ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر ئاچا-سىڭىللار خەلقئارالىق ماركا ياراتقان

مۇخبىرىمىز مەمەتجان جۈمە
2021.05.02
ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر ئاچا-سىڭىللار خەلقئارالىق ماركا ياراتقان خەلقئارالىق ماركا ياراتقان ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر ئاچا-سىڭىل نىگارە مۆمىن ۋە مەۋلۈدە مۆمىن.
Social Media

خىتايدىن قېچىپ ئاۋسترالىيەگە يەرلەشكەن ئۇيغۇر ئاچا-سىڭىللار ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن بىر خەلقئارالىق مودا كىيىم ماركىسىنى دۇنياغا كەلتۈرگەن.

س ب س خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر قىزى نىگارە مۆمىن ۋە مەۋلۈدە مۆمىن 2000-يىللارنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇرت-ماكانىنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولغان. مەۋلۈدە ئەينى چاغدا ئەمدىلا 8 ياشتا ئىكەن.

ئۇلار ئانىسى بىلگ بىرلىكتە ئاۋسترالىيەگە كەلگەندىن كېيىن تىرىشىپ ئوقۇپ كەلگۈسى مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن ئاساس سالغان ۋە 2018-يىلى سىدنېي شەھىرىنىڭ ئاۋات رايونلىرىدىن بىرى بولغان گرىنئاكېر رايونىدا «Twiice Boutique» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مودا كىيىم سېتىش ۋە لايىھەلەش دۇكىنىنى ئاچقان.

ئۇلار ئاساسلىقى دىنىي يوسۇنىدىكى مودا كىيىملەرنى لايىھەلەپ ساتىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئازغىنا كەم ئۈچ يىلدا دۇنيا مىقياسىدا تونۇلۇشقا باشلىغان ۋە دۇكىنىنىڭ سانى ئىككىگە يەتكەن.

مەۋلۈدە مۇنداق دېگەن: «بىز، خېرىدارلىرىمىزنىڭ ھەشەمەتلىك مال سېتىۋېلىش جەريانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلاتتۇق. بىز بۇ خىلدىكى مودا كىيىملەرنىڭ ئارقا كوچىلاردا ياكى دۇكاندا بولۇشىنى خالىمامايتۇق.»

مەلۇم بولۇشىچە ھازىر ئۇلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە خېرىدارلىرى بار بولۇپ، ئۇلار ماللىرىنى پوچتا ئارقىلىق يىراقتىكى خېرىدارلىرىغا يەتكۈزىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.