لوبگا راڭزېننىڭ قارشىلىق ھەركىتى ئۇيغۇر دىياسپوراسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى
2-ئىيۇل كەچقۇرۇن، نيۇ-يوركتىكى ب د ت باش ئىشتابى ئالدىدا تىبەتلىك پائالىيەتچى لوبگا راڭزېن Lobga Rangzen نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى زۇلۇملىرىغا قارشى ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ۋەقەسى دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى. بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقە تىبەت قارشىلىق ھەرىكىتىنى يەنە بىر قېتىم دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تىبەت خەلقى بىلەن قىسمەتداش بولغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك ئەكىس سادا قوزغىدى.
مەتبۇئاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 52 ياشلىق لوبگا راڭزېن ئامېرىكىدا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ياشاۋاتقان بىر ئۇبېرشوپۇرى ۋە ئاكتىپ پائالىيەتچى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى كۆيدۈرۈشتىن بۇرۇن تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن تىبەتلىكلەرنى بىرلىشىشكە ۋە ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان. ئۇ ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇنغا تىبەت بايرىقى بىلەن بىرگە «خىتاي، تىبەتتىن چىقىپ كەت!» دېگەن خەتلەر يېزىلغان قەغەزلەرنى قالدۇرۇپ قويغان. بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» نامىدىكى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ ئەتىسى يۈز بەردى.
لوبگا راڭزېننىڭ ب د ت ئالدىدىكى ئۆزىنى قۇربان قىلىشى ئۇيغۇر دىياسپوراسىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، سىياسىي ئاكتىپلىرى ۋە تاراتقۇلىرىنى كۈچلۈك زىلزىلىگە ۋە چوڭقۇر قايغۇغا سالدى.
تۈركىيەدىكى ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى بۇ ۋەقەنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا خەۋەر قىلىپ، ئۇيغۇر دىياسپوراسىغا تارقاتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ۋەقەگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇشۇنداق زۇلمەتلىك بىر پەيتتە تىبەت خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تونۇلغان پائالىيەتچى ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە X سەھىپىسىدە مەخسۇس يازما ئېلان قىلىپ، ئۆز تەسىراتىنى ئورتاقلاشتى. ئۇ ”بىز نېمىشقا ياش تۆكتۇق -- ئۆزىنى كۆيدۈرىۋالغان تىبەتلىك قېرىندىشىمغا“ ماۋزۇلۇق بۇ تەسىرلىك يازمىسىدا تىبەت خەلقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئورتاق زۇلۇم ئاستىدىكى تەقدىرداشلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
”ئۇيغۇر تايمىز“ گېزىتى مەخسۇس تەھرىرات ئوبزورى ئېلان قىلىپ، لوبگان راڭزېنغا تەزىيە بىلدۈردى ھەمدە بۇ قۇربانلىقنىڭ ئۆز مىللىتىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە پىداكارلىقنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان تىبەت ۋە ئۇيغۇر خەلقلىرىنىڭ ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىمەتنى قوغداشتىكى ھەمنەپەسلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر دىياسپوراسىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، دۇنيانىڭ خىتاي ئىچىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە تىبەتتىكى مىللىي زۇلۇملارغا بولغان سۈكۈتىنىڭ مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق قارشىلىق شەكىللىرىنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەمدە زۇلۇمىغا بولغان قارشىلىقنىڭ شەكىللىرى ھەققىدە بەس-مۇنازىرىلەر قوزغالدى.
بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىگە قارشى دۇنياۋى كۈرەشنىڭ تېخىمۇ جىددىي ۋە كەسكىن بىر باسقۇچقا كىرگەنلىكىنىڭ سىگنالى دەپ قارالماقتا.
