ب د ت نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشى چاقىرىق قىلىندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.10.22
germaniye-kitab-yermenkisi-01 2024-يىللىق فرانكفۇرت كىتاب يەرمەنكىسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نەشرىيات مەھكىمىسى ئورۇنلاشتۇرغان «ھېكايە ئېيتىشمۇ كىشىلىك ھوقۇق» دېگەن پائالىيەت كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 16-ئۆكتەبىر، فرانكفۇرت
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

فرانكفۇرت كىتاب يەرمەنكىسى جەريانىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نەشرىيات مەھكىمىسى تەشكىللىگەن يىغىنىدا لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋە شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە نەشرىيات ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بايان قىلغان. شۇنداقلا، يىغىندا دۇنيانى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشى چاقىرىق قىلىنغان.

2024-يىللىق فرانكفۇرت كىتاب يەرمەنكىسىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نەشرىيات مەھكىمىسى «ھېكايە ئېيتىشمۇ كىشىلىك ھوقۇق» (Storytelling is a Human Right) دېگەن نام ئاستىدا پىكىر ئەركىنلىكى ۋە نەشرىيات ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ پائالىيەتكە ئىتالىيە، سۇدان، ئەرمېنىيە، ئۇكرائىنا ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ بەش نەپەر ئاپتور (يازغۇچى ۋە شائىر) تەكلىپ قىلىنغان. بۇ پائالىيەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى مەرى گىلەن (Mary E. Glenn) سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ھېكايە ئېيتىشمۇ كىشىلىك ھوقۇق ھېسابلىنىدۇ. دۇنيادىكى دېموكراتىيەگە قارشى كۈچلەر بۇ خىل پىكىر ئەركىنلىكىنى ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى تەھدىت ھېسابلايدۇ. ھېكايىلەر ئادالەتسىزلىكلەرنى پاش قىلىپ، ئۇنىڭغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتىشىمىزگە ۋە تەپەككۇر قىلىشىمىزغا ئىلھام بېرىدۇ».

2024-يىللىق فرانكفۇرت كىتاب يەرمەنكىسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نەشرىيات مەھكىمىسى ئورۇنلاشتۇرغان «ھېكايە ئېيتىشمۇ كىشىلىك ھوقۇق» دېگەن پائالىيەت كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 16-ئۆكتەبىر، فرانكفۇرت
2024-يىللىق فرانكفۇرت كىتاب يەرمەنكىسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نەشرىيات مەھكىمىسى ئورۇنلاشتۇرغان «ھېكايە ئېيتىشمۇ كىشىلىك ھوقۇق» دېگەن پائالىيەت كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 16-ئۆكتەبىر، فرانكفۇرت
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

2024-يىللىق فرانكفۇرت كىتاب يەرمەنكىسىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نەشرىيات مەھكىمىسى ئورۇنلاشتۇرغان «ھېكايە ئېيتىشمۇ كىشىلىك ھوقۇق» دېگەن پائالىيەتكە قاتناشقان لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋە شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ خەلقئارالىق پائالىيەتكە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە نەشرىيات ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بايان قىلدىم».

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نەشرىيات مەھكىمىسى ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتكە قاتناشقان گېسەن ئۇنىۋېرسىتېتى (Giessen University) ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقات تۈرىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى ۋە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كاندىدات دوكتورى سەنئەت خانىم بۇ پائالىيەت ھەققىدە تەسىراتىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا شاھىت بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى توغرا تونۇتۇش ئۈچۈن بۇ ناھايىتى ياخشى بىر سەھنە بولدى. قەلەمنىڭ ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ كۈچىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ. بۇ پائالىيەت ئۇيغۇر داۋاسىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە».

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى ئاخىردا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نەشرىيات مەھكىمىسى ئورۇنلاشتۇرغان بۇ مۇھىم يىغىندا دۇنيادىن ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىرىلغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغان ئالدى.

2024 يىللىق فرانكفۇرت كىتاب يەرمەنكىسىدە، گېرمانىيەنىڭ گېسەن ئۇنىۋېرسىتېتى (Giessen University) «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى يوقىلىۋاتقاندا شېئىرنىڭ كۈچى» ناملىق يىغىندا سولدىن ئوڭغا دوكتور مىخايېل رەيىنخارد ھېس (Michael Reinhard Hess) بىلەن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋە شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن. 2024-يىلى 17-ئۆكتەبىر، فرانكفۇرت
2024 يىللىق فرانكفۇرت كىتاب يەرمەنكىسىدە، گېرمانىيەنىڭ گېسەن ئۇنىۋېرسىتېتى (Giessen University) «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى يوقىلىۋاتقاندا شېئىرنىڭ كۈچى» ناملىق يىغىندا سولدىن ئوڭغا دوكتور مىخايېل رەيىنخارد ھېس (Michael Reinhard Hess) بىلەن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋە شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن. 2024-يىلى 17-ئۆكتەبىر، فرانكفۇرت
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

2024 يىللىق فرانكفۇرت كىتاب يەرمەنكىسىدە يەنە، گېرمانىيەنىڭ گېسەن ئۇنىۋېرسىتېتى (Giessen University) «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى يوقىلىۋاتقاندا شېئىرنىڭ كۈچى» ناملىق بىر يىغىن تەشكىللىگەن. بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى پىكىر ئەركىنلىكى ۋە نەشرىيات ھوقۇقى دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىشىشى، ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە شائىرلارنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلغان. بۇ يىغىننى تەشكىللىگۈچى ۋە يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغۇچى دوكتور مىخايېل رەيىنخارد ھېس (Michael Reinhard Hess) بىزگە بۇ يىغىننىڭ مەزمۇنى ۋە مەقسىتى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى.

ئىگىلىشىمىزچە فرانكفۇرت كىتاب يەرمەنكىسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىتاب سودا يەرمەنكىسى ھېسابلىنىدىكەن. فرانكفۇرت كىتاب يەرمەنكىسى 16-ئۆكتەبىردىن 20-ئۆكتەبىرگىچە گېرمانىيەنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. يەرمەنكىگە نەشرىياتچى، ۋاكالەتچى، كىتاب ساتقۇچى، كۇتۇپخانا ۋەكىلى، تەتقىقاتچى، كىنو ئىشلىگۈچى، تەرجىمان، سەنئەتكار، ئاپتور، ئاسارە-ئەتىقە يىغىپ ساقلىغۇچى ۋە باشقا كەسىپتىكىلەردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.