خىتاي ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن «ب د ت 16-نۆۋەتلىك ئاز سانلىقلار مۇنبىرى» دە بىر نەپەر ئۇيغۇر ئايالنى سەھنىگە چىقارغان

0:00 / 0:00

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش شىتابىدا «16-نۆۋەتلىك ب د ت ئاز سانلىقلار مۇنبىرى» ئېچىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ مۇنبەردە ئۇيغۇر تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە چەت ئەللىك دىپلوماتلار بىلەن خىتاي ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن مۇنازىرىلەر بولۇپ ئۆتكەن.

خىتاي ۋەكىللىرى بۈگۈنكى يىغىندا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى بىلەن بىر قىسىم غەرب دىپلوماتلىرىنىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزلىرى تەربىيەلەپ ئېلىپ كەلگەن بىر نەپەر ئۇيغۇر ئايالنى سەھنىگە چىقارغان. نەق مەيداندىكى ۋىدىيو كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا، خىتاي سەھنىگە ئېلىپ چىققان بۇ ئۇيغۇر ئايال «خىتاي ئانتروپولوگىيە (ئىنسانشۇناسلىق) ۋە ئېتنوگرافىيە جەمئىيىتى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئىمىش.

«16-نۆۋەتلىك ب د ت ئاز سانلىقلار مۇنبىرى» دە خىتاي ۋەكىللىرى سۆزلەۋاتىدۇ، 2023-يىلى 1-دېكابىر، جەنۋە
«16-نۆۋەتلىك ب د ت ئاز سانلىقلار مۇنبىرى» دە خىتاي ۋەكىللىرى سۆزلەۋاتىدۇ، 2023-يىلى 1-دېكابىر، جەنۋە (RFA/Hebibulla)

بۈگۈن يەنى 1-دېكابىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىندا خىتاي ۋەكىللىرى سۆز ئېلىپ، 2017-يىلىدىن بېرى ئۇيغۇر رايونىغا 20 مىڭغا يېقىن تېخنىك خادىم ئەۋەتىپ، 20 مىليونغا يېقىن كىشىنى «كەسپىي تېخنىكا ماھارىتى بىلەن تەربىيەلىگەنلىكى»؛ شۇنداقلا «ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغانلىقى» ھەققىدە لاپ ئۇرغان، شۇنداقلا بۇ سان-سېپىرلار بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن 12-نۆۋەتلىك ب د ت ئاز سانلىقلار مۇنبىرىدە سۆزلەۋاتىدۇ. 2023-يىلى 1-دېكابىر، جەنۋە
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن 12-نۆۋەتلىك ب د ت ئاز سانلىقلار مۇنبىرىدە سۆزلەۋاتىدۇ. 2023-يىلى 1-دېكابىر، جەنۋە (RFA/Hebibulla)

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم ئارقىدىنلا سۆزگە چىقىپ، خىتاينىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى، 2014-يىلدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقادىنى ۋەيران قىلىشقا، جۈملىدىن ئۇيغۇر رايونىدىكى مەسچىت، قەبرىستانلىق ۋە دىنىي ئىبادەت سورۇنلىرىنى چېقىپ تۈزلىۋېتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى؛ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان ياراتقان غەيرىي-ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى غايىب قىلىۋېتىشكە، ئەنئەنىۋى مىللىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى سىستېمىلىق يوقىتىشقا كۈچەپ كەلگەنلىكىنى؛ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىدا ياكى زاۋۇت-فابرىكىلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

يىغىندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان زۇمرەتئاي خانىم، خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىندا دۇچ كەلگەن كۈچلۈك بېسىملارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، چۈشتىن كېيىنكى يىغىندا بىر نەپەر ئۇيغۇر ئايالنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋانلىقلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

بۈگۈنكى بۇ يىغىندا خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ ئارقىدىنلا ئىتالىيەنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى سۆز ئېلىپ، خىتاينىڭ تۈرلۈك يالغانلىرىغا رەددىيە بەرگەن. ئىتالىيە ۋەكىلى سۆزىدە، خىتاينىڭ ئىتالىيەگە بەرگەن ۋەدىلىرىنىڭ بىرىنىمۇ ئورۇندىمىغانلىقىنى؛ خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئىتالىيەنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانىدىن 2019-يىلىلا چېكىنىپ چىققانلىقىنى؛ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ يىغىندا يەنە تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇل تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارمۇ خىتاينىڭ جىنايى پاكىتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ب د ت دىن جىددىي تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان.