سېرك ئارتىسى ئايگۈل مەمەت ئۆز ماھارىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم تونۇتتى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.05.08
aygul-memet-2019-oyun-korsitish.jpg سېرك ئارتىسى ئايگۈل مەمەت ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ تورونتودا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە جەريانىدا، تەكلىپ بىلەن بىر مەيدان ئويۇن كۆرسەتتى. 2019-يىلى 7-ماي، كانادا.
RFA/Gülchéhre

ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ سەيشەنبە كەچ تورونتودا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئارىلىقىدا، تەكلىپ بىلەن ئويۇن كۆرسەتكەن ئۇيغۇر سېرك ئارتىسى ئايگۈل مەمەت، ئۇيغۇر ناخشىسىغا ماسلاشتۇرۇپ، نەپس ئۇيغۇر ئۇسۇل ھەرىكەتلىرى بىلەن ئورۇندىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق سېرك ماھارىتى زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئۆز ماھارىتى بىلەن دۇنيا سەھنىسىدە يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلارنى تونۇتقان ئايگۈل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «مەن ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق دەپ بىر مەيدان نامايىش قىلغاندەك بولدۇم» دەيدۇ.

7-ماي كۈنى كانادانىڭ تورونتو شەھەر مەركىزىدىكى ئەڭ چوڭ تەنتەربىيە زالىدا ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ۋاسكېتبول كەسپىي مۇسابىقىسى بولۇپ ئۆتتى. كانادادا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە تورونتو رەپتېرس كوماندىسى بىلەن ئامېرىكا «فلادېلفىيە 76» كوماندىسى رىقابەتلەشكەن بولۇپ، بۇ مۇسابىقە جەريانى ھەر قايسى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا بىرلا ۋاقىتتا نەق مەيداندىن تارقىتىلدى. مەزكۇر مۇسابىقىنى يەنە 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم نەق مەيداندىن كۆرگەن بولۇپ، مۇسابىقە ئارىسىدا تۇيۇقسىز ياڭرىغان ئۇيغۇرچە ناخشا بارلىق تاماشىبىنلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان.

ئايگۈل مەمەت ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى نۇسخىلار بىلەن لايىھىلەنگەن كۆك رەڭلىك سەھنە كىيىمى كىيىپ، «ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق» دېگەن ناخشىغا جور بولۇپ، ئۇيغۇر ئۇسۇلى كىرىشتۈرۈلگەن چەمبىرەك ئوينىتىش ماھارىتىنى ئورۇنداپ، ئۇيغۇرلارنى يەنە بىر قېتىم دۇنيا ئەھلىگە تونۇشتۇرغان.

نۆۋەتتە ئايگۈل مەمەتنىڭ بۇ خەلقئارالىق مۇسابىقىدە كۆرسەتكەن ئويۇنىنىڭ سىن كۆرۈنۈشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارالماقتا. ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار خىتاي تەرىپىدىن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا مۇزىكىلىرى يوقىتىلىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم داڭدار ئارتىسلىرى لاگېرلارغا قامالغان مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ تونۇلغان سېرك ئارتىسى ئايگۈل مەمەتنىڭ قايتىدىن دۇنياۋى بىر مەيداندا ئۆز ماھارىتىنى ئۇيغۇر سەنئىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ نامايان قىلىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە زور ئىلھام بەخش ئەتكەن.

تورونتودا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنى تاماشىبىن سۈپىتى بىلەن نەق مەيداندىن كۆرگەن ئۇيغۇر ياش سۇلتان، ئۆزى بىر ۋاسكېتبول ھەۋەسكارى بولسىمۇ، بىراق ئۆزىنى مۇسابىقىدىن بەكرەك ھاياجانلاندۇرغىنى بۇ مەيداندا ئۇيغۇر ناخشىسىنىڭ ياڭرىشى ۋە ئۇيغۇر ئارتىسنىڭ تاماشىبىنلارغا يۇقىرى سەۋىيەلىك سېرك ماھارىتىنى كۆرسىتىپ ھەممىنىڭ ئالاھىدە ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «بۇ مەيداندا ئۇيغۇرلاردىن ۋە ئۇيغۇرلۇقۇمدىن پەخىرلەندىم» دەيدۇ.

بالىلىرىنى ئەمدىلا مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇپ قايتقان ئايگۈل مەمەت تورۇنتودىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. بۇ، ئايگۈلنىڭ كاناداغا كېلىپ پاناھلىق تىلەپ قالغاندىن كېيىن مەزكۇر مۇسابىقە مەيدانىدا 10-قېتىم ئويۇن قويۇشى ئىكەن.

ئايگۈل مەزكۇر ئويۇن قويۇش پۇرسىتىنى ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئىتىنى تونۇتىدىغان ياخشى پۇرسەت دەپ بىلىپ، كىيىمى ۋە مۇزىكىسىنى ئۆزى تاللاش شەرتى بىلەن ئويۇن قويۇش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان. ئايگۈل: «بۇ قېتىملىق ئويۇننى خۇددى نامايىش قىلغاندەك قويۇپ كەلدىم، مەن ئۇيغۇر، بىز ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق دەپ كۆرسىتەلىگىنىمدىن ئۆزۈممۇ بەك ھاياجانلاندىم» دەيدۇ.

ئايگۈل مەمەت 2012-يىلى كانادا تالانت سەھنىسىدىكى ئۈچ قېتىملىق تاللاش مۇسابىقىسىدە كۆرسەتكەن سېرك ماھارەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى يۇقىرى تېخنىكا بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ ئاخىرقى تاللاشقا كىرگەن. گەرچە ئۇ نۆۋەت چېمپىيونلۇق تاجى ئايگۈل مەمەتكە نېسىپ بولمىغان بولسىمۇ، بىراق ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئىكەنلىكىنى، ۋەتىنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ھەم سىياسىي جەھەتلەردىكى باستۇرۇشىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئايگۈل 2004-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن سېرك ئۆمىكى تەركىبىدە كاناداغا ئويۇن قويۇشقا كەلگىنىدە، كانادا ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلەپ قېلىپ قالغان 7 نەپەر ئۇيغۇر سېرك ئارتىسىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، ھازىرغىچە ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۆز كەسپىنى تاشلىماي داۋاملاشتۇرماقتا. سېرك كەسپىدە ئۇيغۇرلار ۋە كانادا خەلقىنىڭ قەلبىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر چولپانغا ئايلانغان مىللەتسۆيەر سەنئەتكار ئايگۈل نۆۋەتتە يەنە، تورونتودا مەخسۇس سېرك ۋە گىمناستىكا تەنھەرىكەت تۈرلىرىدە تالانتلىق ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش بىلەن شۇغۇللانماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.