بېلگىيەدىكى ئابلىمىت تۇرسۇن 18 كۈندىن بۇيان ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن تېلېفوندا قايتا كۆرۈشكەن

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019-06-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
بېلگىيەدە سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇر ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
بېلگىيەدە سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇر ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Ablimit Tursun ependi teminligen

بىز ئۆتكەن ھەپتە بېلگىيەدە پاناھلىنىۋاتقان ئابلىمىت تۇرسۇننى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئايالى 43 ياشلىق ھۆرىيەت ئابدۇللانىڭ بېيجىڭدىكى بېلگىيە ئەلچىخانىسىنىڭ چاقىرتىشى بىلەن 5 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان 4 پەرزەنتىنى ئېلىپ ۋىزا ئېلىش ئۈچۈن 28-ماي كۈنى ئەلچىخانىغا كىرگىنىدە، بېلگىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ھۆرىيەت ئابدۇللا ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ۋىزىسىنىڭ 3 ئايدا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى، ئەمما ھۆرىيەت ئابدۇللا بالىلىرى ۋە ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ خەتەر ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بېلگىيە ئەلچىخانىسىدىن قوغداشنى تەلەپ قىلغىنىدا، ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىگە قارىماي، ئەلچىخانىدىن قوغلاپ چىقىرىپ بېيجىڭ ساقچىلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى، 31-ماي كۈنى ساقچىلارنىڭ ئۇلارنىڭ ياتىقىغا بېسىپ كىرىپ، ھۆرىيەت ئابدۇللانىڭ تېلېفونىنى تارتىۋالغانلىقى، شۇنىڭدىن بۇيان ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ ئۇلار بىلەن بولغان پۈتۈن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ زور تەشۋىش ئىچىدە قالغانلىقىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق.

ئەمما، 14‏-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكادىكى «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلىنىپ، بېلگىيە تەرەپنىڭ «بۇ ۋەقەنى خىتاي بىلەن بولغان توقۇنۇشقا ئايلاندۇرۇشتىن ساقلىنىشىنىڭ بېلگىيەدەك كىچىك دۆلەت ئۈچۈن ئاقىلانە بولىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەنلىكى ئاشكارىلاندى. 

18-ئىيۇن كۈنى «نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتىدىمۇ «بېيجىڭدىكى بېلگىيە ئەلچىخانىسىدىكىلەر ياردەم ئىزدەپ كىرگەن بىر مۇسۇلمان ئائىلىسىنى ئىتتىرىپ چىقاردى» دېگەن تېمىدا تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلىنىپ، دۈشەنبە كۈنى بېلگىيە دائىرىلىرىنىڭ ئابلىمىتنىڭ ئائىلىسىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس بېيجىڭغا دىپلومات ئەۋەتكەنلىكى، ھالبۇكى مەتبۇئاتتا غۇلغۇلا قوزغىغان مەزكۇر مەسىلىگە قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى لۇكاڭنىڭ «بۇ ئىشتىن خەۋىرىم يوق» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى. 

خەۋەردە يەنە بېلگىيە ئەلچىخانىسىنىڭ قىلمىشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ئورتاق تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقانلىقى كۆرسىتىلىپ، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ھەتتا لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆزىتىش سىستېمىسى ۋە قورال كۈچى بىلەن كونترول قىلىپ، بۇ رايوننى پۈتۈنلەي ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرغان بىر پەيتتە بېلگىيە ئەلچىخانىسىنىڭ، ئۆزىدىن ياردەم ۋە قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلىپ كىرگەن ئۇيغۇر ئائىلىسىنى ئىتتىرىپ چىقىرىشىنى «مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە رەھىمسىزلىك» دەپ تەنقىد قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خەۋەردە يەنە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بېلگىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنى ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئۈچۈن بېلگىيە ئۆتكۈزگەن بۇنداق سەۋەنلىكنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. 

بىز ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىنى قايتا تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلىپ بېلگىيە دائىرىلىرىنىڭ خىتايغا ۋە ئۇيغۇر دىيارىغا دىپلومات ئەۋەتكەندىن كېيىن يەنە قانداق نەتىجىلەر بولغانلىقىنى سورىدۇق. ئابلىمىت ئەپەندى بېلگىيە دائىرىلىرى تېخى ئۆزى بىلەن بۇ ھەقتە كۆرۈشمىگەن بولسىمۇ، لېكىن شۇ خەۋەرلەردىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئايالىنىڭ تېلېفونىنى قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ 18-ئىيۇن كۈنى، يەنى ئايالى ۋە 4 بالىسى بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ 18 كۈن بولغاندا ئۇلار بىلەن قايتا ئالاقە ئورناتقانلىقىنى، ئايالى ھۆرىيەت ۋە بالىلىرىنىڭ ئۆيدە سالامەت ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ بىر ئاز كۆڭلى ئارام تاپقانلىقىنى، شۇنداقلا بۇنىڭدا خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ رولى چوڭ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئايالى بېلگىيە دىپلوماتلىرىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ياكى كۆرۈشمىگەنلىكى ھەققىدىمۇ گەپ ئاچمىغان، پەقەت قىسقىچە ئەھۋاللاشقان. ئەمما ئۇ ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ يەنىلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەھىمىسى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان. 

مەزكۇر مەسىلە بېلگىيە دۆلەت ئىچى ھەتتا خەلقئارادىمۇ بەلگىلىك ئىنكاس قوزغىغاندىن كېيىن «ھېچ بولمىغاندا ئابلىمىت ئەپەندىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن قايتا ئالاقە باغلىيالىغانلىقى بۇ كۆڭۈلسىز مەسىلىدىكى بىر ئىلگىرىلەش» دەپ قەيت قىلغان بىريۇسسېل ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ۋانېسسا خانىم، ئۆزىنىڭ ئابلىمىت ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بېلگىيە ھۆكۈمىتىنى يېقىنقى يىللاردا يەنى، 2010-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ ھەر يىلى ئونلىغان ئۇيغۇر مۇساپىرغا قۇچاق ئېچىشتا كۆرۈنەرلىك خىزمەتلەرنى قىلدى دەپ قارايمەن. بېلگىيەدە مەن پاراڭلاشقان ئۇيغۇرلار ھەممىسى دېگۈدەك بېلگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ياراتقان پاناھلىق شارائىتلىرى ۋە سىياسەتلىرىدىن تولىمۇ مەمنۇن ئىدى شۇنداقلا بېلگىيەنى ئەركىن ۋە دېموكراتىيە كاپالەتكە ئىگە دەپ قارايتتى، ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسى بېلگىيەلىكلەرگە نىسبەتەن ئابلىمىت تۇرسۇن ئائىلىسى يۈزلەنگەن جىددىي ۋەزىيەت ئاشكارىلانغانغا قەدەر ئۇنچىلىك تونۇشلۇق ئەمەس ئىدى. ئابلىمىتنىڭ ئائىلىسى ئۇچرىغان بۇ پەۋقۇلئاددە مەسىلە مېنىڭچە ئابلىمىت بىلەن تەڭ پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئېچىپ كۆرسىتىپ بەردى. بۇ، بېلگىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بېلگىيە خەلقى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئازابلىرىنى ۋە ۋەزىيىتىنى ئورتاقلىشىشىغا پۇرسەت ياراتتى».

ۋانېسسا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە بېلگىيەدە 200 دەك ئۇيغۇر بار بولۇپ، بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ ئابلىمىتنىڭ مەسىلىسىنىڭ ئاڭلىتىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. 

ئۇ يەنە ئابلىمىت تۇرسۇن ئائىلىسى ئۇچرىغان مەزكۇر مەسىلىنىڭ سىياسىي تەرەپتىنمۇ بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: «ئابلىمىتنىڭ ئائىلىسى يۈزلەنگەن ۋەزىيەتنىڭ قوزغىغان يەنە بىر تەسىرى سىياسىي تەرەپتىن بولدى، يەنى، بېلگىيە خەلقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىتىگە ئىنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىشنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىدىن ئۈستۈن قويۇشتەك پىرىنسىپىنى تەكىتلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ بەش كىشىنىڭ ھاياتىنىڭ تەھدىت ئاستىدا قېلىشىدا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ، بېلگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىيە سىستېمىسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە داۋاملىشىشىدىمۇ بىر ئىمتىھان بولدى. بىز بۇنىڭ پەقەت بىر باشلىنىش بولۇشىنى، بېلگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ ئائىلىنىڭ پاسپورتلىرىنى بېرىپ، ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ ئائىلىسى بىلەن پات ئارىدا جەم بولۇشى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز».

بۇ ھەقتە مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوفىي رىچاردسون خانىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ، بىر كىشىلىك ھوقۇق شەرمەندىچىلىكى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىمىزنىڭ كۆزىتىشىچە، ھازىرغا قەدەر دۇنيادا مۇساپىر ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىشتا بىر قىسىم دۆلەتلەر ناھايىتى پاسسىپ بولۇپ كەلگەن. ئەمما كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىككە سىمۋوللۇق رولغا ئىگە بېلگىيەدەك بىر دۆلەتنىڭ بۇ خاتالىقنى سادىر قىلىشىغا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. قانداق ئىنسانلار، ئىنسانلارنىڭ خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكى، ئەگەر كوچىغا چىقىرىۋېتىلسە ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنى خەتەرگە ئىتتىرىدۇ؟. بۇ بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر خاتالىق. بۇ مەسىلىدە بېلگىيە ھۆكۈمىتى ھازىر ئۆز دۆلىتىدىكى پۇقرالارنىڭ ۋە ئورگىنىمىزغا ئوخشاش خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلارنىڭ ‹بۇ ۋەقەنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكى ۋە بۇنى ھەل قىلىشتا مەسئۇلىيەتلىرىنى قانداق ئادا قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىدەك› سوئاللىرىغا ئۇچرىماقتا، بېلگىيە بۇلارغا جاۋاب بېرىشى كېرەك ۋە بۇ مەسئۇلىيەتتىن ئاسانلىقچە قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. مېنىڭچە ئالدى بىلەن بېلگىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك تەھدىتكە قايتا يۈزلەنگەن بۇ ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ قۇتقۇزۇپ ئېلىپ كېلىشنىڭ يولىنى ئىزدىشى، بۇنى ھەل قىلىش بىلەن تەڭ، مەزكۇر مەسىلىدە سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن خادىملىرىنى جىددىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، مۇھىم ئورۇنلارغا مۇناسىپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالايدىغان ئىنسانلارنى قويۇش كېرەك دەپ ئويلايمەن».

ئابلىمىت تۇرسۇن ئائىلىسى يۈزلەنگەن ۋەزىيەت ھەققىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلاردا بايان قىلىنىشىچە، بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزلىرىنىڭ بېلگىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىن بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنى خىتاي ساقچىلىرىغا تۇتۇپ بەرگەنلىكىنى ئاقلاپ، بېلگىيەنىڭ كىچىك دۆلەت ئىكەنلىكى، ئۇلارنى دەپ خىتاينىڭ چىشىغا تېگىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ياۋروپا كومىتېتىنىڭ پرېزىدېنتلىق ئورنىنى كۆزلەۋاتقان بېلگىيە كۆچمەنلەر مىنىستىرىنىڭ ھەتتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى قاتتىق سۆككەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ ئىش سايلام مەزگىلىگە توغرا كەلگەن بولغاچقا، ئۇيغۇر مەسىلىسى بىردىنلا دۆلەتلىك مەسىلىگە ئايلانغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ ئايالى ھۆرىيەت خانىم ۋە ئۇنىڭ 4 بالىسىنىڭ ۋاقتىنچە پاناھلىنىشىنى رەت قىلغان بېلگىيە ئەلچىخانىسى ۋە بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمدىلىكتە ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ كېلىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى مۇنازىرە قىلىنماقتىكەن.

تولۇق بەت