ئۇيغۇرلار ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا 5 ماددىلىق تەلەپ خېتى سۇندى

0:00 / 0:00

ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ۋەكىللىرى ۋە سىدنېيدىكى ئۇيغۇرلار 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدىكى 9 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن ۋە تەلەپ خېتى سۇنغان.

بۇ يىغىن توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت ئوبۇل، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى مەھمەت جەلەپچى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

مەھمەت جەلەپچى ئەپەندى يىغىن توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «يىغىندا ئالدى بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ ‹ئا ب س› (ABC) تېلېۋىزىيەسىدە تارقىتىلغان ۋەتەندىكى زۇلۇم ئاڭلىتىلغان 8 مىنۇتلۇق ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ بەزى دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ بېكىتىلگەنلىكى بايان قىلىنغان. ئىككىنچىسى، ئاۋسترالىيەدىكى بىر ئۇيغۇر، يولدىشى تۈركىيەدە بىر يىل تۇرغانلىقى ئۈچۈن 25 يىل قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇ ھۆججەتلىك فىلىم بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىگە ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرىنى ئىشەندۈرۈشتە زور رول ئوينىدى، دەپ ئويلايمەن.

ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرلۈك زۇلۇملىرىغا ئىسپات بولىدىغان شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى، تەتقىقات نەتىجىلىرى، «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ۋە مۇستەقىل سوت قارارى قاتارلىقلار ئاڭلىتىلغان. بۇنىڭدىن سىرت خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 دۆلەت تەرىپىدىن تونۇلغانلىقى، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى يۇرتىغا بارغاندا لاگېرغا سولانغانلىقى بايان قىلىنغان. ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئاخىرىدا 31-ئاۋغۇستتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالىي كېڭىشى ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، شۇڭا ب د ت نىڭ ھەرقايسىي دۆلەتلەرنى بۇ قاتاردا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ۋە جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىلغان.»

مەھمەت جەلەپچى ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا تەلەپ خېتى سۇنغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تەلەپ خېتىدە تۆۋەندىكىلەرنى تەلەپ قىلدۇق. بىرىنچىسى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن مۇناسىۋىتى بار خىتاي ئەمەلدارلارغا جازا يۈرگۈزۈش؛ ئىككىنچىسى، لاگېرلارنى تاقاش ۋە سولانغان ھەممە ئادەملەرنى قويۇپ بېرىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇققا ئىگە ئەركىن ياشىشىغا رۇخسەت قىلىشى ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش؛ ئۈچىنچىسى، خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلىتىشىنى توختىتىشى ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش؛ تۆتىنچىسى پاسپورتىنىڭ مۇددىتى توشۇپ قالغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئاۋسترالىيە كۆچمەنلەر سىياسىتى بويىچە ئالاھىدە سان بېرىش؛ بەشىنچىسى، ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا مەجبۇرىي ئەمگەك توغرىسىدا قانۇن ماقۇللىشى ۋە ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدۇق. بۇلاردىن باشقا ئاۋسترالىيە فېدېرال پارلامېنتىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۆزى ئېلان قىلغان دوكلاتنى ئىجرا قىلىشقا چاقىرىشىنى تەلەپ قىلدۇق. ئەڭ ئاخىرىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ 51-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىر قارار چىقىرىشى تەلەپ قىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.»

مەھمەت جەلەپچى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئاڭلىغان 9 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئىنكاسى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى بۇ مەسىلىلەرگە ئالاھىدە قىزىققانلىقىنى بايان قىلدى. بەزىلىرى بۇ مەسلىلەرنى باشقا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەنمۇ ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. خۇلاسى قىلىپ ئېيتقاندا، پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىنىمىز ناھايىتى ياخشى ئۆتتى.»

ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت ئوبۇل ئەپەندى 20-سېنتەبىر كۈنى 9 پارلامېنت ئەزاسى بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىننىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاۋسترالىيەدىكى بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇندىن كېيىن بەزى سىياسىي پارتىيەلەر ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا قارار لايىھەسى سۇنۇش ئېھتىمالى بار ئىكەن.