سابىق سودا مىنىستىرى ئاۋسترالىيە دائىرىلىرىنى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈشكە چاقىردى

جەنۇبىي ئاۋسترالىيە شتاتىنىڭ سابىق سودا مىنىستىرى ئاۋسترالىيە دائىرىلىرىنى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈشكە چاقىرغان.

ئەنگلىيەدىن چىقىدىغان «كۈندىلىك مەكتۇپلار گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سابىق سودا مىنىستىرى توم كەنيون ئىلگىرى ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىسى بولۇپ، ھازىر ئۇ خىتاي كومپارتىيەسى سەۋەبلىك ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارغانچە يامانلىشىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى ياخشىلايمىز دەپ ئاۋارە بولۇشنىڭ ھاجىتى يوقلىغىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، توم كەنيون جەنۇبىي ئاۋسترالىيە شتاتىنىڭ سودا مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە خىتاي بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئادېلايد شەھىرىدە كونسۇلخانا ئېچىشىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن ئىكەن.

ئۇ ئۆز مەيداننىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە توختىلىپ: «بۇلارنىڭ ھەممىسى نۆۋەتتىكى ھەمدە خىتاينىڭ ھازىرقى مەڭگۈلۈك پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىنكى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئۆزگەردى،» دېگەن.

ئۇ يەنە ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارغانچە يامانلىشىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە مۇنداق دېگەن: «مەسىلىنىڭ تۈگۈنى خىتاي كومپارتىيەسىدە، چۈنكى ئۇ غەربنىڭ ئەركىنلىكى ۋە قىممەت قارىشىغا دۈشمەن ۋە يات بىر ئورگاندۇر.»

ئۆتكەن يىلى ئاپرېل ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سكوت موررىسون كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلىشىشكە باشلىغان ئىدى.