6-ئاينىڭ 25-28-كۈنلىرى تۈرك دۇنياسى كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بۇرسا شەھىرىدە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش ئۈچۈن تۈرك دۇنياسى بالىلار فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ پائالىيەتكە ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان ۋە مولداۋا جۇمھۇرىيىتىدىكى گاگاۋۇزىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن بالىلار ئىشتىراك قىلغان. ئەمما بۇ فېستىۋالدا ئۇيغۇر بالىلىرىمۇ ئۆز ماھارەتلىرىنى كۆرسەتكەن. ئۇيغۇر خەلقىگە ۋاكالىتەن
ئىستانبۇلدىكى تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزىدىن ئىككى ئوقۇتقۇچى، 12 بالا بىلەن مەزكۇر فېستىۋالغا قاتناشقان.

بۇ پائالىيەت 3 كۈن داۋاملاشقان بولۇپ، پائالىيەتكە مەركىزى ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق خەلقئارالىق تۈرك كۈلتۈر تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى دوكتور جاۋىد مۆۋسۈملۈ ئەپەندى، بۇرسا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى ئۇلاش ئاقخان ئەپەندى، تاشقى مۇناسىۋەتلەر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئەخمەت بايخان ئەپەندى ۋە بۇرسادىكى ياش-ئۆسمۈرلەر، ئاتا-ئانىلار ۋە خەلق ئاممىسىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلغان.
بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان مىڭ ئەتراپىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان 12 ئۇيغۇر بالىدىن تەركىب تاپقان ئۆمەك ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇپ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلغاندىن سىرت، ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇللىرىدىن ئورۇندىغان. ئۇلار شېئىر، نۇتۇق ۋە ناخشىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مىللىي مەدەنىيىتى ۋە ھازىر دۇچار بولۇۋاتقان بېسىم، ئاتالمىش «تەربىيەلەش كۇرسى» نامىدىكى لاگېرلار ھەققىدە مەلۇماتلار بەرگەن.

فېستىۋالنى ئۇيۇشتۇرغان بۇرسا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئەخمەت بايخان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، فېستىۋال ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مىڭ ئەتراپىدا بالا ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ كۈلتۈر فېستىۋالىغا ئىشتىراك قىلدى. 5 تۈركىي جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 60 ئەتراپىدىكى تۈركىي خەلقنىڭ ياش-ئۆسمۈرلىرى قاتناشتى. ئۇلارنى بۇرسا شەھىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇردۇق. تۈركىي خەلقلەردىن بولغان بۇ بالىلارغا بۇرسا شەھىرىنى تونۇشتۇردۇق. ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن بالىلار ئۆزئارا تونۇشتى، بىر-بىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆگەندى. بولۇپمۇ بۇرسا خەلقى ئۇيغۇر، قىرغىز، تۈركمەن، ئەزەربەيجان ۋە گاگاۋۇزىيەلىك بالىلار ئورۇندىغان سەنئەت نۇمۇرلىرىنى كۆرۈپ بەكلا سۆيۈندى. ناھايىتى ياخشى پائالىيەت بولدى».
پائالىيەتنى بۇرسا شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان تۈركسۆي يەنى خەلقئارالىق تۈرك كۈلتۈر تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى دوكتور جاۋىد مۆۋسۈملۈ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مىللىي كىيىملىرىنى كىيگەن بالىلار بۇرساغا كېلىپ بۇ فېستىۋالغا قاتناشتى. بۇرسا خەلقىگە مىللىي ناخشا-ئۇسۇللىرىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسەتتى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر بالىلار دېكلاماتسىيە قىلغان شېئىر ۋە ئۇلار ئورۇندىغان ناخشا-ئۇسسۇللار بۇرسا خەلقىنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا ئېرىشتى».
2022-يىلى تۈرك دۇنياسىنىڭ كۈلتۈر پايتەختى دەپ ئېلان قىلىنغان بۇرسا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۇنياسى بالىلار فېستىۋالىغا ئىشتىراك قىلغان ئىستانبۇلدىكى تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تۇرسۇنئاي خانىم فېستىۋالدا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ساما ئۇسۇلىنى ئويناپ، «ئۇيغۇرمەن» دېگەن شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ كىشىلەرنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزى 2017-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، قۇرۇلغان كۈندىن بۇيان تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ھەر خىل فېستىۋال ۋە مۇراسىملارغا قاتنىشىپ ئۇيغۇر سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسەتكەن. مەزكۇر مەركەزنىڭ مۇدىرى شەمشىنۇر خانىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.