ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مېشېل باچېلوت خىتاي دائىرىلىرىدىن لاگېرلارنى چەكلىمىسىز زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ سۆزلەرنى مېشېل باچېلوتنىڭ ئىشخانىسى رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سوئاللىرىغا يازما شەكىلدە يوللىغان جاۋابىدا ئېيتتى.
مېشېل باچېلوتنىڭ تاراتقۇ ۋە ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ خادىمى مۇرتا ھۇرتادو جاۋابىدا مۇنۇلارنى دېدى: «ئالىي كومىسسار خىتاينى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىندى. ھازىر بىز خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن چەكلىمىسىز زىيارەت قىلىش مەسىلىسىنى مۇنازىرە قىلىۋاتىمىز.»
13-ئىيۇن خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېن شۈ جەنۋەدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مېشېل باچېلوتنىڭ ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
رادىيومىزغا يوللانغان جاۋابتا يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن ئۆتكەن ھەپتە كۆرۈشكەنلىكى دەلىللەنگەن.
ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىدارىلىرى ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قالمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ب د ت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مىسلىسىز دەرىجىدە كېڭەيتىلگەن لاگېرلارنى چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش تەلىپىنى ئىزچىل ھالدا رەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ بۇ نۆۋەت قانداق شەرتلەر بىلەن خىتايغا تەكلىپ قىلىنغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭغا لاگېرلارنى چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش رۇخسىتى بېرىلىدىغان ياكى بېرىلمەيدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.
ھالبۇكى، خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنى ئۇيغۇر رايونىغا تەكلىپ قىلىشى، ئامېرىكىنىڭ لاگېر مەسىلىسىدە خىتايغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرى كۈچەيگەن، لاگېرلارغا قامالغانلار سانىنىڭ 2 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىۋالغان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىقتى.