ئەسقەر جان «ئاساسىي قانۇن مېدالىنى» باۋارىيە پارلامېنتى رەئىسىنىڭ قولىدىن تاپشۇرىۋالدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارالاشقان بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپادىكى سىياسىي ئىشلىرىغا مەسئۇل ۋەكىلى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى ئەسقەر جان ئەپەندى گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ باۋارىيە شتاتى پارلامېنتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان «ئاساسىي قانۇن مېدالى» نى تاپشۇرۇپ ئالدى.

مەزكۇر مېدال ياۋروپانىڭ ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان قىممەت قاراشلىرى بولغان دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك، كىشىلىك ھوقۇققا تۆھپە قوشقان كىشىلەرگە بېرىلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئەسقەر جان ئەپەندى مەزكۇر «مېدال» غا مۇۋاپىق كۆرۈلگەن. 26-ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مېدال تارقىتىش يىغىنىدا ھەر ساھەدە خىزمەت كۆرسەتكەن كىشىلەرگە مېدال تارقىتىپ بېرىلگەن. چەتئەلدىن كېلىپ يەرلەشكەنلەر ئارىسىدا پەقەتلا ئەسقەر جاننىڭ مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

مەزكۇر مۇراسىمغا كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلى چەكلىك ساندا كىشى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، تور ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلغان مۇراسىمغا باۋارييە پارلامېنتى رەئىسى ئىلسە ئائىگنەر خانىم، مۇئاۋىن رەئىسى ماركۇس رىندەرسپاچېر ئەپەندى قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلىپ، ئەسقەر جاننىڭ دېموكراتىيە ھەم كىشىلىك ھوقۇققا قوشقان تۆھپىسى ھەققىدە توختالدى.

ئەسقەر جان ئەپەندى تاپشۇرۇپ ئالغان، گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ باۋارىيە شتاتى پارلامېنتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان «ئاساسىي قانۇن مېدالى». 2021-يىلى 26-ئىيۇن، گېرمانىيە.

باۋارىيە شتاتى پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ئىلسە ئائىگنەر خانىم ئەسقەر جان ئەپەندىنى مېدالنى ئېلىش ئۈچۈن سەھنىگە تەكلىپ قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى: «ھۆرمەتلىك ئەسقەر جان، سىز گېرمانىيە ميۇنخېنغا دەسلەپتە كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن بىرى. سىز كەلگەن ۋاقتىدا گېرمانىيەدە پەقەتلا 10-15 نەپەر ئۇيغۇر بار ئىكەن. سىز ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان گېرمانىيەدە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بەرپا بولۇشى ئۈچۈن تىرىشىۋېتىپسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە گېرمانىيەنىڭ قىممەت قارىشى بولغان كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن كۆپ خىزمەتلەرنى قىلدىڭىز. بۇنى ھارماي-تالماي ئۇزۇن يىل داۋاملاشتۇردىڭىز. سىزنىڭ ۋەتىنىڭىزنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، سىز مىللىتىڭىزنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈنمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشتىڭىز. بۇ خىزمەتلەرنى ئۇزۇن يىل پىداكارلىق بىلەن قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتىنى بېرىشنى قارار قىلدۇق».

باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تارقىتىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى، د ئۇ ق نىڭ ياۋروپادىكى ۋەكىلى ئەسقەر جان ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، مۇكاپاتنى ئالغاندىن كېيىنكى تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي بىزگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر پەيتتە مەندەك بىر ئۇيغۇرغا كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن بۇنداق بىر مۇكاپاتنىڭ بېرىلىشى خىتايغا بېرىلگەن بىر سىگنال دەپ ئويلايمەن. بۇنى ئالغاندىن كېيىن ھەم ئۆزۈم ھەمدە ئۇيغۇرلار نامىدىن بەكلا پەخىرلەندىم».

باۋارىيە پارلامېنتى «ئاساسىي قانۇن مېدالى» نى 1959-يىلىدىن تارتىپ تارقىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، نامزاتلار پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، پارلامېنت رەئىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بېرىلىدىكەن. ئەسقەر جان ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

ئەسقەر جان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە باۋارىيە شتاتىدا كۆپ ساندا مىللەت خەلقلىرى ياشايدىغان بولۇپ، مەزكۇر مېدال 62 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بىر چەتئەللىككە بېرىلىپتۇ. ئەسقەر جان ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

ئەسقەر جان ئەپەندى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا ھەر خىل ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلمەكتە. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئەسقەر جاننىڭ بۇنداق بىر مۇكاپاتقا ئېرىشىشىدىن ناھايىتى خۇرسەن بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەزكۇر مېدال بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرى ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا جاكارلانغان بولۇپ، «كورونا ۋىرۇسى» تۈپەيلى مۇراسىم كېچىكتۈرۈلگەنىدى.

گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى دۆلىتى 10 شىتاتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، باۋارىيە شتاتى 15 مىليون نوپۇسقا ئىگە، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەڭ كۈچلۈك شتاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. باۋارىيە شتاتىنىڭ پارلامېنتى، ھۆكۈمىتى، باش مىنىستىرى، ئۆز ئەدلىيەسى بار بولۇپ، ئىچكى ئىشلاردا مۇستەقىل، تاشقى سىياسەتتە گېرمانىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىگە قارايدىكەن. باۋارىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە 2004-يىلى قۇرۇلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بۇرۇن قۇرۇلغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ئەنگە ئالدۇرۇلغانىدى.