يېڭى بىخەتەرلىك تەدبىرى: «تەربىيەلەش» ھەققىدە ئېغىز ئاچماسلىق ۋە تېلېفونىنى چەتئەلدىن ئۇرۇلمايدىغان قىلىۋېتىش
2022.05.09
مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر دىيارىغا يېتىپ بېرىشنىڭ ئالدىدا تۈزۈلگەن يېڭى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئارىسىدا، «تەربىيەلەش»، يەنى لاگېرلار ھەققىدە ھېچقانداق ئېغىز ئاچماسلىق ۋە تېلېفونلىرىنى چەتئەلدىن تېلېفون ئۇرۇلمايدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
ئۆتكەن ھەپتىدىكى تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا قەشقەر ھېيتگاھ ئالدىدىكى ساما ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ساقچى خادىمىدىن، ب د ت تەكشۈرۈشىدىن خەۋىرى بار-يوقلۇقىنى سورىدۇق. مەزكۇر خادىم، بۇ ھەقتە مەلۇمات بارلىقىنى بايان قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۆزلىرىگە بۇ ھەقتە نېمىلەرنىڭ ئۇقتۇرۇلغانلىقى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، دائىرىلەر ئاساسىي قاتلاملاردىكى خادىم ۋە ئاھالىلەرگە، ب د ت تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىلدە قالايمىقان گەپ قىلىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ھەققىدە ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلغان. ئۇقتۇرۇش سىياسىي ئۆگىنىش يىغىنلىرى ۋە ھۆججەت-ماتېرىياللار ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن. ئۇقتۇرۇشتىكى مەزمۇنلارنىڭ بىرىدە، «تەربىيەلەش» يەنى لاگېرلار ھەققىدە ئېغىز ئاچماسلىق تەلەپ قىلىنغان؛ گەپ قىلىشقا توغرا كەلگەندە، تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىقى، ھاياتىنىڭ نورماللىقى قاتارلىق ئىجابىي ئەھۋاللارنىلا تىلغا ئېلىش ئەسكەرتىلگەن.
ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇر رايونىدا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى چىڭ ساقلاش ھەققىدە كۆپ قېتىملاپ ئۇقتۇرۇشلار تارقىتىلغان؛ ئۇقتۇرۇشلاردىن بىرىدە، لاگېرلارنى دۇنيادىن سىر تۇتۇش ھەققىدىمۇ مەخسۇس ئاگاھلاندۇرۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقىسى پەقەت، ب د ت تەكشۈرۈشى بىلەن ئالاقىدار بولۇپ، دائىرىلەر، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت خانىمنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشى داۋامىدا، ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ بىلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەرىكەت قىلغان. مەزكۇر خادىم، ئۆزىنىڭ بىر ساقچى خادىمى بولۇشتىن تاشقىرى، پارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىنىمۇ تىلغا ئېلىپ، مۇنداق بىر ئۇقتۇرۇشنى تارقىتىش، ئەمەل قىلىش ۋە ئىجرا قىلىشتا ئۆزىنىڭ باشلامچىلىق رولى ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ب د ت تەكشۈرۈشىگە ئالاقىدار، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى توغرىلىق ئېنىقلاشلىرىمىز داۋام قىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە يەنە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، قول تېلېفونلىرىنى چەتئەلدىن كىرگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلمايدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويۇش توغرىلىق چىقىرىلغان بىر ئۇقتۇرۇشمۇ كۆزىمىزگە چېلىقتى. بۇ ھەقتە دويىن يەنى تىك-توكتا تارقىتىلغان بىر ئۇچۇردا، تېلېفوننى بۇ خىل شەكىلدە تەڭشەشنىڭ ئۇسۇلى، يەنى قەدەم باسقۇچلىرىنىڭ مەخسۇس بىر ئىسخېمىسى سىزىپ كۆرسىتىلگەن.
لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت، دائىرىلەرنىڭ بۇ ئارقىلىق، ب د ت نىڭ تەكشۈرۈشى مەزگىلىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلق ئارىسىدا ئۆزئارا بىر ھەمكارلىقنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشىدىن ئەدىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، دائىرىلەر بىر تەرەپتىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلەرنى ب د ت تەكشۈرگۈچىلىرىگە ھەقىقىي ئەھۋالنى پاش قىلىشقا جاسارەت بېرىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئالدىنى بولماقچى بولغان، يەنە بىر تەرەپتىن چەتئەلدىكى مۇخبىرلارنىڭ ب د ت تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ نازۇك ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇر ئېلىگە تېلېفون قىلىپ، مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ قويۇش ۋە بۇ سەۋەبلىك بىر ئاخبارات داغدۇغىسى پەيدا قىلىپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان.
ئالدىنقى ھەپتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاي تەرەپ تەكىتلەۋاتقان دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ماھىيەتتە خىتاينىڭ بارلىق ئۇيغۇر سىياسىتى، يەنى نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەممە ساھەسىدە ئىپادىسى كۆرۈلىدىغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەنىدى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا، ب د ت تەكشۈرۈشى مەزگىلىدىكى يېڭى بىخەتەرلىك تەدبىرى-لاگېرلار ھەققىدە ئېغىز ئاچماسلىق ۋە تېلېفونى چەتئەلدىن ئۇرۇلمايدىغان قىلىپ تەڭشەش-ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.