ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سايلىمى ۋە پۇتبول مۇسابىقىسى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۇچقۇن
2019.04.23
awstraliye-melborn-putbol.jpg ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان پۇتبول مۇسابىقىسىدە خاتىرە سۈرەت. 2019-يىلى 19-ئاپرېل.
RFA/Uchqun

19-ئاپىرىل، ئاۋسترالىيەنىڭ ۋىكتورىيە شتاتىنىڭ مېلبورن شەھىرىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سايلىمى بولۇپ ئۆتتى. ئېگەلىشىمىزچە مەزكۇر سايلامغا مېلبورندىكى كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلار قاتناشقان بولۇپ، سايلام نەتىجىسىدە ئالىمجان ئوسمان ئەپەندى ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.

ئالىمجان ئەپەندى بۇ قېتىملىق سايلام ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مېلبورن شەھىرىدە 2006-يىلى ئۇيغۇر جەمئىيىتى قۇرۇلغان بولسىمۇ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرالمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا ئېغىر زۇلۇملار كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاپ تۇرۇپمۇ پەقەت ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشى بىلەنلا ئۆتۈپ كەتسەك ئۆز ۋىجدانىمىزغا يۈز كېلەلمەيمىز.»

ئۇ يەنە مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتى شۇنداقلا كەلگۈسىدە قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرى ھەققىدىمۇ توختالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز جەمئىيىتىمىزنى قۇرۇش ئارقىلىق مېلبورندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىر گەۋدە بولۇپ ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى ۋە ھۆكۈمىتىگە داۋايىمىزنى تونۇتۇشنى، ۋەتىنىمىزدىكى ئېغىر زۇلۇملارنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ چارىلىرى ھەققىدە بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى مەقسەت قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەڭ مۇھىمى ھەممىمىز بىر گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشقاندىلا داۋايىمىز تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ، دەپ قارايمەن.»

ئارقىدىنلا 20-ئاپرېلدىن 22-ئاپرېلغىچە ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ 13-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى ئوينالغان. ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئالىمجان ئوسمان ئەپەندىم مەزكۇر مۇسابىقە ھەققىدىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇر بەردى.

ئۇ ب مۇنداق دېدى: «ۋىكتورىيە شتاتىنىڭ نوبېل پارك رايونىدا 20-ئاپرېلدىن 22-ئاپرېلغىچە ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، مۇسابىقىگە سېدنىي، مېلبورن، ئادېلايد ۋە بىرىسبان شەھەرلىرىدىن 4 كوماندا قاتنىشىپ، ئۈچ كۈن داۋام قىلدى.

مۇسابىقىمىزگە سېدنىي ۋە ئادېلايدتىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىرى بىلەن بىرگە جەمئىي 400 دىن ئوشۇق ئادەم قەدەم تەشرىپ قىلدى. ئاخىرىدا ئادېلايد كوماندىسى چېمپىيون، مېلبورن كوماندىسى 2-لىككە، بىرىسبان كوماندىسى 3-لىككە، سېدنىي كوماندىسى 4-لىككە ئېرىشتى. مەزكۇر مۇسابىقە ئارقىلىق بىر-بىرىمىز بىلەن بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.»

مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى بولغان نادىرە خانىم ۋىكتورىيەدىكى خانىم قىزلارغا ۋاكالىتەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ سۆزىدە «ۋەتەندىكى زۇلۇملار تۈپەيلى كۆڭلىمىز سۇنۇق، دىلىمىز پەرىشان بولسىمۇ شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مېلبورن ۋە يىراق يېقىندىن كەلگەن يۇرتداشلار بىلەن جەم بولۇشنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش» ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. نادىرە خانىم يەنە مېلبورندىكى خانىم قىزلارنىڭ مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، مېھمانلار ئۈچۈن جاپالىق خىزمەت قىلغانلىقىنىمۇ بايان قىلدى.

مېلبورن شەھىرىدە ياشاۋاتقان قاسىمجان ئەپەندىمۇ سايلام ۋە پۇتبول مۇسابىقىسى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئىگىلىنىشىچە ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر پۇتبول مۇسابىقە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 13 يىلدىن بۇيان داۋام قىلماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.