بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىتاينى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تىزىملىكى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەرنى ئاشكارىلىغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خادىمى ئېمما رايلى خانىم يېقىندا خىزمىتىدىن بوشىتىلغان.
ئېمما رايلى خانىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلغانلىقىم ئۈچۈن خىزمىتىمدىن بوشىتىلدىم. ب د ت خىتايغا ئۇيغۇرلارنىڭ تىزىملىكىنى بېرىشتىن توختاپ باقمىدى. نۇرغۇن دۆلەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەر خىل يىغىنلىرىدىن بۇرۇن يىغىنغا قاتنىشىدىغان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى سورايدۇ. لېكىن ب د ت تىزىملىكنى باشقا دۆلەتلەرگە بەرمەيدۇ. پەقەت خىتايغىلا بېرىدۇ.»
ئۇ يەنە سۆھبىتىمىز جەريانىدا: «دېموكراتىك دۆلەتلەر قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇۋاتىدۇ،» دېدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق ئېمما رايلى خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن مەخسۇس سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتى ئاڭلىغايسىلەر.