گەرچە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە ساناقلىق كۈنلەر قالغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ ئولىمپىك سەھنىسىدىن ئۆزى كۈتكەندەك نەتىجە ئالالمايدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ ھازىرغىچە ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، لىتۋا، بېلگىيە، دانىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ قېتىملىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا ھۈكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قىسىم تەنتەربىيە ساھەسىدىكى چوپلانلار ۋە داڭلىق شىركەتلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئۆزلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكانىڭ «NBC Sports» تېلېۋىزىيە قانىلى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئۆز خىزمەتچىلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
بۇنىڭ ئالدىدا نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەپدارلىرى «NBC» قانىلىنى خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى» نى خەۋەر قىلماسلىققا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات قورالىغا ئايلانماسلىققا چاقىرىپ كەلگەن ئىدى.
ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى سابىق مۇئاۋىن باش ئەلچىسى بولغان كېللي كۇريې خانىم يېقىنقى كۈنلەردە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئۆزگىرىش بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، خىتاينى ئولىمپىكتىن پايدىللىنىپ ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىشىغا يول قويماسلىقتا، «NBC» نىڭ تاراتقۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە رولىغا سەل قارىماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىلگىنىمىزدەك، ھازىر بېيجىڭ ئولىمپىكىغا ئازلا ۋاقىت قالدى.
ئەمەليەتتە خەلقئارا ئولىمپىك كومېتىتى ئۈچۈن كوۋىد يۇقۇمى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ بۇ ئولىمپىكنى ئۆتكۈزۈشىنى توختىتىشى ياكى باشقا يەرگە يۆتكەشتەك توغرا قارار ئېلىشى، ئۇنچە قىيىنغا توختىمايتتى. ئەمما ئولىمپىك كومېتىتى نامۇۋاپىق قارارنى ئالدى، چۈنكى خىتاي بۇنى سىياسيلاشتۇرىۋەتكىنى ئۈچۈن نامۇۋاپىق قارارلار ئېلىندى. ئەمدى ئەڭ ئالدى بىلەن بۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تارقىتىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئامېرىكانىڭ NBC قانىلى، بۇ مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىملىرىنى تارقاتماسلىقى ۋە پەقەتلا تەنھەرتكەتچىلەرنىڭ مۇسابىقە جەريانىنى كۆرسىتىش بىلەن چەكلىنىشى كېرەك. ئۇلار بۇ ئولىمپىك ئۆتكۈزىلىۋاتقان جەرياندا يەنە ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق، تىبەت ۋە خوڭكوڭ مەسىلىلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ئايرىم سەھىپىلەرنى ئېچىپ، كىشىلەرنى بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشقا مەيدان ھازىرلىشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن.»
كېللي خانىم يەنە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھەمكارلاشقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «بېيجىڭ ئولىمپىكىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ھەرقانداق ئامېركا شىركەتلىرى، خىتاينىڭ سىياسەتلىرىگە ئارىلىشىپ كەلگەن ۋە سىياسەتلەردە مەلۇم رول ئويناپ كەلگەن. ئۇلار سىياسەتتىن خالى بولالمايدۇ. ئۇلارنىڭ خىتايدىكى بۇ سىياسي مەسىلىلەرگە سۈكۈت قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۆزىنىڭ مەيدانىنى سەمىمىي ۋە ئېنىق ئىپادىلەش مەسئۇلىيىتى بار. مېنىڭچە، ئۇلارنىڭ سۈكۈت قىلىشى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىپ قېلىشتىن باش تارتقانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»
كېللي خانىم يەنە، ھەتتا ئامېرىكادىكى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئولىمپىكنى تاشاما قىلغۇچى ئاۋام خەلقنىڭمۇ بېيجىڭ ئولىمپىكى مەيدانىنى خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ سىياسي غەرەزلىرى ئۈچۈن تەشۋىقات قىلىش مەيدانىغا ئايلاندۇرۇشىغا يول قويماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ئاۋام ھېچ بولمىغاندا، بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ تاماشىبىنى بولماسلىقنى تاللىيالايدۇ. بېيجىڭ ئولىمپىكىنى قوللىغان شىركەتلەر ئولىمپىك جەريانىدا ئېلانلىرىنى كۆرسىتىپ، ئىقتىسادىي مەنپئەت ئېلىشنى، خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، پەقەتلا پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلغان. شۇڭا خېرىدار ۋە تاماشابىنلارنىڭ تاللىشىنىڭ قانداق بولۇشى، ئۇلارنىڭ پۇل تېپىش ياكى تاپالماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا تاماشىبىنلارنىڭ مەيدانى ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەمكارلىقىنى داۋام قىلىش-قىلماسلىق ھەققىدە قايتا ئويلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ.»
نۆۋەتتە ھەر قايسىي دۇنياۋىي ئاخباراتلاردا، خىتايغا بېرىپ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان شىركەت ياكى دۆلەتلەر ۋە تەنھەتكەتچىلەرنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايدەك بىر دۆلەتنى قوللىماسلىققا ئاگاھلاندۇلماقتا. شۇنداقلا بۇ ئولىمپىكنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش توغرىلىق بېسىم ئىشلىتىشنىڭ پۇرسىتىگە ئايلاندۇرۇشقا چاقىرىق قىلىنماقتا.