بېرلىندا «ئۇيغۇر ئاۋازى» رەسىم كۆرگەزمىسى، «مېنىڭ ھەدەم نەدە؟» ناملىق فىلىمنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمى ۋە «ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنى تەربىيەلەش» كۇرسى ئۆتكۈزۈلدى.
14-ئۆكتەبىر گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىدا «ئۇيغۇر ئاۋازى» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتنى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسى ماددىي جەھەتتىن قوللىغان، د ئۇ ق ئورۇنلاشتۇرغانىدى. كۆرگەزمىگە ئامېرىكا ئەلچىخانا خادىملىرى، بىرقىسىم دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىن كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق پالىيەتچىلىرى، د ئۇ ق خادىملىرى ۋە باشقا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
14-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن بۇ پائالىيەتكە ئۇلاپلا، ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىدا يەنە «مېنىڭ ھەدەم نەدە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىم مۇقەددىمىسىدە ئامېرىكانىڭ بېرلىندىكى ۋاقىتلىق باش ئەلچىسى كلارىك پىرس، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىملار ئېچىلىش نۇتۇقلىرى سۆزلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن 75 مىنۇتلۇق بۇ فىلىم كىشىلەرنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى.
15-ئۆكتەبىر بېرلىندىكى «پارك ئىن» مېھمانخانىسىدا «ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنى تەربىيەلەش» كۇرسى باشلاندى. 2 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ كۇرسنى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئورۇنلاشتۇرغانىدى. پائالىيەت د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېچىلىش نۇتقى بىلەن باشلاندى.
بۈگۈن، 15-ئۆكتەبىر يەنە بېرلىندىكى ئالىكساندېر مەيدانىدا «ئۇيغۇر ئاۋازى» رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيىتى داۋاملاشماقتا.
بىز نەقمەيداندا يۈرۈپ، 2 كۈندىن بۇيان بۇ پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىۋاتقان بىرقىسىم تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنى زىيارەت قىلدۇق. دىققىتىڭلار پروگراممىمىزنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنلىرىدا بولغاي.