تۇتقۇندىكى ساغلاملىق يېتەكچىسى بەختىيار سادىرنىڭ شۋېتسىيەدىكى قېرىنداشلىرى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2023.08.18
seydin-sadir1.jpg تۇتقۇندىكى ساغلاملىق يېتەكچىسى بەختىيار سادىرنىڭ شىۋېتسىيەدىكى قېرىنداشلىرى شىۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزمەكتە. 2023-يىلى 17-ئاۋغۇست، سىتوكھولم.
Photo: RFA

تۇتقۇندىكى ساغلاملىق يېتەكچىسى بەختىيار سادىرنىڭ شۋېتسىيەدىكى ئىككى قېرىندىشى، بەختىيار ئۈستىدىن مۇشۇ ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسى سوت ئېچىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان، ئۇلار بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى جەزملەشتۈرۈش ۋە سوتنىڭ نەتىجىسىنى بىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن. نەتىجىدە ئۇلار تۈنۈگۈن يەنى 17-ئاۋغۇست كۈنى شۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتايغا قارشى ئۈچ خىل تىلدا بايانات ئېلان قىلغان.

ئۈرۈمچىدىكى تونۇلغان ساغلاملىق يېتەكچىسى بەختىيار سادىر، ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا ئۇشتۇمتۇت غايىب بولغان، بۇ غايىبلىق، ئۇنىڭ شۋېتسىيەدىكى ئىككى قېرىندىشى تەرىپىدىن بايقالغان ۋە ئۇلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن؛ شۇ چاغدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، بەختىيار سادىرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەنىدى. بىز بۈگۈن بەختىيار سادىرنىڭ شۋېتسىيەدىكى ھەدىسى مىنەۋەر سادىر ۋە ئىنىسى سەيدىن سادىرلارغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىشى ۋە بەختىيار سادىرنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سورۇدۇق.

سوئال: نامايىشقا بۈگۈن كىملەر كەلدىڭلار؟

مىنەۋەر: مەن، ئىنىم، ئىككى بالىسى بولۇپ 4 كىشى كەلدۇق. ئىنگلىزچە، شۋېدچە، خىتايچە ئۈچ خىل تىلدا بايانات بەردۇق. نامايىشىمىزدىن خەۋەر تاپقان شۋېدلارمۇ يېنىمىزدا توختاپ ئۆتۈپ ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ.

تۇتقۇندىكى ساغلاملىق يېتەكچىسى بەختىيار سادىرنىڭ شىۋېتسىيەدىكى قېرىنداشلىرى شىۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزمەكتە. 2023-يىلى 17-ئاۋغۇست، سىتوكھولم.

سوئال: قاچان باشلاندى نامايىشىڭلار؟

مىنەۋەر: بىر سائەت بولدى باشلانغىنى، بايا شۋېتسىيەنىڭ «ئېكىسپرېس» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى كېلىپ ئەھۋال ئىگىلەپ كەتتى، ئۇلار تۈنۈگۈنمۇ ئۇكام ھەققىدە بىر خەۋەر بەرگەن.

سوئال: بەختىيار سادىر ھەققىدە ئىگىلىگەن ئەڭ يېقىنقى ئۇچۇرۇڭلار نېمە؟

مىنەۋەر: ئەڭ يېقىندا ئاڭلىغىنىمىزغا قارىغاندا، ئاكام تۇتۇلغاندا ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە جەمئىي 31 كىشى تۇتۇلۇپتۇ، بۇلاردىن 12 نەپىرىگە مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا سوت ئېچىلىپتۇ. ئاڭلىساق ئۇكام بەك تۈگىشىپ كېتىپتۇ، يۈرىكىمىز بەك ئاغرىپ كەتتى، بىز ئۇنى بەك ئاسرايتتۇق. . . .

سوئال: سوتتا ئۇنىڭغا ئارتىلغان «جىنايەت» نېمە ئىكەن؟

سەيدىن: مەن جاۋاب بېرەي. . . ئاكامنى توپلىشىپ ناماز ئوقۇغان، قانۇنسىز تەبلىغ قاتناشقان دەپتۇ، 30 كىشىلىك گۇرۇپپىنىڭ باشلىقى قىلىپتۇ. . . . .

سوئال: سوتتا ھۆكۈم چىقىرىلىپتىمۇ؟

سەيدىن: ھۆكۈمنى بىر ئايدىن كېيىن چىقىدۇ دەپتۇ.

سوئال: ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا تېلېفون قىلىپ سوتنىڭ نەتىجىسىنى سۈرۈشتە قىلىپ باقمىدىڭلارمۇ؟

جاۋاب: سۈرۈشتە قىلدۇق، تېلېفونىمىزنى ئالمىدى، ئالغانلىرى جاۋاب بەرمەي تېلېفوننى قويۇۋەتتى. شۇڭا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ نامايىش قىلىۋاتىمىز.

سوئال: باياناتىڭلاردا نېمىلەرنى بىلدۈردۈڭلار؟

سەيدىن: ھۆكۈمەتنى خىتايدىن قورقماسلىققا، ئۇلارنىڭ قورققانسېرى ھەددىدىن ئاشىدىغان قەغەز يولۋاسلىقىنى تونۇشقا چاقىردۇق. . .

جاۋاب: ئۇنداقتا، بۇ تەلىپىڭلار شۋېتسىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قارىتا بولدى، شۇنداقمۇ؟

سەيدىن: شۇنداق، بۇ شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، شىۋېتسىيەنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا دەپ كېلىۋاتقان گەپلىرىمىز. خىتاي تەرەپكە بەختىيار يالغۇز ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ ئىگىسى بارلىقىنى بىلدۈرۈۋاتىمىز.

سوئال: خىتاي تەرەپتىن بىر ئىنكاس بارمۇ؟ نامايىشىڭلارغا قارىتا؟

مىنەۋەر: قاراڭ مانا، ئۇكام شوئار توۋلاۋاتسا، لاباسىنى(ياڭراتقۇسىنى) بولۇشىغا قويۇپ بېرىۋاتىدۇ. . .

سوئال: ئۇكىڭىزنىڭ ئاۋازىنى پەسەيتىپ، توسقۇنلۇق قىلىۋېتىپتۇ-دە؟

مىنەۋەر: شۇنداق، بىزنى توسالمايدۇ، بىزنىڭ ئاۋازىمىز يۈرەكتىن چىققان ئاۋاز، ئۇلارنىڭكىدەك، توك سىمىدىن چىققان ئەمەس. بىز جىم تۇرمايمىز، ئۇيغۇرلار جىم تۇرمايدۇ، ئۇكام ۋە باشقا تۇتقۇنلار ئەركىنلىككە ئېرىشكىچە، قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز. . . .

بۇ ھەپتە شىۋېتسىيەدىكى «خىتاي ھەققىدە خەۋەرلەر» ۋە «ئېكىسپرەس» نامىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بەختىيار سادىر ھەققىدە خەۋەر ئىشلىگەن، ئۇلار خەۋەرلىرىدە، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنى «شىۋېتسىيە پۇقراسى مىنەۋەر سادىر بىلەن سەيدىن سادىرنىڭ قېرىندىشى بولغان بەختىيار سادىرغا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمىدى» دەپ تەنقىد قىلغان. نامايىشتىن مەلۇم بولۇشىچە، سەيدىن سادىر بىلەن مىنەۋەر سادىر ئاخباراتنىڭ كۈچى بىلەن شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە تىرىشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.