«بىڭتۇەن» نىڭ دېۋىزىيە-شەھەرلىرىدىكى جىددىي ئەمەلدار ئالماشتۇرۇش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
2021.12.21
خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى، يەنى «بىڭتۇەن» نىڭ ئېلان قىلغان «بىڭتۇەن» دېۋىزىيە-شەھەرلىرىدىكى جىددىي ئەمەلدار ئالماشتۇرۇش، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىغا داۋاملىق كېڭىيىش ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش تەدبىرلىرىگە ئائىت بىر يۈرۈش قارارلىرى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
خىتاينىڭ «بىڭتۇەن تورى» نىڭ 20-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، 19-دېكابىردىكى يىغىندا ئېلىنغان قارارلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى، يەنى «بىڭتۇەن» نىڭ بەزى دېۋىزىيەلىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارلىرى، سىياسىي كومىسسارلىرى، سوت ۋە خەلق قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئورگانلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىرلا ۋاقىتتا ئالماشتۇرۇلغان.
18-دېكابىر كۈنى ئېچىلغان يىغىندا بىڭتۇەن پارتكومى قارار ماقۇللاپ، بىڭتۇەننى ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىغا داۋاملىق كېڭەيتىش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى ئۆزئارا بىرىكتۈرۈش ۋە رايوننىڭ كەلگۈسى مۇقىملىقى ئۈچۈن ئاساس يارىتىش ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بىڭتۇەندە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل جىددىي سىياسىي تەدبىرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان پىلان ۋە مەقسەتلىرى ئەندىشە قوزغايدىكەن.
ئامېرىكادىكى چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋنىڭ قارىشىچە، بىڭتۇەندىكى ئەمەلدار تەڭشەش ۋە باشقا تەدبىرلەر خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بولغان كونتروللۇقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغانىكەن.
تېڭ بياۋ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە خەلقئارادا لاگېرلار ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىگە بولغان دىققەت بارغانچە كۈچەيمەكتە. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرگە بولغان جازالاش تەدبىرلىرىمۇ كۆپەيمەكتە. ئەمما خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە توختاپ قالمىدى. يەنى ‹تېررورىزمغا زەربە بېرىش›، ‹بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىش› دېگەنلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارغا بولغان باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ قېتىم بىڭتۇەندە ئېلىپ بېرىلغان زور كۆلەمدە ئەمەلدار يۆتكەش، تەڭشەشمۇ ئەمەلىيەتتە مەركەزنىڭ شىنجاڭغا بولغان كونتروللۇقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان».
ئادۋوكات تېڭ بياۋ بۇ قېتىم بىڭتۇەندىكى ئەمەلدار تەڭشەشتە ئۇيغۇرلارنىڭ بولماسلىقى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئىشەنمەسلىكىنىڭ ئاشكارا ئىپادىسى دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىشەنمەسلىكى ۋە ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشى ئىلگىرىكى يىللاردا دوكلاتلار ئېلان قىلىنىپ كەلگەنىدى. يەنى ئۇيغۇر سەرخىللىرى زەربە بېرىش نىشانى قىلىندى. تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئۇيغۇر تىجارەت ئادەملىرى، دىنىي ئۆلىمالار زىيانكەشلىك ئوبيېكتى بولۇپ كەلدى. خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ۋەزىپىدە بولۇشىنىمۇ خالىماي كەلگەن. ئىلگىرى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ خىل ئىرقىي كەمسىتىش، ھازىرقى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى مۇھىتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر كادىرلىرىنى كۆرۈنۈشكە بولسىمۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەشتەك ياسالمىلىقىنى يوقاتتى».
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن ئىجرائىيە ھەيئىتى، بىڭتۇەننىڭ ئەھۋالىدىن ياخشى خەۋەردار ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ خىتاينىڭ بىڭتۇەندىكى ئەمەلدار تەڭشىشىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەندىكى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئارىسىدا بىرمۇ ئۇيغۇر ياكى قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ بولماسلىقىنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئاشكارا ئىپادىلىنىشى ئىكەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بىڭتۇەندەك بۇ سىياسىي قۇرۇلمىنى قۇرۇشتىكى مەقسىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى ۋەزىپىسىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە، بىڭتۇەننىڭ تەركىبىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەر ئارىلاش دېۋىزىيىلەرنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتتى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىم بىڭتۇەندە ئېچىلغان يىغىندا «بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا تېخىمۇ كېڭىيىشى» نى تەكىتلەش ۋە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مەقسەت جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىق ئىگىلىگەن رايونلارنى تېخىمۇ كۆپ ئىگىلىۋېلىش، خىتاي نوپۇسىنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ ۋە ئۇيغۇرلاردىن ئاشۇرۇپ، نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەن.
گوللاندىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم بۇ قېتىم بىڭتۇەننىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئەمەلدار تەڭشەشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.
ئاسىيە خانىم 2021-يىلى 12-ئايدا تەكشۈرۈشكە يوللانغان، 2017-يىل ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان بىڭتۇەننىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى ياڭ فۇلىننى تىلغا ئېلىپ، بۇ قېتىم بىڭتۇەندە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ئەمەلدارلارنىڭمۇ شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىگە سادىق ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىگە قويۇش ئېھتىياجى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئاسىيە خانىم يەنە بىڭتۇەندە ئېچىلغان يىغىندا، تەكىتلەنگەن «بىڭتۇەننى جەنۇبقا كېڭەيتىش»، «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىرلەشتۈرۈش» تەدبىرلىرى ھەققىدە توختالدى.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ تەدبىرلەر خىتاي ھۆكۈمىتى 2010-يىلىلا ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنى خىتايلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش سىياسىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى ئىكەن.