خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىدا تۈرلۈك مۇلاھىزە ۋە باھالار ئوتتۇرىغا چىقماقتا
2021.10.27

24-ئۆكتەبىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 76 يىللىقى تەبرىكلەندى. ئارقىدىنلا يەنى 25-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي ئۆزىنىڭ 1971-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
گومىنداڭ پارتىيەسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان مەزگىللەردە خىتاي جۇمھۇرىيىتى ئەينى چاغدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچى ئەزا دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىدى. 1949-يىلى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشى نەتىجىسىدە گومىنداڭ ھاكىمىيىتى تەيۋەنگە چېكىنگەن. شۇندىن كېيىن ب د ت دا زادى قايسى خىتاينى، يەنى تەيۋەندىكى خىتاي جۇمھۇرىيىتىنى ياكى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنى كونترول قىلىۋاتقان كوممۇنىست خىتاينى ب د ت نىڭ ئەزا دۆلىتى دەپ قوبۇل قىلىش ھەققىدە كۆپلىگەن مۇنازىرىلەر يۈز بەرگەن. نەتىجىدە 1971-يىلىدا بېرىلگەن قارار نەتىجىسىدە خىتاي كومپارتىيەسى يېتەكچىلىكىدىكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى دەپ قوبۇل قىلىنغان. شۇندىن كېيىن تەيۋەن ب د ت دىكى ئورنىدىن ئايرىلغان.
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كوممۇنىست خىتاينىڭ ب د ت غا ئەزا بولغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان تېلىۋىزىيە نۇتۇقىدا، تەيۋەننىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالماي تۇرۇپ: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرىنى خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى بىردىن-بىر قانۇنلۇق ۋەكىلى دەپ ئېتىراپ قىلىش-خىتاي خەلقىنىڭ غەلىبىسى ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ غەلىبىسدۇر،» دېگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە مۇنۇلارنى دېگەن: «بۇ 50 يىلدا خىتاي خەلقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقتا تۇرۇپ، خەلقئارا باراۋەرلىك ۋە ئادالەتنى ساقلاپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى. . . خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىملىق ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلدى، ب د ت نىزامنامىسىنىڭ مەقسىتى ۋە پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا ئوينايدىغان مەركىزىي رولىنى ساقلاپ كەلدى. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ب د ت نىزامنامىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ روھى بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىغا ۋە خەلقئارانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشتى.»
ھالبۇكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ 50 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن، ئىزچىل ھالدا ب د ت نىزاملىرىنى ئۆزگەرتىشكە، ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلەپ ئۆتتى: «خىتاي ھۆكۈمىتى كېيىنكى يىللاردا ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ب د ت نىزامنامىلىرىنى ئۆزگەرتىشكە، ئۇنى ئۆزىگە پايدىلىق ھالەتكە ئەكىلىشكە ھەرىكەت قىلدى. بولۇپمۇ ‹كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى› دىكى ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلۇشتىن ھۆر تۇغۇلىدىغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇقى، ئىززىتى، غورورى بىلەن ياشاش ھوقۇقى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ماددىلارنى ئۆزگەرتىپ، ‹پۇقرالارنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇشمۇ كىشىلىك ھوقۇق› دېگەن ماددىنى كىرگۈزمەكچى بولغىنىغا بىز شاھىت بولدۇق.»
دەرۋەقە، يېقىنقى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ۋە ئۇنىڭ ئاپپاراتلىرىنى ئۆز تەسىرى ئاستىغا ئېلىش ھەرىكىتى كۈچلۈك دىققەت قوزغاشقا باشلىغان ئىدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ ھەقتە بىر قانچە مۇھىم دوكلات ئېلان قىلغان. ئۇلار «خىتاينىڭ ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزىملىرىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى» ناملىق دوكلاتىدا «خىتاي ئۆز ئىچىدىكى 1 مىليارد 400 مىليون كىشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت سېلىپلا قالماي، دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغان سىستېمىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەممە كىشىنىڭ ھوقۇقىغا تەھدىت پەيدا قىلماقتا،» دېگەن.
ئامېرىكادىكى كور ئانالىز مەركىزىنىڭ باشلىقى دوكتور ئاندېرس كورمۇ خىتاينىڭ داۋاملىق ب د ت پىرىنسىپلىرىغا خىلاپ ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئېلخىتىدە مۇنداق دېگەن:
«خىتاي ب د ت نىڭ پرىنسىپلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ھەر ۋاقىت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قىلدى. جۈملىدىن بۇ ئۇنىڭ داۋاملىق ھەرخىل يوللار ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاي دۆلەت ئىچىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزدى. تىبەتتىن شەرقىي تۈركىستانغىچە بولغان زېمىنلارنى قوشۇۋالدى. جەنۇبىي دېڭىز ۋە ھىمالايا تېغىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىنى تارتىۋالدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلدى.»
ئاندېرس كور ئەپەندى «ئەينى چاغدا تەيۋەننىڭ ئورنىغا خىتاي كومپارتىيەسى يېتەكچىلىكىدىكى كوممۇنىست خىتاينى ب د ت غا ئەزا قىلىپ ئېلىپ كىرىش زور خاتالىق ئىدى» دەپ تەكىتلىدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ب د ت بىر قارىماققا ئاجىز ۋە ئۇنىڭ قارارلىرىنىڭ ھېچقانداق مەجبۇرلاش كۈچى يوقتەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكىتىنى مۇستەقىل ھالدا كۆزىتىپ تۇرىدىغان ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمەتلىرىنى يۈرۈتىدىغان بىردىن-بىر خەلقئارالىق ئورگان بولۇپ، خىتاي ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى بىلگەچكە ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشىپ كەلگەن.
خىتاينىڭ ب د ت دىكى تەسىرى 1971-يىلى خىتاي بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇپ كىرگەندىن بۇيان ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەن. 2018-يىلىغا كەلگەندە خىتاي ب د ت غا ئەڭ كۆپ پۇل ئىئانە قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇنىڭ ئىئانىسى 2019-يىلى ب د ت خامچوتىنىڭ 12 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئامېرىكادىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق ‹ئاشلىق ۋە يېزا-ئىگىلىك تەشكىلاتى›(FAO) قاتارلىق نۇرغۇن ئاپپاراتلارنىڭ باشلىقلىقىغا خىتايلار تەيىنلىنىشكە باشلىغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلباغ» قۇرۇلۇشى ۋە باشقا مەبلەغ تۈرلىرىنى ۋەدە قىلىش بەدىلىگە كۆپ قىسىم ئىقتىسادىي ئاجىز دۆلەتلەرنى ئۆزىگە قارىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئوخشاش خىتاي ئاڭلاشنى خالىمايدىغان مەسىلىلەرنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى، خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە تىلغا ئېلىنىشىنى توسۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ھازىر يەنىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى تونۇپ يېتىشى، بولۇپمۇ دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ب د ت نىڭ قۇرۇلۇش پىرىنسىپلىرىغا سادىق قېلىشنى ھەرۋاقىت تەكىتلىشى نەتىجىسىدە، خىتاي ئۆز مەقسەتلىرىگە تولۇق يېتەلمەي كەلمەكتىكەن. بولۇپمۇ بۇ تىركىشىش ئۇيغۇر مەسىلىسىدە روشەن ئىپادىسىنى تاپماقتىكەن.
تېخى يېقىندا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالاھىدە يىغىنىدا ئامېرىكا باشلىق 43 دۆلەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە خىتايدىن ب د ت نىڭ مەخسۇس خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاھىدە بىر زىيارەت گورۇپپىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا چەكلىمىسىز، توسالغۇسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا دەرھال يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا 2019-يىلى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 23 بولغان بولسا، 2020-يىلى 39 غا يەتكەن. بۇ يىل تۈركىيە، پورتۇگالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن سانى ئۆرلەپ 43 كە يەتكەن.
ئالدىنقى يىلى يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەر مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قىلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە ئۇنىڭ ب د ت نىزاملىرىغا خىلاپ قىلىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.