بارىن قەتلىئامىنىڭ 31-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2021-04-06
Share
بارىن قەتلىئامىنىڭ 31-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى بارىن قەھرىمانلىرى.
Photo: RFA

5-ئاپرېل بارىن قەتلىئامىنىڭ 31-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئىستانبۇل ئەيۇپ سۇلتان مەيدانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئىستانبۇلدىكى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق 15 كە يېقىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ۋەكىللىرى قاتناشتى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا يەنە رويتېرىس خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋە تۈركىيەنىڭ ئانادولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ قاتنىشىپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى ھەققىدە ئۇچۇرلارنى ئىگىلىدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، بۇنىڭدىن 31 يىل ئىلگىرى يەنى 1990-يىلى رامزان ئېيىدا خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ قەشقەرگە يېقىن ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدا چوڭ بىر قەتلىئام ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان ئاسارىتىنىڭ خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىق كۈرىشىنى خاتىرىلەش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق».

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان 1949-يىلىدا خىتاينىڭ ئىشغال ئاستىدا قالغاندىن كېيىن، خىتايلاشتۇرۇش، نوپۇس قۇرۇلمىسى، مىللىي مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلىرى، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئەركىنلىكى قاتارلىق بارلىق قىممەت قاراشلىرىمىزنى يوقىتىش ئۈچۈن سىستېمىلىق بىر شەكىلدە باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. كۆپ قېتىم قىرغىنچىلىق مەقسىتىدە چوڭ قەتلىئاملار يۈز بەردى. ھازىر خاتىرىلىنىۋاتقان بارىن قەتلىئامى، غۇلجا قەتلىئامى، ئۈرۈمچى قەتلىئامى ۋە ئىلىشقۇ قەتلىئامىغا ئوخشاش يېقىنقى يېرىم ئەسىردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ۋە قارشىلىق كۈرەشلەرگە كۈچ قوشقان بۇ قەتلىئاملارنى خاتىرىلەش كۈنلىرى كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ۋە بىزنىڭ بۇ دەۋانىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز يۈز بەرگەن قەتلىئاملارنى خاتىرىلەش ئارقىلىق بۇ مەشئەلنى ئەۋلادلىرىمىزغا ۋارىس قىلىپ قىلىپ قالدۇرىمىز. شەرقىي تۈركىستان 21-ئەسىردە ئىنسانىيەت كۆرۈپ باقمىغان ئىرقىي، جىسمانىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقلارغا ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ».

يىغىندا يەنە تۈركىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور جەلال ئەرباي، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەخمۇتجان مۇھەممەد داموللام قاتارلىق سۆز قىلىپ، بارىن قەتلىئامى توغرىسىدا توختالدى ۋە شېھىتلارنى ئەسلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.

بىز، يىغىندا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نۇرىدىن ئىزباسار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق، نۇرىدىن ئىزباسار ئەپەندى، بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ چېكىدىن ئېشىپ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە دۇنيا جامائىتىنىڭ بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن قەدەم بېسىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بىز يەنە بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى دوكتور شەۋكەت ناسىرنىڭ پىكىر – قاراشلىرىنى ئالدۇق. دوكتور شەۋكەت ناسىر ئەپەندى 5-ئاپرېل بارىن ۋەقەسى توغرىسىدا توختىلىپ: «بارىن ئىنقىلابى ئاددىي بىر ئىسيان ياكى خەلقنىڭ توپىلىڭى بولماستىن بەلكى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېكىسپالاتسىيەسىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق قوراللىق قوزغىلىڭى»، دېدى.

5-ئاپرېل بارىن قەتلىئامىنىڭ 31-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدىمۇ ئۇيغۇرلار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە ئەنقەرە، كونيا، كاستامانو، قەھرىمانماراش قاتارلىق تۆت شەھەردە ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىستانبۇلنىڭ ئەسەنلەر قاتارلىق تۆت رايوندا رەسىم ۋە مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت