ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 3-ئىيۇل)

مەمەتقۇربان رېھىم: ئۈرۈمچىدىكى ھەدەم مەريەم رېھىمدىن ئۈچ ئايدىن بېرى خەۋەر يوق. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىر قىسىم دورا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى تەكشۈرمەكتە. ۋاشىنگتون ۋە ئامىستېرداملاردا خىتايغا قارشى كۆپ مىللەتلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى لەپىلدەتتى. شۋېتسىيەدە مەرھۇم ناخشىچى كۈرەش كۆسەننى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئوچۇق خەت يېزىپ خىتاينى جىددىي ئاگاھلاندۇردى. شەرقىي تۈركىستاندا يازلىق «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى باشلاندى. ئاۋسترالىيە بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق بازىرىغا ئايلانماقتا.

مەمەتقۇربان رېھىم: ئۈرۈمچىدىكى ھەدەم مەريەم رېھىمدىن ئۈچ ئايدىن بېرى خەۋەر يوق

نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر مەمەتقۇربان رېھىمنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇنىڭ ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ھەدىسى، پىنسىيونېر مەريەم رېھىم خانىم روزا ھېيتتىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. ئۇنىڭ ھەدىسى بىلەن تېخى يېقىنقى بىر يىلدا ئەسلىگە كەلگەن ئالاقىسى ئادەتتە ئايدا بىرەر قېتىم تېلېفوندا سۆزلىشىش شەكلىدە داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى قايتا غايىب بولۇشى ئۇنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى ئەندىشىگە سالغان. ئۇ دەسلەپ ھەدىسىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىپ خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا خەت يازغان؛ كونسۇلخانا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ بېرەلمىگەن. ئۇ ئۈرۈمچىدىكى غەيرىي رەسمىي قاناللىرى ئارقىلىق ھەدىسى ئۆزى بىلەن بىر-ئىككى قېتىم تېلېفوندا ئەھۋاللاشقانلىقى ۋە ھەدىيە يوللىغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇن قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 3-ئىيۇل) (RFA Uyghur)

بىز مەريەم رېھىم نوپۇس تەۋەلىكى بولغان ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىنىڭ غالىبىيەت يولى ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار خادىم مەريەم رېھىمنىڭ ئۈچ ئايدىن بېرى ئۆيىدە يوق ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى، ئەمما نەدە ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

مەمەتقۇربان رېھىمنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىل 61 ياشقا كىرگەن مەريەم رېھىم ئەسلىدە كېرىيە ناھىيەلىك ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، ئۇ 20 يىل ئاۋۋال پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. پەقەت ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تىجارەت ئىشلىرىغا ھەمكارلىشىپ كۈن كەچۈرۈپ كېلىۋاتقان مەريەم خانىم يېقىنقى يىللاردا كۆپىنچە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۈرمىدە، بىر قىسىم ئۇرۇق-تۇغقانلىرى چەت ئەلدە بولغىنى ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدە پەقەت قولۇم-قوشنىلىرى بىلەنلا ھال-مۇڭ بولۇپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغان.

مەمەتقۇربان ھەدىسى مەريەم رېھىمنىڭ ھەر قانداق بىر سىياسىي پائالىيەتكە قىزىققۇدەك ياكى ئارىلىشقۇدەك زېھنىي ۋە روھىي ئىمكانىيەتتە ئەمەس ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ مىليونلىغان كىشىلەرگە ئوخشاشلا، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى سەۋەبلىك تۇتۇن قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

غالىبىيەت ساقچىخانىسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر خادىممۇ مەريەم رېھىمنىڭ نېمە ئۈچۈن غايىب بولغانلىقى ياكى تۇتۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرەلمىدى.

مەمەتقۇربان رېھىم مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ھەدىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئالاقىدار خەلقئارالىق ئورگانلارغا يەتكۈزۈشكە چاقىرىدۇ ۋە ھەدىسىنىڭ ئىز-دېرىكى ئېلىنىشى ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر پىنسىيونېر مەريەم رېھىمنىڭ ئاقىۋىتىنى شەرقىي تۈركىستاندا 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇننىڭ ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق كىشى تۈرمە ۋە لاگېرلارغا سولىنىپ بولغاندىن كېيىنمۇ يەنە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ؛ سابىق قورچاق رەئىس شۆھرەت زاكىرنىڭ ئەينى چاغدا ئېلان قىلغان لاگېرلارنىڭ تاقالغانلىقى ھەققىدىكى باياناتىنىڭ ساختىلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى دەپ قاراشماقتا.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىر قىسىم دورا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىقىنى تەكشۈرمەكتە

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى يېقىندا ئامېرىكىنىڭ پايزېر (Pfizer) قاتارلىق بەش چوڭ دورا شىركىتىنىڭ باشلىقلىرىغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇلاردىن خىتايدىكى دورا شىركەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات تەلەپ قىلغان ۋە بۇ مەلۇماتنى مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە تاپشۇرۇشنى بۇيرۇغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر كومىتېت خىتاينىڭ ئالاقىدار تور ئارخىپلىرىدىن ئامېرىكا شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان كلىنىكىلىق سىناقلار ھەققىدە ئەندىشىلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن ۋە دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئادەم ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ كلىنىكىلىق سىناقلاردا ئىختىيارىي بولۇش، ئوچۇق-ئاشكارە بولۇش، تولۇق خەۋەردار قىلىنىش ۋە رازىلىقىنى ئېلىش ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىنمىغانلىقىنى بايقىغان.

مەزكۇر كومىتېتنىڭ باشلىقى جون مولېنار (John Moolenaar) ئەپەندىنىڭ يۇقىرىقى بەش شىركەت باشلىقىغا يازغان خېتىدە، ئۇلارنىڭ خىتايدا كلىنىكىلىق سىناق ئېلىپ بېرىش قائىدە-تۈزۈمى، شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاينىڭ ھەربىي دوختۇرخانىلىرىدا 2015-يىلدىن بۇيان ئېلىپ بارغان كلىنىكىلىق سىناق سانى، بۇ جەرياندىكى ئەخلاقىي ئۆلچەملەرنى تەكشۈرۈش جەريانى قاتارلىق مەلۇماتلارنى سورىغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ۋە خىتاي ئارىسىدا داۋام قىلىۋاتقان رىقابەت مەيدانلىرىدىن بىرى بىئو-تېخنىكا ساھەسى بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپ خىتاينىڭ كلىنىكىلىق سىناق ئېلىپ بېرىشتا، سۈرئەت جەھەتتە ئامېرىكىدىن 3-5 ھەسسە تېزلەشكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭغا تەجرىبە قىلىنغان ئادەملەرنىڭ رازىلىقىنى ئېلىشتىن ئىبارەت مۇھىم ئەخلاقىي ئۆلچەمگە خىتاينىڭ ئەمەل قىلمايۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەب ئىكەنلىكىنى تونۇغان.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تاقىلىدىغان بۇ مەسىلە، ئامېرىكىنىڭمۇ دۆلەت ئامانلىقى، ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە سەزگۈر مەنپەئەتلىرىگە تۇتاشقان بولۇپ، خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى مەزكۇر تەكشۈرۈشنى باشلىغان.

ۋاشىنگتون، ئامىستېرداملاردا خىتايغا قارشى كۆپ مىللەتلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈنۈگۈن، يەنى 1-ئىيۇل كۈنى ۋاشىنگتون، ئامىستېردام، جەنۋە، بىريۇسسېل قاتارلىق شەھەرلەردە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللارنىڭ خىتايغا قارشى نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. نامايىش خىتاينىڭ 1-ئىيۇل كۈنى ئىجراغا قويۇلغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» قانۇنىغا قارشى داۋام قىلدى.

ۋاشىنگتوندىكى نامايىشتا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئۆمەر قانات ۋە رۇشەن ئابباسلار سۆز قىلىپ، مەزكۇر قانۇننىڭ ماھىيەتتە خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قانۇنى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامىستېردامدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ئاكتىپ پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ نامايىشقا تىبەت ۋە موڭغۇللاردىن باشقا خوڭكوڭلۇقلار، گۇاڭدۇڭلۇقلار ۋە جۇاڭزۇلارمۇ قاتناشتى. بۇ كۆپ مىللەتلىك نامايىشتا، خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنىنىڭ ئۆز جەمئىيەتلىرىدە قاتتىق ئەندىشە ۋە كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرگەن پائالىيەتچىلەر خەلقئارا جامائەتچىلىكنى خىتاي سىياسىتىدىكى بۇ شۇم غەرەزلىك ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىشقا ۋە ئۇنى توسۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.

ئالدىنقى كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىمۇ خىتاينىڭ مەزكۇر قانۇنىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلغان.

خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش نامىدىكى مەزكۇر قانۇنى بۇ يىل 3-ئايدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان، ياۋروپا پارلامېنتى ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ بۇ قانۇنىنى ئەيىبلەپ قارار ماقۇللىغان ئىدى.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى لەپىلدەتتى

بۇ يىللىق دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئۆزبېكىستان كوماندىسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتى ۋە ھەۋىسىنى قوزغىدى. 27-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىدە ئوينالغان ئۆزبېكىستان-كونگو مۇسابىقىسىدە 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تاماشىبىنلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى، بەش دانە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى توپ مەيدانى ئەتراپىدا لەپىلدىدى.

بۇ بايراقنى لەپىلدەتكەنلەردىن تۇمارىس ئالماس خانىم ئائىلىسى بىلەن ۋە مەمەت ساۋۇت ئەپەندىلەر دوستلىرى بىلەن مۇسابىقىگە ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە شتاتىدىن، يەنى 760 كىلومېتىر مۇساپىدىن كېلىپ قاتناشقان.

تۇمارىس ئالماس خانىم ۋە مەمەت ساۋۇت ئەپەندىلەر ئۆزبېكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئەڭ يېقىن خەلق ئىكەنلىكى، شۇڭا ئۇلارنىڭ دۇنياۋى مۇسابىقىگە قاتنىشىشتەك بۇ شان-شەرىپىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنى قوللاش ۋە نەتىجىلىرىدىن ئورتاق ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن مۇسابىقىگە قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇلار يەنە مەقسەتلىرىدىن بىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى مىليونلىغان تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىگە سۇنۇش، بولۇپمۇ بۇ بايراقنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بۇ بايراقنى بىر قېتىم كۆرۈش پۇرسىتى يارىتىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مۇسابىقە مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە، مۇسابىقە بىخەتەرلىك خادىملىرى بىلەن تۇمارىس خانىم ئارىسىدا تالاش-تارتىش يۈز بەرگەن؛ تالاش-تارتىشتا بىخەتەرلىك خادىملىرى تۇمارىس خانىمدىن بايراقنى تاپشۇرۇش ياكى مەيداندىن ئايرىلىشنى بۇيرۇغان. تۇمارىس خانىم بايراقنى تاپشۇرۇشنىڭ ئورنىغا مەيداندىن ئايرىلغان. بىخەتەرلىك خادىملىرى باشقىلارغا قاراتقان مىللىي نەپرەت قوزغىغۇچى بايراقلارغا رۇخسەت يوقلۇقىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، بۇ بايراقنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ كاتېگورىيەگە كىرگۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە ئىزاھات بېرەلمىگەن.

مۇسابىقىنى كۆرگەن ئۇيغۇر تاماشىبىنلاردىن فەرۇق ئەپەندى ئۆزىنىڭ ۋە ئوغلىنىڭ مۇسابىقىنى باشتىن-ئاخىر كۆك بايراقنى دۆمبىسىگە يېپىنچاقلىغان ھالەتتە كۆرگەنلىكى ۋە دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ پەرەز قىلىشىچە، تۇمارىس خانىمنىڭ قولىدىكى بايراق نىسبەتەن چوڭ بولغىنى ۋە ئورنى دىققەت تارتىدىغان ئورۇندا بولغاچقا، خىتاي تەرەپنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە بىئارام قىلغان؛ كۆك بايراقنى ئېكراندىن كۆرگەن خىتاي دائىرىلىرى ياكى نەق مەيداندىكى خىتاي تاماشىبىنلار بۇ بايراق ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان.

بىز بۇ پەرەزنىڭ توغرا-خاتالىقى، يەنى تۇمارىس خانىم ئۇچرىغان توسقۇنلۇقنىڭ ئېنىق سەۋەبى ھەققىدە مۇسابىقىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىغا خەت يازغان بولساقمۇ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىلمىدى.

تۇمارىس خانىم بۇ ۋەقە پەرزەنتلىرىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلغان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى مىليونلارچە تاماشىبىننىڭ ئالدىدا بىر قانچە قېتىم لەپىلدىتىشتەك بۇ پۇرسەتنىڭ ئۆزلىرىگە يېتەرلىك تەسەللىي بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

شۋېتسىيەدە مەرھۇم ناخشىچى كۈرەش كۆسەننى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

27-ئىيۇن كۈنى شۋېتسىيەدە، مەرھۇم ناخشىچى، كومپوزىتور، سىياسىي پائالىيەتچى كۈرەش كۆسەن ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقى خاتىرىلەندى. پائالىيەتتە كۈرەش كۆسەننىڭ ۋەەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى جەڭگىۋار ناخشا-مۇزىكىلىرى ئەسلەنگەن ۋە سەنئەتنى قورال قىلغان ھالدا، ۋەتەن ئىچى-سىرتىدا خىتايغا قارشى ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىگە، جۈملىدىن سكاندىناۋىيە دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇشتا ئوينىغان رولىغا يۇقىرى باھالار بېرىلگەن.

پائالىيەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى، بىر قىسىم شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزالىرى، مەرھۇمنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە سەپداشلىرى قاتناشقان.

پائالىيەتتىن بىر كۈن بۇرۇن مەرھۇمنىڭ ئېسكىلستۇنا (Eskilstuna) شەھىرىدىكى قەبرىسى، خىزمەت قىلغان ئىشخانىسى، كۆپ قېتىملاپ سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىغان تىياتىرخا زىيارەت قىلىنغان.

بۇ قېتىمقى بۇ پائالىيەت شۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئوچۇق خەت يېزىپ خىتاينى جىددىي ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن لىندسېي گراخام (Lindsey O. Graham) بىلەن شەلدون ۋايتخائۇس (Sheldon Whitehouse) خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شې فېڭغا ئوچۇق خەت ئەۋەتىپ، خىتايدا 1-ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»غا قارىتا جىددىي ئەندىشە، نارازىلىق ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ئىپادىلىدى.

ئوچۇق خەتتە، بۇ ئىككى نەپەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»نىڭ 63-ماددىسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، بۇ ماددىدا خىتاي زېمىنى سىرتىدىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭمۇ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزدى» دېگەن شىكايەت بىلەن قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. ئىككى نەپەر كېڭەش ئەزاسى ئامېرىكا تەرەپنىڭ مەيدانىنى شەرھىيلەپ، خىتاينىڭ بۇ ماددىغا ئاساسەن ئامېرىكا زېمىنىدىكى شەخسلەرنى نازارەت قىلىش، قورقۇتۇش ياكى بېسىم ئىشلىتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان دەخلى-تەرۇز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

خەتتە خىتاينىڭ تىبەت بۇددىستلىرى، مۇسۇلمانلار ۋە خىرىستىيانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى چەكلەۋاتقانلىقى جىددىي تەنقىد قىلىندى. بۇ يېڭى قانۇننىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە كىملىكىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقى، خىتاينىڭ ئۆز ئاساسىي قانۇنىغا، «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»غا ۋە خەلقئارالىق ۋەدىلىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ بۇ قانۇننى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاينىڭ مەزكۇر قانۇن دائىرىسىدىكى قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن خەۋەر قىلىش مېخانىزمىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئاكتىپ ئىشلىمەكتە. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا زېمىنىدىكى كىشىلەرنى ياكى چەتئەلدىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى نىشانلىسا، ئامېرىكا تەرەپ تېخىمۇ قاتتىق قانۇن چىقىرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئاشكارىلىدى.

خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا يازلىق ”قاتتىق زەربە بېرىش“ ھەرىكىتى باشلىدى

15-ئىيۇن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىڭتۈەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بىرلىكتە ئۇجتۇرۇش چىقىرىپ، 2026-يىللىق ”ئالتۇن قالقان بىلەن تىنچ-ئامانلىقنى قوغداش“ نامىدىكى يازلىق ھەرىكەت قوزغايدىغانلىقى جاكارلىدى. جەمئىيەت مۇقىملىقى، قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە ساياھەتچىلىك تەرتىپىنى قوغداش قاتارلىق كەڭ ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بۇ قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى 7-ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىشىىدىكەن.

رەسمىي ئۇچۇر مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى ھەرىكەت زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش؛ تېلېگراف- تور ئالدامچىلىقى ۋە زەھەرلىك بۇيۇم جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش؛ ياز پەسلىدە كۆپىيىدىغان ئۆكتەملىك قىلىش، قەستەن زەخمىلەندۈرۈش، ھاراق ئىچىپ جىدەل چىقىرىش قىلمىشلىرىغا قارىتا تېز رازۋېدكا قىلىپ، تېز پاش قىلىش؛11 تۈرلۈك نۇقتىلىق قاتناش قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى تىزگىنلەش؛ ساياھەت ساھەسىدىكى «قارا يېتەكچى»، «قارا ۋاسىتىچى» ۋە ساياھەتچىلەرنى سودا قىلىشقا قىستاش قىلمىشلىرىنى جازالاش قاتارلىقلارنى نىشان قىلغان.

گەرچە بۇ قېتىملىق ھەرىكەت پىلانىدا جەمئىيەت ئامانلىقى، ئالدامچىلىق ۋە قاتناش تەرتىپى قاتارلىق كۆپلىگەن ئادەتتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما «زوراۋان-تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش» دېگەن تۈر تىزىملىكنىڭ ئەڭ ئالدىغا قويۇلغان. بۇ نۇقتا ئىنسان ھەقلىرى ئانالىزچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى. كۆزەتكۈچىلەر «قاتتىق زەربە بېرىش» نامىدىكى بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ جەمئىيەت بىخەتەرلىكىدىن بەكرەك، يەرلىك خەلقنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە كىشىلىك ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ قاتتىق چەكلەشكە ۋاسىتە قىلىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى دەپ ئەندىشە قىلىشماقتا.

سىياسىي ئانالىزچى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم ئەركىن ئاسىيا رادىيوسغا مۇنداق دېدى: ”خىتاي مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگىر ۋە تۈرمىلەرگە قاماش؛ ئۇيغۇلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى باستۇرۇشتىمۇ دەل مۇشۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى قوغداشنى سەۋەب قىلغان. شۇڭا بۇ قېتىمقى ”يازلىق ھەرىكەت“نى يېڭى سىياسەت ئەمەس، بەلكى ئاشۇ سىياسەتلەرنىڭ داۋامى دەپ قارىساق بولىدۇ. بىخەتەرلىك سىياسىتى بىلەن ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتى ھازىر خىتايدا بىر-بىرىنى تولۇقلاۋاتقان ئىككى ئاساسىي سىياسەتكە ئايلىنىۋاتىدۇ. مېنىڭچە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش سىياسىتى ئۆزگەرمىگىچە خىتاينىڭ بۇنداق ھەرىكەتلىرى توختاپ قالماي ئىزچىل داۋاملىشىدۇ.“

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي دائىرىلىرى قوزغىغان بۇ ھەرىكەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى «زوراۋان تېررورچىلارغا زەربە بېرىش» نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە يۇقىرى بېسىملىق كونترول قىلىش سىياسەتلىرىنىڭ شەكىلى ئۆزگەرگەن ھالدا يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىڭ، ھەتتا تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ بىر سىگنالى دەپ قاراشماقتا.

ئاۋسترالىيە بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئاساسلىق بازىرىغا ئايلانماقتا

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارىتا ئىجرا قىلىۋاتقان جازا ۋە چەكلىمىلىرى سەۋەبىدىن، خەتەرلىك مەھسۇلاتلار ئەمدى ئىمپورت كونتروللۇقى ئاجىز بولغان ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئوتتۇرا تىپتىكى بازارلارغا يۆتكىلىشكە باشلىغان.

”يۆتكەلگەن خەتەر: ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ئاۋسترالىيە بىلەن ياپونىيەدىكى ئىجرا قىلىش بوشلۇقى“ ناملىق بۇ دوكلاتتا، ب د ت نىڭ 2024-يىللىق سودا سىتاتىستىكىلىرى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىۋاتقان مەھسۇلاتلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپى ئاشكارىلانغان. بۇ خەتەرلەر ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تەمىنلەش زەنجىرىگە چوڭقۇر باغلانغان پاختا كىيىم-كېچەك، كۈنتاختا ماتېرىياللىرى، ئاليۇمىن ۋە خىمىيەۋى مەھسۇلاتلار قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن.

دوكلاتتا ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيەنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسەتلىرىدىكى ئاجىزلىقلار تەنقىد قىلىنغان. ئاۋسترالىيەنىڭ 2018-يىلى ماقۇللانغان «زامانىۋىي قۇللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ۋە ياپونىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق يېتەكچىلىرى شىركەتلەردىن تەمىنلەش زەنجىرىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلسىمۇ، لېكىن چېگرادا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە چەكلەش ياكى مۇسادىرە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس ئىكەن.

بۇ بوشلۇق يېقىندا ئاۋسترالىيەدە قانۇنىي تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولغان. ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تەڭرىتاغ ئاياللار جەمئىيىتى (AUTWA) داڭلىق پارچە سېتىش شىركىتى Kmart ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇپ، شىركەتنىڭ كىيىم-كېچەك تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى خەۋپىنى يوشۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنى ئالدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بۇ دېلو ئاۋسترالىيە قانۇنلىرىنىڭ مەھسۇلاتلارنى چېگرادىن توسۇشتا ئامېرىكىنىڭ ”ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى“غا ئوخشاش ئىجرا كۈچىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە ھۆكۈمەتلىرىگە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنى چېگرادىن كىرگۈزۈشنى مەنئى قىلىدىغان قەتئىي ئىمپورت چەكلىمىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش؛ ئىمپورت قىلغۇچى شىركەتلەرگە مالنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تولۇق ئاشكارىلاش مەجبۇرىيىتىنى يۈكلەش؛باج ۋە تاموژنا ئورگانلىرىغا خەتەرلىك ماللارنى چېگرادا تۇتۇپ قېلىش ۋە تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى بېرىش قاتارلىق تەۋسىيەلەرنى بەرگەن.