يەھۇدىيلار تەشكىلاتى: «بىز 2022-يىلى بېيجىڭدا 1936-يىلىدىكى بېرلىن ئولىمپىكىنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىنى كۆرەمدۇق؟»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2022.01.28
يەھۇدىيلار تەشكىلاتى: «بىز 2022-يىلى بېيجىڭدا 1936-يىلىدىكى بېرلىن ئولىمپىكىنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىنى كۆرەمدۇق؟» ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئىچىدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇرلارنى قوللاش گورۇپپىسى» نىڭ رەئىسى توم سۇزى 10 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر، تىبەت ۋە يەھۇدىي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسى ئالدىدا نامايىش قىلدى. 2022-يىلى 28-يانۋار.
Photo: RFA

28-يانۋار كۈنى نىيۇ-يوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىزمەت بىناسىنىڭ ئالدىدا ناھايىتى ئۆزگىچە بىر پائالىيەت ئىلىپ بىرىلدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئىچىدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇرلارنى قوللاش گورۇپپىسى» (Uyghur Caucus) نىڭ رەئىسى توم سۇزى 10 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر، تىبەت ۋە يەھۇدىي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاشكارا ئەيىبلەشكە چاقىردى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىدىن توم سۇزى ۋە كىرىستوفېر سىمىس قاتارلىقلارنىڭ باشچىلىقىدا «ئۇيغۇرلارنى قوللاش گورۇپپىسى» ئۆتكەن يىلى 29-ئىيۇل كۈنى قۇرۇلغان ئىدى. ئۇلار بۇ ھەقتىكى باياناتىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە بولغان تونۇشنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، شۇنداقلا 21-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان قانۇنلارنى قوللاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

NewYork-BDT-Namayosh-20220228-02.jpg

توم سۇزى مەزكۇر پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى كىشىلىك ھوقۇق ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بىر دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قايتا ئويلىنىپ كۆرۈشكە، ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئالاھىسە دىققەت قىلىشقا چاقىردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكانىڭ ئالدىنقى ۋە ھازىرقى ھەر ئىككى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ، دەپ ئېلان قىلدى. ئامېرىكادا نۇرغۇن مەسىلىلەردە بىرلىككە كىلەلمەيۋاتقان ئىككى پارتىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بىرلەشتى، بۇ ناھايىتى مۇھىم. ئامېرىكا ھۆكۈمتى يېقىندا ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئىلىش قانۇنى› نى ماقۇللىدى. قانۇننى ماقۇللاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان مايكا-ئىشتانلىرىنىڭ بەدىلىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مۇئامىلىلەر سەۋەبلىك بىز شىنجاڭدىن مەھسۇلات ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشىمىز كېرەك.»

پائالىيەتكە لاگېر شاھىدى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلارمۇ ئىشتىراك قىلغان.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ خادىمى بابۇر ئىلچى توم سۇزىدىن كېيىنلا سۆز قىلدى. ئۇ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىر ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ چوڭ دادىسىنىڭمۇ لاگېرغا سولانغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «يىللاردىن بىرى بىز خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇشىنى، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپكىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكىشىنى ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان جىنايىتىنى ئاشكارا ئەيىبلىشىنى، 2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپكى ئارقىلىق بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزەىۋاتقان باستۇرۇشىنى تەبرىكلىمەسلىكىنى تەلەپ قىلىپ كەلدۇق. ئۇلار تەلىپىمىزنى رەت قىلدى، شۇڭا بىز ئۆزىمىز ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى كۆرۈشنى رەت قىلىشىمىز كېرەك. مەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە مەبلەغ سالغۇچىلارنى خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى توختىتىشىنى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچلىقىغا شېرىك بولماسلىقىنى تەلەپ قىلىمەن.»

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن لاگېردا ئۆزى بىۋاستە بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشكە ئەسلا سالاھىيىتى توشمايدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بېيجىڭدا ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق دۇنيانىڭ خىتاينى يەنىلا قوللاۋاتقاندەك بىر كەيپىيات پەيدا قىلىشىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پائالىيەتتە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنى قوللايدىغان تەشكىلاتلارمۇ سۆز قىلىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچلىقنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى بولماسلىققا، خىتاي كومپارتىيەسىنڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاشكارىلاشقا چاقىردى.

ئەڭ ئاخىرىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنىلىكى ئۈچۈن يەھۇدى ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى سۆز قىلدى. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدىغانلىقىنى ۋە كىشىلەرنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ تارىخىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە ھېچ ئىش بولمىغاندەك، ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مايكىلارنى كېيىپ، ئۇيغۇرلارغا قوللىنىۋاتقان يۇقىرى تىخىنىكالىق نازارەت قىلىش سىسىتېمىسى ھەققىدە ئىشلەنگەن فىلىملەرنى كۆرۈپ يۈرۈۋېرىشىنى تەنقىدلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ ئولىمپكنى باشقا نورمال تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى كۆرگەندەك كۆرەمدۇق؟ 2022-يىلى بېيىجىڭدا 1936-يىلى بېرلىندا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ قايتا يۈز بىرىشىگە يول قويامدۇق؟ توم سۇزىغا ئوخشاش سىياسەتچىلەرگە قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق قارشى تۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس، ئەمما بىز شەخسلەرگە ناھايىتى ئاسان. بىز پەقەت ئۆزىمىزدىن: ‹مەن ئىرقىي قىرغىنچلىق قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرەمدىمەن؟ مەن قانداقمۇ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى قوللاپ ئىرقىي قىرغىنچلىقنى تەشۋىق قىلىدىغان شىركەتلەرنى قوللايمەن؟ ئەگەر شۇنداق قىلسام، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە شېرىك بولۇپ قالمايمەنمۇ؟› دېگەن سوئاللارنى سوراپ بېقىشىمىز كېرەك.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.