1-ئىيۇن خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى قىرغىزىستان ئاھالىسىمۇ ئۆتكۈزدى. قىرغىزىستاندا ياشىغۇچى ئۇيغۇرلار بۇرۇندىن تارتىپ خاتىرىلەپ كېلىۋاتقان بۇ بايرىمىنى بۇ يىلمۇ كورونا ۋىرۇسى تەھدىتىگە قارىماي ئۆزىگە يارىشا رەۋىشتە ئۆتكۈزدى.
ھەر بىر مەھەللىدە 1-ئىيۇن كۈنى خەلقئارا بالىلار بايرىمىغا بېغىشلانغان كونسېرت ۋە ئويۇنلار ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئۇيغۇر جامائىتى باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆز مەھەللىسىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. شۇنداقلا، بۇ كۈنى قىرغىزىستان خەلق ئاسسامبلېيەسىنىڭ تەركىبىدىكى بىر بۆلۈم بولغان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ياشلار گۇرۇپپىلىرى خەيرى-ساخاۋەتلىك ئىشلارغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، يېتىم بالىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆيلەرگە سوۋغاتلارنى ئېلىپ بېرىپ بالىلارنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرۈشكە ئۆز ھەسسىسىنى قوشۇشتى.
بالىلار بايرىمى دۇنيادىكى بالىلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن بايرام ئىدى. دۇنيادا خەلقئارا جەمئىيەت بىردەك ئېتىراپ قىلغان ۋە ئىمزالىغان بالىلارنىڭ ھوقۇقلىرىغا ئائىت بىرقانچە مىزان ۋە ئەھدىنامىلەر بار. خەلقئارادىكى بالىلار ھوقۇقىغا ئائىت «بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» دە بالىلارنىڭ پۈتۈن ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئېنىق بەلگىلەنگەن.
لېكىن، بەختكە قارشى دۇنيادىكى ھەممە بالىلار بۇ ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولمايدۇ. 1-ئىيۇن بالىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان شۇ كۈنلەردە، ئىگىلىنىشىچە ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زوراۋانلىق سىياسىتى ۋە لاگېرلار مەسىلى مىڭلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز بالىلىرىنى ئائىلىلىرىدىن ئايرىپ ئۇلارنىڭ تەبىئىي ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خادىمى فەرخاد ئىبراھىموف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەركىبىدىكى بىر نەچچە تەشكىلاتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلار ۋە يېتىم بالىلار مەسىلىسىنى كۆپ قېتىم ئەيىبلىگەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:
«ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەركىبىدە ياۋروپا كومىتېتى، ياۋروپا كېڭىشى، ياۋروپا پارلامېنتى قاتارلىق بىر نەچچە سىياسىي قۇرۇلمىلار بار. ئەڭ ئۆتكۈر بايانلار ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن قىلىنىدۇ. ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى كۆپ قېتىم ئەيىبلىدى. بىلىشىمىزچە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلاردىن سىرت يەنە قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈركىي مىللەت ۋەكىللىرىمۇ ‹تەربىيەلەش لاگېرلارغا› سولانغان. ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، شۇنداقلا لاگېرلار سەۋەبىدىن يېتىم قالغان بالىلار مەسىلىسىنىمۇ كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. ياۋروپا پارلامېنتى ئائىلىلەرنى ئايرىتىش، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتتىكى بالىلارنى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن، چۈنكى مەزكۇر ياتاقلاردا بالىلار ئاتا-ئانىلىرى ھايات مەزگىلدە يېتىم قالدۇرۇلغان، شۇنداقلا ئۇلار ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخىدىن ئۈزۈۋېتىلگەن. يەنى ياش كېلەچەك ئەۋلادلىرىنى تولۇق خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىگە ۋەكىللىك قىلغان، جوزې بوررېل، كىشىلەرنى چۆچۈتىدىغان خەۋەرلەرگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىر نەچچە قېتىم بىلدۈرگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر دىپلوماتىك تەشكىلات بولۇش سۈپىتىدە، بەك ئۆتكۈر بايانات بەرمىگەنىدى. لېكىن كېيىن قانداقلا بولمىسۇن، يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئائىت بىر قانچە ئۆتكۈر باياناتلارنى ئېلان قىلدى».
مەلۇماتلارغا قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن ئۇيغۇر بالىلار ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچىدە ۋە مۇھاجىرەتتە يېتىم بولۇپ قېلىشقان. چەتئەللەردىكى بىرقىسىم ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ دادىسى، ياكى ئانىسى، ياكى ئاتا-ئانىسى بىراقلا ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرلارغا سولىنىپ كېتىپ، ئىككىنچىلەپ بالىلىرى بىلەن جەم بولالمايدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بەرگەن.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەر خىل ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر بالىلارغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىش ۋە ئۇلارغا خۇشاللىق بېرىش ئۈچۈن تىرىشماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكىنىڭ رەئىسى رىسالەت قەھرىمان خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى بالىلارغا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىش ۋە مىللىي غۇرۇرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلگەن پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختالدى.
ئىگىلىنىشىچە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئالغاندا، قىرغىزىستان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدىن كېيىن قالسا، ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدىغان بىر مەملىكەت. لېكىن قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر بالىلار ئانا تىل تەرەپتىن قاتتىق قىينىلىدۇ. ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە ۋە ناھىيەلەردە بىرمۇ ئۇيغۇر مەكتەپ ياكى ئۇيغۇر كۇرسلىرى يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى بالىلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدا تەربىيەلەش ئۈچۈن بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنئاي ئىسلام خانىم، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، جەمئىيەت تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتلەر ھەققىدە توختالدى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىر بالىلىرىنى ئۆز ئانا تىلى، ئۆز مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيەلەش، ئۇيغۇر بالىلىرى ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇيدىغان مەكتەپ بەرپا قىلىشتۇر. بۇ، ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر جامائىتى ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن مەسىلە ئىدى. نۆۋەتتە، ئۇيغۇر بالىلىرى ئاساسەن ئۆز ئانا تىلىنى ئۆز ئۆيىدە ئۆگىنىدۇ. ئۇلار ئاساسەن رۇس تىللىق مەكتەپلەردە، بىرقىسمى قىرغىز تىلىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇيدۇ.