ئۇيغۇر بوكس ماھىرى فارۇق تۇردان 10-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بوكس مۇسابىقىسىدە رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ، 80 كىلوگراملىقلار بويىچە ئىستانبۇل چېمپىيونى بولغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ تۈركىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك بوكس مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.
فارۇق تۇردان 1994-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى قازاقىستان جۇمھۇرىيەتىنىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچى قازاق ناھىيەسى قىزىل شەرق يېزىسىدا ئۇيغۇر ئائىلىسىدە دۇنيا كەلگەن. ئەمگەكچى قازاق رايونى بۈگۈنكى چىلەك رايونى بولۇپ، فارۇق شۇ يەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. ئۇ، 2012-يىلى چىلەك رايونىدىكى ئۇيغۇر تىلى ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، قازاقىستان ساياھەت ۋە تەنتەربىيە ئاكادېمىيەسىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 2016-يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن مەشىق قىلىپ، كۆپ مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان. ئۇ 18 يېشىدىن باشلاپ بوكسۇرلۇق مەشىقىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. فارۇق تۇردان 2022-يىلى كۈزدە ئىستانبۇلغا كەلگەن.
فارۇق تۇردان قازاقىستاندىكى كەسپىي بوكس كۇلۇبلىرىدا تەربىيىلەنگەن بولۇپ، ھازىرغىچە كۆپ قېتىم چېمپىيون بولغان. ئۇ، 2023-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بوكس مۇسابىقىسىدە 80 كىلوگراملىقلار ئارا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە 11 ماھىرنىڭ ئىچىدىن 3 نەپەر تۈركىيە چېمپىيونىنى يېڭىپ، ئىستانبۇلنىڭ چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى ئالغان.

فارۇق تۇردان ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئالمۇتادىن كەلدىم، ئىسمىم فارۇق تۇردان. 14-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن ئىستانبۇل بوكس مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدۇم. بۇ ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈركىيە بوكس ماھىرلىرى چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىگە ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى ئىدى. مەن بۇ قېتىم ئۈچ مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشتىم. ئۈچ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە يېڭىپ چىقتىم. 80 كىلوگراملىقلاردىن 11 نەپەر ماھىر مۇسابىقىگە چۈشتۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن چېمپىيون بولۇپ تاللاندىم. بىرىنچى رەقىبىم بىلەن ئىككىنچى رەقىبىم ئىلگىرىكى تۈركىيە چېمپىيونلىرى ئىدى. ئۈچىنچى رەقىبىمنى ياخشى تونۇمايدىكەنمەن، ھەممىسىنى يېڭىپ، ئىستانبۇل چېمپىيونى بولدۇم.»
فارۇق تۇردان گەرچە قازاقىستاندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بولسىمۇ، ئانا تىلىدا راۋان سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ بوكس ھاياتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ، ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يېزىدا بوكس تۈرىدىكى تەنتەربىيە ئىمكانىيىتى يوق بولغاچقا، بوكسنى بىرئاز كېچىكىپ باشلىغان ئىكەن. ئۇ بۇندىن كېيىن ئۆزىنىڭ تۈركىيەدىكى مۇسابىقىلەردە ئۇتۇپ چىقىپ، دۇنيا چېمپىيونى بولۇش ئىستىكىنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇ يولدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئۇ ئىستانبۇل بويىچە بوكس چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىنكى ھېسسىياتى ھەققىدە توختىلىپ، بوكس مۇسابىقىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا زور ئەھمىيىتى بارلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىگىمۇ روھى جەھەتتىن كۈچلۈك مەدەت بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

14-ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بوكس ماھىرلىرى چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىگە تاماشىبىن بولۇپ قاتناشقان ھەسەنجان ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، فارۇق تۇرداننىڭ چېمپىيون بولغانلىقىدىن كۈچلۈك غۇرۇر ھېس قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇلۇغۋار غايىگە ۋە كۈچلۈك ئىرادىگە ئىگە بوكس ماھىرى ئىكەنلىكىنى، كەلگۈسىدە ئۇنىڭ دۇنيا چېمپىيونى بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىستانبۇلدىكى «ئۇيغۇر تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ياسىر قارىھاجىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدە تۈرلۈك تەنتەربىيە ساھەلىرىدە نەتىجىگە ئېرىشىۋاتقانلارنىڭ سانىنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، تەنتەربىيە ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ شان-شەرەپ كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلارغا مەنىۋى جەھەتتىن ھەر دائىم ئىلھام بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتتى.