ئايگۈل مەمەت: «مەن ھەر بىر سەھنىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك ئىرادىسىنى نامايان قىلىشقا تىرىشىۋاتىمەن!»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021-11-10
Share
aygul-memet-2019-oyun-korsitish.jpg سېرك ئارتىسى ئايگۈل مەمەت ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ تورونتودا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە جەريانىدا، تەكلىپ بىلەن بىر مەيدان ئويۇن كۆرسەتتى. 2019-يىلى 7-ماي، كانادا.
RFA/Gülchéhre

ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كەسپىي مۇسابىقىسى 29-ئۆكتەبىر تورونتودا ئۆتكۈزۈلگەن. ئاشۇ بىر مەيدان مۇسابىقە ئارىلىقىدا «ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق» دېگەن ناخشا ياڭرىشى بىلەن نەق مەيداندىكى چوڭ ئېكراندا ئۇيغۇر سېرك ئارتىسى ئايگۈل مەمەتنىڭ سىماسى كۆرۈنگەن. ئايگۈل مەمەتنىڭ ناخشىغا جۆر بولۇپ، ئۇيغۇر ئۇسسۇلى كىرىشتۈرۈلگەن چەمبىرەك ئوينىتىش ماھارىتى نەق مەيداندىكى كىشىلەرنى چوڭقۇر ھاياجانغا سالغان. بۇ، يىللاردىن ئۆز تالانتى ۋە ماھارىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇپ كېلىۋاتقان ئايگۈل مەمەتنىڭ تورونتو تەنتەربىيە سارىيىدا 14-قېتىم ماھارەت كۆرسىتىشى ئىكەن. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئايگۈل: «مەن ھەر بىر سەھنىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئىتىنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك ئىرادىسىنى نامايان قىلىشقا تىرىشىۋاتىمەن،» دېدى. قېنى ئۇنداقتا، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئايگۈل مەمەت بىلەن ئۆتكۈزگەن مەخسۇس سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ.

ئايگۈل مەمەت ئۆسمۈر ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەھنىلەردە كۆرۈنۈشكە باشلىغان. ئۇ ئىلگىرى خىتاي بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارالىق سەھنىلەردە ئۆزىنىڭ يۇقىرى ماھارىتى بىلەن نۇرغۇن شەرەپلەر قۇچقان. ئۇ كاناداغا كېلىشتىن ئىلگىرى دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك سېرك ئارتىسى، ئۇيغۇر سېرك چولپىنى دېگەن ناملارغا ئېرىشكەن. ئايگۈل مەمەت 2004-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن سېرك ئۆمىكى تەركىبىدە كاناداغا ئويۇن قويۇشقا كەلگىنىدە، كانادا ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلەپ قەپ قالغان 7 نەپەر ئۇيغۇر سېرك ئارتىسىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ھازىرغا قەدەر، ئۆزىنىڭ سېرك كەسپىنى داۋام قىلىپ كەلگەندىن باشقا يەنە تورونتودا مەخسۇس سېرك ۋە گىمناستىكا تەنھەرىكەت تۈرلىرىدە ئىزباسارلارنى تەربىيىلەش بىلەن شۇغۇللانماقتا.

-29 ئۆكتەبىر كۈنى كانادانىڭ تورونتو شەھەر مەركىزىدىكى ئەڭ چوڭ تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دەرىجىدىن تاشقىرى ۋاسكېتبول كەسپىي مۇسابىقىسى، تورونتو رەپتېرس كوماندىسى بىلەن ئامېرىكا «ئورلاندو مەگىك» كوماندىسى ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن. ھەر قېتىملىق دەرىجىدىن تاشقىرى ۋاسكېتبول مۇسابىقىلىرى ھەر قايسى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا بىرلا ۋاقىتتا دۇنياغا نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ. مەزكۇر مۇسابىقىنى يەنە 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم نەق مەيداندىن كۆرەلەيدۇ. ئايگۈل مەمەت تورونتودىكى بۇ مۇسابىقە مەيدانىدا 2017 يىلى نويابىردا تۇنجى مەيدان ئويۇن كۆرسەتكەن ئىدى. بۇ ئۇنىڭ 14-قېتىم تەكلىپ بىلەن ئويۇن كۆرسىشى بولۇپ، ئۇ ئەمدىكى سەھنىلەردە كۆك بايراقنى لەپىلدىتىش ئىستىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىزدەنمەكتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت