خىتاينىڭ بىڭتۇەنگە ئۈزلۈكسىز ئىشچى-خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنى داۋاملىق كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسى
2023.04.06
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى ئەڭ مۇنبەت بوستانلىقلار بىلەن سۇ مەنبەلىرى ئىگىلىۋالغان بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسىي دىۋىزىيە ۋە پولك مەيدانلىرى يىللاردىن بۇيان خىتاي كۆچمەنلىرى ئەڭ كۆپ يۆتكەپ كېلىنگەن يېرىم ھەربىي خاراكتېرلىق ئورگاندۇر.
يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، بىڭتۇەن دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرى مۇئاش، يۇقىرى تەمىنات بىلەن پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدىن بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى دېۋىزىيە-پولكلىرىغا ئىشچى-خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئېلان-تەشۋىقاتلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.
بىڭتۇەنگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ھەققىدە يېقىندا ئاشكارىلانغان خەۋەرلەرنىڭ بىرى، 1-ئاپرىل كۈنى خىتاينىڭ «بىڭتۇەن تورى» دا ئېلان قىلىنغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بىڭتۇەن 12-دېۋىزىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى ۋۇجياچۈ «1-ماي دېھقانچىلىق مەيدانى» 24-مارت كۈنى ئۈرۈمچىدىكى بىڭتۇەن مېھمانخانىسىدا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئۆكۈزگەن. خەۋەردە يەنە پائالىيەتكە بىڭتۇەن 12-دېۋىزىيەسىگە قاراشلىق ئون نەچچە شىركەت-فابرىكا ۋە دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى 600 نۇقتىغا خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەزكۇر خەۋەردە دېيىلگەن خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش شەرتلىرى ۋە خىزمەتچىلەر ئېرىشىدىغان تەمىنات ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى تېخىمۇ ئېنىق ئىگىلەش ئۈچۈن، بىز بىڭتۈەن تورىدا قالدۇرۇلغان ئالاقە نومۇرىغا تېلىفون قىلدۇق.
تېلېفوننى دەسلەپ ئالغان ئايال خىزمەتچى ئۆزىنىڭ تېخنىك خادىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ تەپسىلاتىنى ئىگىلەش ئۈچۈن «بىڭتۇەن گېزىتى» نىڭ تەھرىر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىشىمىزنى بىلدۈردى.
«بىڭتۇەن گېزىتى» نىڭ ئەر خادىمى، بىزنىڭ «بىڭتۇەندە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يەنە داۋام قىلىۋاتامدۇ؟ خىزمەتچىلەرنىڭ شەرتلىرى ۋە ئېرىشىدىغان مەنپەئەتلىرى قانداق؟» دېگەن سوئاللىرىمىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاۋۋال تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ تېلېفوننىڭ ئامېرىكادىن ئۇرۇلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، 1-ماي دېھقانچىلىق مەيدانىغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى تېخىمۇ ئېنىق تەپسىلاتلارنى 12-دېۋىزىيەدىكى بۇ ئىشقا مەسئۇل خادىملىرىدىن ئىگىلەشنى ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ دۆلەت ھالقىغان بۇنداق پرىنسىپلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن بىز ئۈرۈمچى-سانجى ئەتراپىغا جايلاشقان بىڭتۇەن 12-دېۋىزىيەسىنىڭ «بىڭتۇەن ئىقتىساسلىقلار مۇلازىمەت مەركىزى»، «1-ماي دېھقانچىلىق مەيدانى كادىرلار بۆلۈمى» ۋە مەيداننىڭ «ئىشچى-خىزمەتچىلەر مۇلازىمەت ئورنى» قاتارلىق بىرقانچە ئورۇنلارغا تېلېفون قىلدۇق.
12-دېۋىزىيە «ئىشچى-خىزمەتچىلەر مۇلازىمەت ئورنى» نىڭ ئايال خادىمى سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ، 12-دېۋىزىيەنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا ئىشچى-خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇمۇنداق دېدى: «خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يەنىلا داۋام قىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ 12-دېۋىزىيەنىڭ دۆلەت ئىگىلىگىدىكى ۋە شەخسىي كارخانىلارنىڭ ھەممىسى خىزمەتچى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.»
ئۇ ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ شەخسىي ئالاھىدىلىكى، خىزمەت تەلىپى قاتارلىقلارنى يېزىپ ئەۋەتسە، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە خىزمەت تونۇشتۇرۇلىدىغانلىقى، نۆۋەتتە 12-دېۋىزىيەنىڭ ئۆزىدىلا نۇرغۇنلىغان خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
بىڭتۇەنگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش، بىڭتۇەننىڭ تەمىناتى ۋە پاراۋانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقات خەۋەرلىرى يەنە خىتاينىڭ «شىگۇا ئېكرانى» نامىدىكى تور تاراتقۇسىدىمۇ كۆپ تارقالغان.
2-ئاينىڭ 6-كۈنى «شىگۇا ئېكرانى» دا ئېلان قىلىنغان بىر تەشۋىقات فىلىمىدە، ئالىي مەكتەپ مەلۇماتى بولغان، 18 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان ياشلارنىڭ ئاقسۇدىكى بىڭتۇەن 1-دېۋىزىيەسىگە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە تىزىملاتسا، ئايلىق مۇئاشىنىڭ 7 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى ۋە باشقا تەمىناتلاردىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى دېيىلگەن.
«شىگۇا ئېكرانى» دا 3-ئاينىڭ 24-كۈنى تارقىتىلغان «بىڭتۇەن خىزمەتچىلىرىنىڭ تەمىناتى ياخشى» ناملىق يەنە بىر فىلىمدە، بىڭتۇەنگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنىڭ 2018-يىلدىن باشلاپ كېڭەيگەنلىكى، بۇ يىلمۇ داۋام قىلىنىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان. 35 ياشتىن تۆۋەن بولغانلارنىڭ ئۆزىنى تىزىملاتسا، ئۇلارغا 30 مودىن 50 موغا قەدەر تېرىلغۇ يەر، مېۋىلىك باغ ۋە كۆچەتزارلىق قاتارلىقلارنىڭ تەقسىم قىلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ئۇنداقتا، خىتاينىڭ بىڭتۇەن دائىرىلىرى نېمە ئۈچۈن يېقىندىن بۇيان خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنى يەنە تېزلەتتى؟ بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات فىلىملىرىدە يەنە نېمە ئۈچۈن بىڭتۇەننىڭ دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا كېلىشنى خالىغانلارغا بىكارلىق تېرىلغۇ يەر، مېۋىلىك باغ ۋە تۇرالغۇ ئۆي قاتارلىقلار بېرىلىدۇ؟ بىڭتۇەننى داۋاملىق كېڭەيتىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، بۇ دەل شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويغان ئاتالمىش «بىڭتۇەننى جەنۇبقا كېڭەيتىش» ئىستراتىگىيەسىنىڭ ئۆزى ئىكەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە شى جىنپىڭنىڭ «بىڭتۇەننى جەنۇبقا كېڭەيتىش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىرلەشتۈرۈش» نامىدىكى ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدىكى مەۋجۇتلىقى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن تەھدىت» دەپ قارالغانلىقى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىرقانچە يىلدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتە يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش ئارقىلىق، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇرلار نوپۇسىنى بارغانچە شالاڭلاشتۇرۇش، ھەتتا ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇپ ئاخىرىقى ھېسابتا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان دېيىشكە بولىدىكەن.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن بىرى بولغان زۇبەيرە شەمسىدىن خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مەخسۇس بىڭتۇەن ھەققىدە ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتلىرىنىڭ بارلقىنى بىلدۈردى.
ئۇ خىتاينىڭ يېرىم ھەربىلەشكەن بۇ ئورگىنىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇنبەت زېمىنلارنى ئىگىلەش ۋە چېگرا بويلىرىنى بويلاپ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنى نازارەت قىلىش، كونترول قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بىڭتۇەن قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا كۆپلەپ يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، رايوندىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنى بارغانچە ئازايتىش، ئاخىرىقى ھېسابتا يوقىتىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.