمىزچە، قازاق پائالىيەتچىسى سېرىكجان بىلەشئوغلى «ئېتنىك ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلدى» دېگەن ئەيىب بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن.

بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى ئېربول دەۋلېتبېكئۇلى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «4-ئاينىڭ 2-كۈنى ئالمۇتا شەھەرلىك ئىچكى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىشخانىمىزنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۆز قوللىرى بىلەن ئۇنى ئېچىپ بەردى ۋە ئىشىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز مۇشۇ ئاينىڭ 3-كۈنىدىن تارتىپ ئەرز قوبۇل قىلىش ئىشلىرىمىزنى باشلىۋەتتۇق. مۇشۇ كۈندىن ئېتىبارەن ئىشلار ئۆز قېلىپىدا مېڭىپ، ۋىدېيو ۋە يازمىچە ئەرزلەر قوبۇل قىلىنىۋاتىدۇ. بىر نەچچە مۇخبىرلار كېلىپ، لاگېرلاردىن چىققان گۇۋاھچىلاردىن سۆھبەت ئېلىۋاتىدۇ. ئەمما مۇشۇنىڭغا باغلىق خىتايدا ئېغىر بېسىملارنىڭ بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ‹ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى› ئىشخانىسىغا كەلگەنلەر، بولۇپمۇ سېرىكجان بىلەشئوغلىغا ئىلتىماس قىلىپ، ۋىدېيو ئەرز قىلغان كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بېسىم قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ قازاقىستاندىكى تۇغقانلىرىغىمۇ ئالدى بىلەن قەغەز يېزىپ، بىزگە ئەۋەتىڭلار، ئىككىنچىدىن، مۇنداق ئىشلارغا ئارىلاشمايسىلەر،‹ئاتا يۇرت› قا بارمايسىلەر، مۇبادا بارساڭلار خىتايدىكى تۇغقانلىرىڭلارنى ئېغىر جازالايمىز’ دەپ قورقۇتقان. قازاقىستاندا تۇرۇپ، قازاقىستان پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقى مانا مۇشۇنداق دەپسەندە قىلىنماقتا. ھازىرقى كۈندە ئەھۋالىمىز مانا شۇنداق ناھايىتى ئېغىر بولۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ سەۋەبىدىن بۇ ياقتا يۈرسىمۇ، قورقۇپ ئەرز بېرەلمەي، خىتايدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغدىيالمايۋاتىدۇ.» 

ئېربول دەۋلېتبېكئۇلى يەنە ئىلگىرى بىۋاسىتە سېرىكجان بىلاشقا يولۇقۇپ، ئەرز بەرگەنلەر ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ئادەملەر مۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭ ئۇ ياقتىكى تۇغقانلىرىمىزغا قاتتىق بېسىم كۆرسىتىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنى بىزگە تېلېفون قىلدۇرۇپ، توختىتىڭلار دەۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا ھازىر خىتايدىن كۆچۈپ كەلگەنلەردىن ۋىدېيو ئەرز بېرىدىغانلار ئازىيىپ كەتتى. ھازىر پەقەت يەرلىك قازاقىستانلىق قازاقلار ئەرز بېرىۋاتىدۇ. ئەمدى ئۇيغۇر، قىرغىز ۋە باشقا مىللەتلەرگە شۇنداقلا بېسىم كۆرسىتىلىۋاتامدۇ، ئۇنى ھازىرچە بىز ئېنىق بىلمەيمىز. ‹ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى› قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئەرزلىرىنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قوبۇل قىلىشنى داۋام قىلىدۇ. بىز خىتاي بېسىمىدىن زەرداب چەككەن بارلىق قېرىنداش-تۇغقان مىللەتلەرنى قوبۇل قىلىشقا تەييار.»

مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ كەلگەن بىر قىسىم قازاق پائالىيەتچىلىرىنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىش، قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە ئەرز سۇنۇش مەقسىتىدە تەشكىللىگەن «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» ھەرىكىتى 2017-يىلنىڭ ئەتىياز ئايلىرىدىن تارتىپ پائالىيەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئىدى. تونۇلغان قازاق پائالىيەتچى سېرىكجان بىلەشئوغلىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بۇ تەشكىلات خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قازاق ۋە باشقا تۈركىي-مۇسۇلمان خەلقلەرگە كۆرسىتىۋاتقان بېسىمىغا قارشى ئالمۇتا شەھىرىدە تۈرلۈك لېكسىيەلەرنى، ئۇچرىشىشلارنى، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنلىرىنى ۋە باشقىمۇ پائالىيەتلەرنى ئۈزلۈكسىز ئېلىپ باردى. بۇ جەھەتتە قازاقىستانلىقلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، يېقىنلىرى توغرىلىق بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى ئىجتىمائىي تورلاردا ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنىپ تۇردى، دۇنيانىڭ ئىناۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا يوللاندى. مەزكۇر تەشكىلات خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى، تىلىنى ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىنى يوقىتىش سىياسىتىگە قارشى خەلقئارا جەمئىيەتنى كۈرەشكە چاقىرغان. ئۇنىڭ ھەرىكىتى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان ئىدى.

10-مارتتا ئەنە شۇ «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتنىڭ يېتەكچىسى، قازاقىستان پۇقراسى سېرىكجان بىلەشئوغلى قازاقىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ ۋاقىتتىكى ئاستانا شەھىرىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى توغرىلىق خەۋەرلەر تارقىتىلدى. ئىگىلىشىمىزچە، سېرىكجان بىلەشئوغلى ھازىر ئاستانا، يەنى نۇر-سۇلتان شەھىرىدە ئۆي قامىقىدا ئىكەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس جاسارال قۇۋانىشالىن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئۆزىمىز بىلىپ تۇرىمىز، قازاقىستان پۇقرالىقىنى ئالغانلار ئۇ ياققا بارغاندا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى تۇتۇپ قامىغان ئەمەسمۇ. شۇنىڭدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇكى، خىتاي تەرەپ ھېچ قانداق قانۇننى ھۆرمەتلىمەيدۇ، ئالدىغا مەقسەت قويسا، قانۇنغىمۇ قارىمايدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە، خىتاي شۇنداق ئىمپېرىيەلىك-شوۋىنىستىك سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قىسىپ، ئېزىپ، تەقىبلەپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، باشقا خەلقلەرنىڭ يېرىنى خىتاي يېرىگە ئايلاندۇرۇش، پەقەت خىتاي مىللىتىنىڭ مەملىكىتىنى قۇرۇشنى ئويلايدۇ. بۇ جەھەتتە ‘ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى’ ھەم ئۇنىڭ يېتەكچىسى سېرىكجان بىلەشئوغلى لاگېر مەسىلىسىنى خەلقئارا دەرىجىدە كۆتۈرۈپ، نارازىلىق بىلدۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتى مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن ياكى قازاق بولسۇن ھەممىسىنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇ لاگېرلارنى يوشۇرۇپ كۆز بويامچىلىق قىلىۋاتىدۇ. ‘ئاتا يۇرت’ پىدائىيلىرى’ ئۇ ياقتىكى خەلقلەرنىڭ مىللىي، دىنىي، ئىرقىي جەھەتتىن ئېزىلىۋاتقانلىقىنى ئاساسسىزلا ئويلاپ چىقارمىدى، بەلكى بۇنىڭ بارلىقى ھەقىقەت. خىتاينىڭ قازاقىستان پۇقرالىرىغا بېسىم كۆرسەتكىنى ھېچ قانداق قانۇنغا توغرا كەلمەيدۇ.»

جاسارال قۇۋانىشالىن ھەر قانداق بىر خەلقنىڭ ئەركىن ياشاشقا، مۇستەقىل بولۇشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «خىتايغا باشقا ياقتىن كۆچۈپ كېلىپ، ئورۇنلاشقانلار ‘بىز بۆلۈنىمىز’ دېسە بۇ بۆلگۈنچىلىك بولىدۇ. ئەمدى ئۆز يېرىدە تۇرۇۋاتقان، يەنى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار، قازاقلار ۋە باشقىلارنىڭ كۈرىشى بۆلگۈنچىلىك ئەمەس، بۇ خىتاي ئىستېلاسىغا، ئۇنىڭ قىرغىنچىلىقىغا قارشى قارىتىلغان مىللىي-ئازادلىق كۈرەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىمۇ چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قازاقلارغا ئوخشاش مەملىكىتى يوق. قازاقلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا مەملىكىتى بار. مانا شۇ مەملىكەت قازاقلارغا قورغان بولۇشى كېرەك. مۇبادا ئۇيغۇرلار ئەركىنلىك ئېلىپ، مۇستەقىل مەملىكەت قۇرغان بولسا، ئىستىلاغا چۈشۈپ قالغان پۇقرالىرىغا غەمخورلۇق قىلغان بولاتتى. ئەمما ھازىرچە ئۇنداق بولمايۋاتىدۇ.» 

جاسارال قۇۋانىشالىن قازاقىستان مۇستەقىل دۆلەت بولغانلىقتىن شۇنىڭغا مۇۋاپىق مۇستەقىل سىياسەت يۈرگۈزۈش لازىملىقىنى، رۇسىيەگىمۇ، خىتايغىمۇ بېقىندى بولماسلىق كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت