21-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆزلىگەن يېرىم سائەتلىك نۇتۇقىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى تىلغا ئالمىدى. نەق ئاشۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرستوفېر سىمىس ئەپەندى ۋە ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق سابىق مۇئاۋىن ئەلچىسى كېللىي كۇررىي خانىم ئاقسارايىنىڭ ئالدىدا ئاچلىق ئېلان قىلغان لاگېر شاھىتلىرىنى ئالاھىدە يوقلىدى. لاگېر شاھىتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنىڭ ۋىرۇس باھانىسى بىلەن تېخىمۇ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ تىزدىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئۈچۈن بىر قارارنامە چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.
كرستوفېر سىمىس ئەپەندى، پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ ب د ت ئومۇمى كېڭىشىدە خىتاي ھەققىدە ئېيتقانلىرىنىڭ ناھايىتى ئاجىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. كېللىي كۇررىي خانىم، پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ خەلقئارالىق چوڭ سەھنىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالىدىغان ناھايىتى چوڭ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىغا ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز بۇ ھەقتە كېللىي كۇررىي خانىم بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.