250 كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيوغا قارشى چاقىرىق ئېلان قىلدى
2022.01.18
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارادىكى 250 كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى 14-يانۋار بىرلەشمە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتىرېسنىڭ خىتاينىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسغا قاتنىشىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتىرېسنىڭ خىتاينىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسغا قاتنىشىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقى «تارىخىي بىر خاتالىق ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىچىلىقلىرىغا كۆز يۇمۇش» بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
250 تەشكىلاتنىڭ بىرلەشمە چاقىرىقى مۇنداق ئىبارىلەر بىلەن باشلانغان: «تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار، خوڭكوڭلۇقلار، خىتايلار، جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىكلەر، تەيۋەنلىكلەر ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن تەركىب تاپقان 250 دىن ئارتۇق ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلەشمىسى ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتىرېسغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنىڭدىن قوبۇل قىلغان خىتاينىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسغا قاتنىشىش تەكلىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.»
چاقىرىقتا مۇنداق دېيىلگەن: «ب د ت دىكى 50 دىن ئارتۇق مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى خەلقئارا جەمئىيەتنى كوللېكتىپ ھالدا كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا ۋە خەلقئارادىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرماقتا، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خىتايدىكى بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشماقتا.»
چاقىرىقتا 250 كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىچىدىن ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ سۆزلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئۇيغۇر مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيىتتە، ب د ت باش كاتىپىنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتناشماقچى بولۇشى كىشىنى چۆچۈتىپلا قالماي، ب د ت نىڭ يادرولۇق پىرىپسىپلىرىغىمۇ تۈپتىن خىلاپتۇر. ئۇنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا پەيدا بولۇشى خىتاينىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى بارلىق كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرۈپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ب د ت نىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ئوبرازىغىمۇ ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.»
د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئۇيغۇر بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتىرېس خىتاينىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش تەكلىپىنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» داۋام قىلىۋاتقان بىر چاغدىلا ئەمەس، بەلكى ئانتونىيو گۇتىرېسنىڭ قول ئاستىدىكى ئالىي كومىسسارلار ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر زۇلۇملار توغرۇلۇق جىددىي دوكلات ھازىرلاۋاتقان بىر چاغدا قوبۇل قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
چاقىرىقتا بايان قىلىشىچە، تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن پېما دوما «ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتىرېسنىڭ خىتاينىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسغا قاتنىشىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشى پۈتۈنلەي بىمەنىلىك، بەلكى بۇ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭلۇقلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئېغىر باستۇرۇشلىرىغا قارشى ئېقىمغا پۈتۈنلەي زىت،» دېگەن.
تەيۋەنلىك سىياسىي ئاكتىپ پىڭ شۈەنلى بولسا «خىتاينىڭ ب د ت مۇنبەرلىرىدىكى زوراۋانلىق قىلمىشلىرى باش كاتىپنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى رەت قىلىشىغا يېتەرلىك ئاساس بولالايدۇ. خىتاينىڭ ب د ت دىكى ئۆچ ئېلىش، ئەيىبلەش، بايقۇتلارغا ئىزچىل توسالغۇلۇق قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە پىكىر بايان قىلىشلارنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرىنى بەلكىم ئانتونىيو گۇتىرېس تەقدىرلىمەسلىكى مۈمكىن، ئەمما شى جىنپىڭ بۇنى ئاشۇنداق چۈشىنىدۇ،» دېگەن.
خوڭكوڭلۇق سىياسىي ئاكتىپ فرانسېس خۇي مۇنداق دېگەن: «ئانتونىيو گۇتىرېسنىڭ خىتاينىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسغا قاتنىشىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىغا كىشىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ مۇسابىقىغا قاتنىشىش قارارى تامامەن يىرگىنىشلىك بولۇپ، بېيجىڭغا بولغان چوقۇنىشىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە پۈتۈنلەي بىپەرۋا قارايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ھەممىدىنمۇ يامانى، بىز بۇنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قىلمىشلىرىغا ياردەم بەرگەنلىك بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمىز. ئۇ خىتاينىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشى لازىم.»