ب د ت نىڭ «بېيجىڭ خىتابنامىسى» نىڭ 30-يىلىنى خاتىرىلىشى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2025.01.07
beyjing-xitabnamisi-30-yili-naraziliq-7 شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى رەئىسى، د ئۇ ق ئاياللار كومىتېتى مۇدىرى بەختىنۇر ئابدۇرېھىم خانىم(ئۇيغۇر دوپپىسى كىيىپ ئولتۇرغان) دۇنيا ئاياللار فېدېراتسىيەسى يىغىنىدا. 2024-يىلى دېكابىر، سىتوكھولم.
RFA/Hebibulla Izchi

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 37 تۈرلۈك قارارنى ماقۇللاش بىلەن 2024-يىللىق خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغانىدى. بۇ ئېلىنغان قارارلاردىن بىرى «بېيجىڭ خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت سۇپىسى» نىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېلىنغان قاراردا بىلدۈرۈلۈشىچە 2025-يىلى مارتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يوركتىكى باش ئىشتابىدا ب د ت ئاياللار كومىتېتىنىڭ 69-قېتىملىق يىغىنى چاقىرىلىدىغان بولۇپ، يىغىندا «بېيجىڭ خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت سۇپىسى» نىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

بۇندىن 30 يىل بۇرۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئاياللار يىغىنى بېيجىڭدا چاقىرىلىپ، بۇ خىتابنامە ئېلان قىلىنغانىدى. ئەمما بۇ خىتابنامە ئېلان قىلىنىپ ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بۇ خىتابنامىدە ئېيتىلغانلاردىن بەھرىمەن بولالماسلىقىغا قارىماي خىتاينىڭ ب د ت دىكى لوبىچىلىقى تەسىرىدە بۇ خىتابنامە ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 30-يىلىنى خاتىرىلىشى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى رەئىسى، د ئۇ ق ئاياللار كومىتېتى مۇدىرى بەختىنۇر ئابدۇرېھىم خانىم دۇنيا ئاياللار فېدېراتسىيەسى يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى دېكابىر، سىتوكھولم.
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى رەئىسى، د ئۇ ق ئاياللار كومىتېتى مۇدىرى بەختىنۇر ئابدۇرېھىم خانىم دۇنيا ئاياللار فېدېراتسىيەسى يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى دېكابىر، سىتوكھولم.
RFA/Hebibulla Izchi

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا داۋاملىق ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ب د ت دا كۈنتەرتىپكە ئەكېلىۋاتقان ئالدىنقى سەپتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى زىيارەت قىلىپ ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرىنى ئالدۇق.

بۇلاردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى روشەن ئابباس ب د ت نىڭ بۇ «بېيجىڭ خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت سۇپىسى» خاتىرىلەش ھەققىدىكى قارارىغا قارىتا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتتى.

بۇنىڭدىن ئوتتۇز يىل بۇرۇن ئېلان قىلىنغان بۇ قاراردا «ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەممە يەردە باراۋەرلىك، تەرەققىيات ۋە تىنچلىق نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈش. ھەممە يەردىكى ئاياللارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، دۇنيانىڭ كۆپ خىللىقى، رولى ۋە ئاياللارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش» دېگەنلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. ئەمما، بۇ خىتابنامە ئېلان قىلىنىپ 30 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كەلگەن ئەمىلى ئەھۋالىنىڭ بۇ خىتابنامىدە ئېلان قىلىنغانلاردىن تولىمۇ ئۇزاقتا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى بىلدۈرگەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاياللار كومىتېتى مۇدىرى، شىۋېتسىيەدىكى بەختىنۇر ئابدۇرېھىممۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

د ئۇ ق رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندى(ئوڭدىن ئىككىنچى) ۋە  ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىم(ئوڭدىن بىرىنچى) قاتارلىقلار جەنۋەدىكى نارازىلىق نامايىشىدا. 2024-يىلى دېكابىر.
د ئۇ ق رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندى(ئوڭدىن ئىككىنچى) ۋە ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىم(ئوڭدىن بىرىنچى) قاتارلىقلار جەنۋەدىكى نارازىلىق نامايىشىدا. 2024-يىلى دېكابىر.
RFA/Hebibulla Izchi

قاراردا يەنە، «ئاياللارنىڭ سالامەتلىكى، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارىنى، ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش» ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان بولۇپ، گوللاندىيەدىكى جازا لاگېرى شاھىتى قەلبىنۇر سىدىقمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئەسلىدە ئۇ خىتابنامىنىڭ روھى بويىچە بولغاندا پۈتۈن دۇنيادىكى ئاياللارنىڭ، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقى كاپالەتكە ئېرىشىشى، ھەتتا خىتابنامىدە دېيىلگەندەك ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغىمۇ ئېرىشىشى كېرەكتى. ئەمما ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقى كاپالەتكە ئېرىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۇيغۇر ئۇيغۇر قىز ئاياللىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقى، كىشىلىك قەدىر قىممىتى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق نۇقتىسىغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى» ئوتتۇرىغا قويدى.

گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان خىتاي جازا لاگېرى شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرىدە سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى، جەنۋە.
گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان خىتاي جازا لاگېرى شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرىدە سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى، جەنۋە.
RFA/Hebibulla Izchi

بۇ خىتابنامىدە يەنە، «باراۋەرلىك، ھوقۇق، پۇرسەت ۋە بايلىقلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، دېموكراتىيەنىڭ مۇستەھكەملىنىشى، پۇقرالار جەمئىيىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئاياللار توپى، باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئىجتىمائىي ئاكتىپلارنىڭ ئاپتونومىيەسىنى قوغداش» دېگەنلەر يېزىلغان بولۇپ، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئېلىگە قارايدىغان بولساق، بۇ خىتابنامىدە تىلغا ئېلىنغانلارنىڭ ھېچبىرىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرى بەھرىمەن بولالمىغان. يېڭى زېلاندىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رىزۋانگۈل بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۈگۈنكى كۈندە مىليونلىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى» بىلدۈردى.

د ئۇ ق رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندى(ئوڭدىن ئىككىنچى) ۋە  ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىم(ئوڭدىن بىرىنچى) قاتارلىقلار جەنۋەدىكى نارازىلىق نامايىشىدا. 2024-يىلى دېكابىر.
د ئۇ ق رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندى(ئوڭدىن ئىككىنچى) ۋە ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىم(ئوڭدىن بىرىنچى) قاتارلىقلار جەنۋەدىكى نارازىلىق نامايىشىدا. 2024-يىلى دېكابىر.
RFA/Hebibulla Izchi

ئەينى ۋاقىتتا، 1995-يىلى 15-سېنتەبىر كۈنى بېيجىڭدا چاقىرىلغان ب د ت 4-قېتىملىق دۇنيا ئاياللار يىغىنىدا 20 تۈرلۈك قارار ماقۇللانغان بولۇپ، بۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 16-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا تەستىقلىنىپ، «بېيجىڭ خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت سۇپىسى» دەپ ئېلان قىلىنغانىدى. بۇ يىغىندا ئېلىنغان 20 نەچچە تۈرلۈك قاراردا ئاساسلىقى كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىك باراۋەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاياللار ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا ئورتاق قارشى تۇرۇش، دۆلەتلەر كىشىلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا توسقۇنلۇق قىلىشنى توختىتىش قاتارلىق مۇھىم تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ۋە سىياسىي ئانالىزچىلار نۆۋەتتە ب د ت نىڭ خىتاينىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغانلىقىدىن ۋە ئەينى ۋاقىتتا ئېلىنغان قارارلار بويىچە ئېلان قىلىنغان بۇ خىتابنامىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا كەلگەندە ئېقى قەغەز، قارىسى سىياھ بولۇپ قالغانلىقىدىن ئەپسۇسلانماقتا ئىكەن ۋە ب د ت ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالمىدى دەپ قارايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.