10-يانۋار كۈنى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ 4 نەپەر ئەمەلدارىغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك جازا تەدبىرى قويغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
ئانتونىي بىلىنكېن باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ئاي ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىتېت رەئىسى نادىنې مائېنزا، مۇئاۋىن رەئىس نۇرى تۈركەل ۋە كومىسسارلار ئانۇرىما باگارۋا ۋە جەيمىس كار قاتارلىقلارغا جازا تەدبىرى قويغانلىقىنى، بۇندىن ئىلگىرى يەنە مەزكۇر كومىتېتنىڭ باشقا ئەزالىرىغىمۇ جازا تەدبىرى قويغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ: «بۇ ھەرىكەتلەر بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرەلمەيدۇ، بىز ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز. ئامېرىكا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا ۋەدە بېرىدۇ ھەمدە بارلىق دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي قوراللارنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ جاۋابكارلارنى سۈرۈشتە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ» دېگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئاينىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنياز، سابىق رەئىسى شۆھرەت زاكىر، خىتاي «مەركىزىي شىنجاڭ خىزمىتى رەھبەرلىك ئىشخانىسى» نىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى خۇ لىيەنخېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 خىتاي ئەمەلدارىغا ئېمبارگو قويغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك جازا تەدبىرى ئېلان قىلغانىدى.
خىتاينىڭ بۇ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھەرىكىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېندىن باشقا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو قاتارلىق نۇرغۇن مەجلىس ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. نەنسىي پېلۇسى خانىم بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مەخسۇس باياناتىدا: «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان زۇلۇمى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر. خىتاينىڭ قورقۇتۇش تاكتىكىلىرى ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ بۇ ۋەھشىيلىكنى توختىتىش ئىرادىسىدىن توختىتالمايدۇ» دېگەن.
بۈگۈن، 11-يانۋار ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرىي تۈركەل ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئانتونىي بىلىنكېن ئەپەندى ۋە نەنسىي پېلوسىي خانىمنىڭ باياناتلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە مەجلىسىنىڭ تولۇق قوللىشىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ مەزمۇن جەھەتتىن ۋە پرىنسىپ جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
نۇرىي تۈركەل ئەپەندى يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى پىلانلىغان، ئىلگىرى سۈرگەن» دەپ تۇرۇپ جازالىغان بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنى ئىنسان ھوقۇقىنى ھىمايە قىلغانلىقى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان زۇلۇمنى پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ ئىككى جازا تەدبىرىنىڭ بىر-بىرىدىن قەتئىي پەرقلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن بۇ قېتىملىق باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن سۆزلەۋاتقانلارنى قورقۇتۇش ۋە جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرىنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇر ئېلىدا ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈلۈشىگە تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنى پاراكەندە قىلىش مەسىلىسىنىمۇ مەخسۇس تىلغا ئالغان. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا خىتاينى دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىشقا جۈملىدىن ئامېرىكا خەلقىگە خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكالىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى تۈرمىگە سولاش ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى رەت قىلىشتەك قىلمىشلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا يەنە بىر قېتىم چاقىرىدۇ. بۇ قىلمىشلار خەلقئارادىكى قانۇننى ئاساس قىلغان تەرتىپكە قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق ھېسابلىنىدۇ».
ئانتونىي بىلىنكېن ئەپەندى باياناتىنى: «ئامېرىكا داۋاملىق ھالدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك، ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىق ئاساسىي ئەركىنلىكلەرنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ ۋە ئۇلارنى قوللايدۇ» دەپ ئاخىرلاشتۇرغان.
نۇرىي تۈركەل ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىىيوسى خىزمەتچىلىرى قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى جازالاش، ئۇلارنى پاراكەندە قىلىش ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئامېرىكالىقلارنىڭ ئۆز خىزمىتىنى قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا بىلىنكىن ئەپەندىنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئامېرىكادىكى پارتىيە ھالقىغان، مۇستەقىل، دىنىي ئەركىنلىكنى كۆزىتىش ئورگىنى بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىگە مەسلىھەت بېرىدىغان، ئۇنىڭ سىياسەت تۈزۈشىگە ياردەم بېرىدىغان ئورگاندۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم ئۇنىڭ 4 نەپەر كومىسسارىغا جازا تەدبىرى قويغاندىن سىرت، ئۆتكەن يىل 5-ئايدىمۇ مەزكۇر كومىتېتنىڭ سابىق كومىسسارى جونىي مورغا ئېمبارگو قويغان.
خىتاينىڭ جازا تەدبىرىگە ئۇچرىغان 4 كومىسسارنىڭ بىرى بولغان جەيمىس كار ئەپەندىمۇ بۈگۈن بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جازا تەدبىرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ جاسارىتىنى ھەرگىز سۇندۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«خىتاي ئوخشاش 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسقا ئىگە بىر دۆلەت خۇداغا ئىشىنىشنى خالايدىغان، ئېتىقادچى ئاممىدىن قورقماسلىقى كېرەك ئىدى. ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا دىنغا ئىشەنگۈچى خەلقلەرگە قارىتىۋاتقان باستۇرۇشلىرى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. مەن خىتايدىكى ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىپ-ياخشىلانمايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئەمما شۇنى ئېنىق دېىيەلەيمەنكى، بىزنىڭ كومىتېتىمىز خىتاينىڭ دىنىي ئاز سانلىقلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى يورۇقلۇققا چىقىرىش ئۈچۈن توختىماي خىزمەت قىلىدۇ»
نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۆزى ۋە كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھازىر باشتىن كەچۈرۈۋاتقان زۇلۇم ئاياغلاشمىغۇچە خىزمىتىنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھازىر دۇنيادىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانىدى، ئۇيغۇرلار ئۈمىدۋار بولۇشى كېرەك، دېدى.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشى، دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قانۇنلارنى چىقىرىشى، خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشىنى قوللىغان ۋە كۈچ چىقارغانىدى.