خىتاي مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئىگىدارچىلىقىدىكى «خىتاي مىللەتلىرى گېزىتى» يېقىندا ماقالا ئېلان قىلىپ، «يېڭى چىڭ تارىخى»نىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ تارىخىي ئاساسىغا ئېغىر دەرىجىدە زەرەر يەتكۈزۈۋاتقانلىقى»نى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە ئۇنىڭغا «كۈچلۈك رەددىيە بېرىش»نى تەشەببۇس قىلدى. مەزكۇر گېزىت ئۆتكەن ئىككى يىلدىن بۇيان «يېڭى چىڭ تارىخى»نى تەنقىد قىلىشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلگەنىدى.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قارىماققا ئاكادېمىك تالاش-تارتىشتەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە بېيجىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە موڭغۇلىيە قاتارلىق رايونلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تارىخىي مۇناسىۋىتىنى قانداق چۈشەندۈرۈشىگە بېرىپ چېتىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ”يېڭى چىڭ تارىخى“ - چىڭ سۇلالىسى تارىخىنى تەتقىق قىلىشنىڭ بىر تۈرلۈك ئۇسۇلى بولۇپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە ئېنگلىز تىلى تارىخ تەتقىقات ساھەسىدە تەدرىجىي شەكىللەنگەن.
”يېڭى چىڭ تارىخى“ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تارىخچىلار مانجۇ يېزىقى ۋە خىتايچە بولمىغان باشقا كۆپ خىل يېزىقتىكى تارىخىي ئارخىپلاردىن پايدىلىنىپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەنئەنىۋى مەنىدىكى بىر خىتاي سۇلالىسى ئەمەس، بەلكى مانجۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى شىمالىي/ئىچكى ئاسىيا ئىمپېرىيەسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن، شۇنداقلا، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە موڭغۇلىيە قاتارلىق رايونلارنىڭ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى ۋە ئىمپېرىيە كېڭەيمىچىلىكى جەريانىدا چىڭ سۇلالىسىغا قەدەممۇ قەدەم قوشۇۋېلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويغان. بېيجىڭ بولسا مەزكۇر رايونلارنى ”ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس قىسىمى ئىدى“ دېگەن ھۆكۈم بىلەن ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك قوشۇلۇشىنى ئىزچىل تەكىتلەپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» بايانىنى كۈچەيتمەكتە.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ «يېڭى چىڭ تارىخى»غا قاراتقان تەنقىدى ئادەتتىكى تارىخ تەتقىقاتى دائىرىسىدىن ھالقىپ، مىللەتلەر سىياسىتى، دۆلەت كىملىكى ۋە خىتاي تارىخىنى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك كەڭ دائىرىلىك تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولىۋېتىپتۇ.
