خىتاينىڭ «ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى» ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئېمبارگوسى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021-04-09
Share
bingtuan-paxta.jpg شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۇەن پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا يىغىۋېلىنغان پاختىنى پىششىقلاۋاتقان كۆرۈنۈش. 2005-يىلى 15-ئۆكتەبىر، شىخەنزە.
REUTERS

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بوستوندىكى ئىقتىسادشۇناس قەيسەر مىجىت ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇزاكىرىگە قويۇلغان «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات پىلانى» ناملىق ھۆججەت ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قەيسەر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان مەزگىل دەل ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «مەجبۇرىي ئەمگەك» سەۋەبىدىن «بىڭتۇەن»، يەنى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئېمبارگو قويغان پەيتكە توغرا كەلگەن. بۇ ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

قەيسەر مىجىت ئەپەندى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا 1954-يىلى قۇرۇلغان بىڭتۇەن، يەنى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ يېرىم ھەربىي، يېرىم ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش تۈزۈلمىسىدىكى بۇ ئورگاننىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

قەيسەر ئەپەندى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدىكى بۇ ئورگان نامدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن بىر دەرىجە تۆۋەن تۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىنسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىلىرى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىلىرى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ۋېكىپېدىيە تورىدا ئاشكارىلىنىشىچە، بىڭتۇەننىڭ 2013-يىلدىكى ئىقتىسادىي دارامىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىقتىسادىنىڭ 17 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. 2017-يىلدىن كېيىن بولسا تەدرىجىي ھالدا 20 پىرسەنتتىن 30 پىرسەنتكىچە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولغان. ۋېكىپېدىيە تورىدا يەنە 2013-يىلدىن كېيىن بىڭتۇەندە خەلقئاراغا يۈزلەنگەن چوڭ شىركەتلەردىن شىنجاڭ نامى قويۇلغان بايخۇاسۇن ئېلېكتر تېخنولوگىيە شىركىتى، تيەنيې پىلاستىك مەھسۇلاتلار شىركىتى، قۇياش ئېنېرگىيە شىركىتى، تارىم نېفىت-گاز-پاختا مەھسۇلاتلىرى بىرلەشمە گۇرۇھى، ئىلى ئالاھىدە ھاراق بىرلەشمە گۇرۇھى، جوڭجى پەمىدۇر قىيامى بىرلەشمە گۇرۇھى، تىيەنخو قەغەز مەھسۇلاتلىرى شىركىتى، گۇەننوڭ قۇرۇق مېۋە مەھسۇلاتلىرى گۇرۇھى، جوڭجى قۇرۇلۇش مەھسۇلاتلىرى شىركىتى، تيەنفۇ ئېلىكتېر ئېنېرگىيە شىركىتى، سايرام چىڭسوڭ پاختا مەھسۇلاتلىرى شىركىتى قاتارلىق ئون بىر شىركەتنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان.

قەيسەر ئەپەندى خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسىگە قاراشلىق خەلقئارا شىركەتلەر مەھسۇلاتلىرىنىڭ 2000-يىللاردىن كېيىن ئۈزلۈكسىز ھالدا ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى بازارلىرىغا كىرەلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك ئورۇنلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئىگىلەش ھېسابىغا قۇرۇلغان بۇ ئورگاندىكى خىتاي شىركەتلىرىگە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن يۈكسەك ئېتىبار بېرىش، ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور مەبلەغ سېلىش، كۆلەملەشكەن باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق ئەرزان ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلىنىش سىياسىتى بىڭتۈەندىكى خىتاي شىركەتلىرىگە زور پايدا ئېلىپ كەلگەن ئىكەن.

قەيسەر ئەپەندى يەنە بىڭتۇەننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن «ئېتنىك قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئىجرا قىلىشىدا يانتاياق بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ خەلقئارا سودىدا ئەڭ زور ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئەيىبلەش ۋە ئىقتىسادىي ئېمبارگو قويۇش جازاسىدا ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسىگە قاراشلىق خىتاي شىركەتلىرى زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغان ئىكەن.

قەيسەر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بىڭتۇەن شىركەتلىرىگە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئېمبارگو قويغان شارائىتتا، ئاتالمىش «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات پىلانى» ناملىق ھۆججەتنىڭ مۇزاكىرىگە قويۇلغانلىقىنىڭ ئېلان قىلىنىشى، بۇ ئېمبارگونىڭ خىتايغا كۆرسەتكەن ئىقتىسادىي زەربىسىنىڭ ئۈنۈم كۆرسەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت