ئانتونىي بلىنكېن: خىتاي دۇنيادىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان جايلارنىڭ بىرى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.07.13
ئانتونىي بلىنكېن: خىتاي دۇنيادىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان جايلارنىڭ بىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېن ئېلى ۋېسېل ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ۋەھشىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىغا ئاساسەن 2021-يىلدىكى پارلامېنت دوكلاتىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ھەققىدە سۆز قىلماقتا. 2021-يىلى 12-ئىيۇل، ۋاشىنگتون.
AP

12-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «2021-يىللىق ئەلېي ۋېسېل ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ۋەھشىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى. بايدېن ھۆكۈمىتى بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىش خەۋپىگە قارىماستىن خىتاينى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى ۋە خىتاينى دۇنيادىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان ۋەياكى ئاشۇ جىنايەتلەرنىڭ يۈز بېرىش خەۋپى بولغان ئالتە جاينىڭ بىرى دەپ كۆرسەتتى شۇنىڭدەك تۈرمىگە سولاش، قىيناش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە زىيانكەشلىك قىلىشنى بېيجىڭنىڭ جىنايەتلىرى قاتارىغا كىرگۈزدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن مۇنداق دېدى: «بۇ يىلقى مەزكۇر دوكلاتتا تۇنجى قېتىم بىرما، ئېفىيوپىيە، خىتاي ۋە سۈرىيە قاتارلىق كونكرېت دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن ۋەھشىيلىكلەر ھەققىدە بىۋاسىتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلدى. بۇ رايونلار بىزنىڭ كۈن تەرتىپىمىزدىكى ئەڭ كەسكىن تاشقى سىياسەت خىرىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىز كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىك قىممەت قارىشىمىزغا بولغان ۋەدىمىزنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان قارارلار ئۈستىدە داۋاملىق تىرىشىمىز. دىپلوماتىك ئۇسۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىمىز. ئىتتىپاقداشلارنىڭ ياردىمى، تەكشۈرۈپ پاكىت توپلاش، ئىقتىسادى تەدبىرلەرنى قوللىنىش ۋە مۇشۇنداق دوكلاتلار خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. بىرلىكتە خەلقئارالىق بىسىم ۋە ئىنكاس قايتۇرۇشىمىزغا، ھۆكۈمەتلەرنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ خىل ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئازايتىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بارلىق كۈچى بىلەن زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان كىشىلەرگە ۋە رايونلارغا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئىلىپ كېلىشكە تىرىشىدۇ. بىزنىڭ يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە توختىتىش ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىمىز بىزنىڭ يۇقىرى قىممەت قارىشىمىزغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بايدېن-خارىس ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ ۋەھشىيلىكلەر قايتا تەكرارلانمايدىغان كەلگۈسى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ».

سابىق پرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغانىدى. بايدېن ھۆكۈمىتىمۇ مارتتا ئېلان قىلغان يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تەكرارلاش ئارقىلىق بۇ قارارنى قوللىغان.

ئانتونىي بلىنكېن باياناتىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى، ئارقىدىن مۇۋەققەت ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روبېرت فاۋچېر ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز ‹يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى›دىن ئامان قالغان ئەلېي ۋېسېلنىڭ ھاياتىغا ھۆرمەت بىلدۈرىمىز ۋە ئۇنى ياد ئېتىمىز. ئۇ بىزگە ‹قايتا تەكرارلانمىسۇن› ۋەدىمىزنىڭ قەتئىي ئىزچىللىق تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. مەزكۇر دوكلات بىزنىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق›، ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› قاتارلىق ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن ۋەزىپىلىرىمىز بار. مەزكۇر دوكلات يېقىنقى يىللاردا كونكرېت بىر قانچە دۆلەتلەردە يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەر توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەن، بۇ ئەھۋاللار كەلگۈسىدە تېخىمۇ زور ۋەھشىيلىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن بېشارەت بېرىدۇ. مەسىلەن شىنجاڭ ھەققىدىكى دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلدى ۋە داۋاملىق سادىر قىلىۋاتىدۇ. ھەممىمىزنىڭ بىرلىكتە ئالغان بىر قەدىمى بىزنى ‹قايتا تەكرارلانمىسۇن› غا بىر قەدەم يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كەلگۈسىدە يۈز بېرىش خەۋپى بولغان ۋەھشىيلىكلەرنى ئازايتىشقا، تىنچ، گۈللەنگەن دۇنيا بەرپا قىلىشتا كەسكىن پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىدۇ».

شۇ كۈنى بېيجىڭ، خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىن ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىنى «ھەيدەپ چىقارغانلىقىنى» جاكارلىغان ۋە جوۋ بايدېننى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى رايونى ھەققىدە «ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتى» بىلەن ئەيىبلىگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە بۇ خىل ئوچۇق-ئاشكارا ئەيىبلەشلەر جىددىيلىكنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

روبېرت فاۋچېر ئەپەندى باياناتىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. مۇخبىرلاردىن بىرىنىڭ: «ئۇيغۇرلارغا ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق›ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمىشقا شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كېرىشى چەكلەنمەيدۇ؟» دېگەن سوئالىغا روبېرت فاۋچېر ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىلىشىمچە بىزنىڭ بۇ مەسىلىدە كونكرېت پىلانلىرىمىز بار ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇل-تەدبىرلەر يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ. بۇ قارارلارنى ھۆكۈمەتتىكى مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەر ۋە ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنلار بىرلىكتە چىقىرىدۇ. بىلگىنىڭىزدەك بۇ ناھايىتى مۇرەككەپ بىر جەريان. شۇڭا سىز ئېيتقاندەك ئومۇميۈزلۈك ئەمەس بەلكى كونكرېت سىياسەتلىرىمىز بار».

ئۇ يەنە بىر مۇخبىرىنىڭ، خىتاينىڭ مەيلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بولسۇن ۋەياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىنىڭ بولسۇن ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ بىۋاسىتە تەكشۈرۈشىگە ماسلاشمايۋاتقان ئەھۋالدا، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قانداق ئىستراتېگىيە قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىز خىتاينىڭ تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ بىۋاسىتە بېرىپ نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىدىن ناھايىتى ئەپسۇسلىنىمىز. بىز خەلقئارادىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە خىتايغا تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا ۋە بۇ مەسىلىدە پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە بىسىم قىلىمىز. شۇنداق بولغاندىلا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ۋە كەلگۈسىدە يۈز بېرىش خەۋپى بولغان ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. يەنى، ئىستراتېگىيەمىز بولسا دىپلوماتىك ئىستراتېگىيە بولۇپ، خىتايغا قارىتا ئىمكانىيەت يار بەرگەن بارلىق دىپلوماتىك قوراللارنى ئىشلىتىپ، بېسىم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئامېرىكا يالغۇز ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدۇ».

«ئەلېي ۋېسېل ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ۋەھشىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» 2018-يىلى ماقۇللانغان بولۇپ، بۇ، چوڭ قىرغىنچىلىقتىن ھايات قالغان ئاپتور، نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىلھاملاندۇرغۇچى باياناتچىسى مەرھۇم ئەلېي ۋېسېلنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. بۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئازايتىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، ئامېرىكانىڭ ۋە خەلقئارانىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە باشقا ۋەھشىي قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىش قانۇنىدۇر.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر قانۇن بويىچە دۇنيادىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ۋەھشىي قىلىمىشلار ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.