يوپۇرغىنىڭ ئاچچىق يېزىسىدا ئۇيغۇر دېھقانلار قازغان قۇدۇقلار «قانۇنسىز» دېيىلىپ تاقىۋېتىلگەن
2025.01.13

ئۆتكەن ئايدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، كورلادا خىتايلار تەرىپىدىن قېزىلغان كۆپ ساندىكى «قانۇنسىز قۇدۇق» لارنىڭ بايقالغانلىقى، ئەمما مەسىلە بىڭتۈەنگە چېتىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ «قانۇنسىز قۇدۇق» لارنىڭ تېخىچە تاقالمىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئامېرىكادىكى لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ فېيسبۇك ھېسابىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ ئاچچىق يېزىسىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرى قازغان قۇدۇقلار «قانۇنسىز» دېيىلىپ تاقىۋېتىلگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان يەرلىك ئالاقىدار خادىملار، يوپۇرغىدا بۇ ئىجرائاتنىڭ داۋام قىلىۋاتقىنىغا ئاز كەم بىر يىلچە بولغانلىقىنى دەلىللىدى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا كۆچمەن خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق سەۋەبلەر ئۇيغۇر رايونىدا سۇ يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى يىلدىن يىلغا ئاشۇرغان. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاھالىلەر بۇ مەسىلىنى رۇخسەتلىك ياكى رۇخسەتسىز ھالدا قۇدۇق قېزىش بىلەن قىسمەن ھەل قىلغان. ئەمما ئۆتكەن يىلى ئەتىيازدىن باشلاپ، ئۇيغۇر رايونىدا ئالاقىدار ئورگانلار قۇدۇقلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە بىر قىسىملىرىنى تاقاشقا بۇيرۇغان.
ئامېرىكادا ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ فېيسبۇك ھېسابىدا «دوۋيىن» دىن ئېلىنىپ خەۋەر قىلىنىشىچە، يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ ئاچچىق يېزىسىدا، ئۇيغۇر دېھقانلىرى قېزىپ پايدىلىنىۋاتقان قۇدۇقلار تاقالغان، يەنى كۆمۈۋېتىلگەن. خەۋەردىكى سىن ئۇچۇرىدا دېيىلىشىچە، بىر قۇدۇقنىڭ كۆمۈلۈشى شۇ قۇدۇقنىڭ سۈيىدىن پايدىلىنىۋاتقان دېھقاننىڭ 50 نەچچە مو يېرىنىڭ سۇسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. سىن كۆرۈنۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قۇدۇقلارنى كۆمۈش بۇيرۇقىنى ناھىيەلىك سۇ ئىدارىسىگە قاراشلىق تارماقلار ئىجرا قىلغان؛ دېھقانلار ئۆز قولى بىلەن قازغان قۇدۇقلارنى يەنە ئۆز قولى بىلەن كۆمۈشكە مەجبۇر بولغان. دېيىلىشىچە، ئاچچىق يېزىسىدىكى شۇ بىر كەنتتە قۇدۇقلار ئاساسەن كۆمۈلۈپ بولغان.
بىز مەزكۇر سىن ئۇچۇرىدا نامى تىلغا ئېلىنغان يوپۇرغىنىڭ ئاچچىق يېزىسىغا تېلېفون قىلدۇق. بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرى، ھازىرغىچە 3-، 6-ۋە 9-كەنتلەردە «قانۇنسىز قۇدۇق» لارنى كۆمۈپ بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. بۇ قۇدۇقلارنى كۆمۈش ئىجرائاتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 2-ئايدا باشلانغانلىقىنى بايان قىلغان بۇ خادىم، قۇدۇق كۆمۈشنىڭ ئاھالىلەرگە ئېلىپ كەلگەن ۋە كېلىدىغان زىيان-زەخمەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. يوپۇرغىنىڭ تېرىم يېزىسىدىكى بىر ئامانلىق مۇدىرى، ئۆز تەۋەلىكىدە قۇدۇقلىرى كۆمۈۋېتىلگەندىن كېيىن، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ بىڭتۈەندىن سۇ سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، «قانۇنسىز قۇدۇق» لارنى تەكشۈرۈش ئىشى ئۆتكەن يىلى كورلا شەھەر ئەتراپىدىكى تېرىلغۇ يەر ۋە جاڭگاللاردىمۇ ئېلىپ بېرىلغان، ئەمما ئۇ تەۋەلىكتە بايقالغان 46 «قانۇنسىز قۇدۇق» بىڭتۈەن ئاھالىلىرى تەرىپىدىن قېزىلغانلىقى ئۈچۈن، «مۇقىملىق» ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ۋەزىيىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ، قۇدۇق قازغۇچى بىڭتۈەن ئاھالىلىرىگە ھېچقانداق جازا كۆرۈلمىگەن، قۇدۇقلارمۇ كۆمۈۋېتىلمىگەن.