ئاتۇش سۈنتاغدىكى تۆكۈل مەسچىت ئوبۇرنىغا ئايلاندۇرۇلغان

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى دىنىي ئېتىقادقا قارشى جەڭ ئېلان قىلغان يېقىنقى ئۈچ يىلدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەسچىتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى چېقىش ۋە يوق قىلىش بىلەن قانائەت قىلماستىن؛ ئۇنىڭ ئورنىغا ئېتىقاد ئەھلىنىڭ ئۈستىلەپ غۇرۇرىغا تېگىدىغان ئىشلارنى قىلغان ياكى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلغان. ئاتۇشنىڭ سۈنتاغ يېزىسىدىكى تۆكۈل مەسچىت تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈنلا ئوبۇرنىيغا ئۆزگەرتىلگەن؛ چېقىلغان ئازنا مەسچىتى ئورنىغا ھاراق-تاماكىمۇ سېتىلىدىغان تاللا بازىرى بەرپا قىلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرى لاگېرلار ھەققىدە خەلقئارا جامائەتنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئاقلىغاندا، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىغا چۈشەنچە بەرگەندە، ئۆزلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا قارشى ئەمەسلىكى، پەقەت تېررورلۇققا ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەنىدى. ئەمما ئاشكارىلىنىۋاتقان مىڭلارچە پاكىت، خىتاينىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە ئېتىقاد ئەھلىگە قارشى خورلاش ۋە دەپسەندە قىلىش خاراكتېرىدە ھۇجۇم ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى دەلىللىمەكتە. ئاتۇشقا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، ئاتۇشتىكى بىر ئون ئائىلە باشلىقى، سۈنتاغدىكى تۆكۈل مەسچىتىنىڭ ئوبۇرنىيغا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئاتۇش شەھەر ئىچىدىن 3 كىلومېتىرچە ئۇزاقلىقتىكى بۇ مەسچىتنىڭ ئوبۇرنىيغا ئايلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى، بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن مەلۇم بىر خىتاي قۇرۇلۇش شىركىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان. ئالاقىدار خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سۈنتاغنىڭ تۆكۈل مەھەللىسىدە ھەممە ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا ئوبۇرنى بولغانلىقى ئۈچۈن ئاممىۋى بىر ھاجەتخانىغا ئېھتىياجلىق كىشىلەر يوق ئىكەن ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەھەللە، شەھەردىن 3 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا بولۇپ، بۇ مەھەللىگە ساياھەتچىلەرنىڭمۇ كېلىش نىسبىتى نۆۋەت ئىكەن. ئەسلىدە بۇ مەھەللىدە ئاممىۋى بىر ھاجەتخانىغا قارىتا رېئال بىر ئېھتىياجنىڭ يوقلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان بۇ خادىم؛ بۇ مەسچىتنىڭ ئورنىغا نېمە ئۈچۈن ھاجەتخانا سېلىنغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، بۇنىڭ پەقەت خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈنلا سېلىنغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈردى. دېيىلىشىچە تۆكۈل مەسچىتنىڭ ئورنىغا سېلىنغان بۇ ئوبۇرنىي قۇرۇلۇشى تاماملانغان بولسىمۇ، تېخى رەسمىي مۇلازىمەت باشلىمىغان.

يەنە سۈنتاغدا چېقىۋېتىلگەن ئازنا مەسچىتىنىڭ ئورنىغا ھاراق-تاماكىمۇ سېتىلىدىغان بىر تاللا بازىرى سېلىنغان.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىدىكى بىر مەسچىتنىڭ كەنت كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلانغان؛ خوتەن شەھىرى ئىلچى يېزىسىدىكى بىر مەسچىتنىڭ بولسا، سىچۈەندىكى بىر ئىچ كىيىم فابرىكىسىنىڭ شۆبىسىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقى دەلىللەنگەنىدى.

ئىلگىرى بۇ تېمىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور قاھار بارات ئەپەندى، خىتاينىڭ مەسچىتلەرنى چېقىش بىلەنلا قانائەت قىلماي، ئۇنىڭ ئورنىغا مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە دىندا قاتتىق چەكلىنىدىغان ئىش ۋە مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، ئېتىقاد ئەھلىنىڭ روھىنى سۇندۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى بولسا خىتاينىڭ مەسچىت چېقىشنى ئىسلام دىنىغا ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا بىر ئۆچمەنلىك ۋە ئىنتىقام تۇيغۇسى بىلەن بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، ئىسلام دۇنياسىغا قارىتا بىر جەڭ ئېلان قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

يۇقىرىدا ئاتۇش سۈنتاغدىكى تۆكۈل مەسچىتنىڭ ھاجەتخانىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.